چاقماق خەۋەر

ھىندىستان چېگرا رايونىدىكى كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇردى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان خىتاينىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي 44 ئورۇندىكى چېگرا تىرانسپورت كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي-ھىندىستان چېگراسىدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 50 گىرادۇسقا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ تېخى ئەسكەر چېكىندۈرۈش توغرىسىدا سىگنال بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي تەرەپنىڭ قارشىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي ھىندىستان 44 ئورۇندىكى چېگرا تىرانسپورتى كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يەتتىنچى قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن خىتاي بىلەن ھىندىستان 13-ئۆكتەبىر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى ھەربىي قومانداننىڭ «ئاكتىپ ۋە ئىجابىي» مۇزاكىرىلىشىپ، ھىمالايا چېگراسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي ۋە ھىندىستان دىپلوماتلىرى ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرى بىر قانچە قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئەسكەر چېكىندۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. دۈشەنبە ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى غەربىي ھىمالايا تېغىنىڭ ھىندىستان تەرىپىدىكى چۇشۇلدا يەتتىنچى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، سۆھبەت 10 سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشقان.

بۇ تالاش-تارتىش بۇ يىل 4-ئاينىڭ بېشىدا باشلانغان بولۇپ، يېڭى دېھلى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تىبەت ئېگىزلىكى بىلەن چېگرالىنىدىغان ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىنىڭ ھىندىستان تەرىپىدىكى لاداخ رايونىغا سىڭىپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي بۇ رايوننىڭ خىتاي زېمىنىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ھىندىستاننى بۇ رايوندىكى تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

نۆۋەتتە ئىككى تەرەپتىكى ئون مىڭلىغان ئەسكەرلەر زەمبىرەك، تانكا ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار بىلەن قوراللانغان. ھازىرغا قەدەر ھەر ئىككى تەرەپ ئەسكەر چېكىندۈرۈش توغرىسىدا سىگنال بەرمىگەن. گەرچە قىش يېقىنلاپ قالغان، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 50 گىرادۇسقا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەزىيەت كەسكىن داۋام قىلماقتا ئىكەن.

بۇ خەۋەر 139 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2020 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق