چاقماق خەۋەر

ئامېرىكا ئەقىل ئامبارلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ئامېرىكىنىڭ ئەقىل ئامبارلىرى ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىدىن چەت ئەلدىن قوبۇل قىلغان ياردەم مەبلەغلىرىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تەسىرىنى كۆزدە تۇتقان.

پومپېيو بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا سىياسىتىگە تەسىرى چوڭ بولغان بىر قىسىم ئەقىل ئامبارلىرىغا سىڭىپ كىرىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن ھەمكارلىشىشقا قىزىقىدىغان ئەقىل ئامبارلىرىنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئورگان تور بېكىتىدە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتاينىڭ ئۆز تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشىغا قاتتىق زەربە بەرگەن. بۇلارنىڭ قاتارىدا خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى توققۇز ئاخبارات ئورگىنى ۋە ئامېرىكىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى باشقۇرىدىغان «كۇڭزى ئىنستىتۇتى ئامېرىكا مەركىزى»نى ئارقا-ئارقىدىن چەتئەللىك ۋاكالەتچىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، خادىملار ۋە ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان.

پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى 2020-يىلى 1-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا مەملىكەت مىقياسىدا 1872 ئەقىل ئامبىرى بار بولۇپ، بۇنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ۋاشىنگتونغا مەركەزلەشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ۋاشىنگتوندىكى ئەقىل ئامبارلىرى قوبۇل قىلغان ياردەم مەبلىغىنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكىغا دوستانە بولغان دۆلەتلەردىن كېلىدىكەن.

ۋاشىنگتون پايدا ئالمايدىغان يەرشارى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ بۇ يىلقى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ۋاشىنگتوندىكى ئەقىل ئامبارلىرىنى ئەڭ چوڭ ياردەم بىلەن تەمىنلىگۈچى نورۋېگىيە ئىكەن. نورۋېگىيەدىن باشقا ۋاشىنگتوندىكى ئەقىل ئامبارلىرىنى ياردەم بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئەنگلىيە، ئەرەب قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەر ۋە تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇلار خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ۋەدە بەرگەن.

بۇ خەۋەر 124 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2020 16:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق