چاقماق خەۋەر

خىتاي يادرو قوراللىرىنى تىزگىنلەش سۆھبىتىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 13-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى تىزگىنلەش سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ دۈشەنبە ب د ت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قورالسىزلىنىش ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنازىرە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ ئامېرىكا ۋە رۇسىيە بىلەن ئوخشاش ئەمەسلىكىنى، ئۈچ تەرەپلىك قورال تىزگىنلەش سۆھبىتىنىڭ «ئادالەتسىز، ئەقىلگە سىغمايدىغان ۋە مۇمكىن بولمايدىغان» بىر ئىش ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللىرىنى چەكلەش مەسىلىسىدە ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يىل 6-ئايدا ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئەمەلدارلىرى ۋىيېننادا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كېلەر يىلى 2-ئايدا ئاخىرلىشىدىغان يېڭى «START» شەرتنامىسىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلماقچى بولغان.

خەۋەردە يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قورالنى ئازايتىش شەرتنامىسىنىڭ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە تۈزگەن بىردىنبىر قورال تىزگىنلەش كېلىشىمى ئىكەنلىكى، ئەگەر داۋاملىق ئۇزارتىلمىسا، دۇنيا يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە يادرو قورال قانۇنىي چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ئەھۋالغا دۇچ كېلىدىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

پىرېزىدېنت تىرامپمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي-رۇسىيە-ئامېرىكا ئۈچ تەرەپ قورال-ياراغ مۇسابىقىسىدىن ئۆزىنى تارتىشنى خالايدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ قورال تىزگىنلەش سۆھبىتىگە قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

خىتاي ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ خىتاينىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە مەڭگۈ ساقلايدىغانلىقىنى ۋە ھېچقانداق دۆلەت بىلەن يادرو قوراللىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا يادرو زەربە بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ قالسا، كەلگۈسى ئون يىلدا خىتاي يادرو قورال ئامبىرىدىكى يادرو ئوق بېشىنىڭ سانى كەم دېگەندە بىر ھەسسە كۆپىيىدىكەن.

ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ئادمىرال رىچارد: «ئامېرىكا يەنە ئون يىل ئىچىدە بىرلا ۋاقىتتا رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە ئىككى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچىگە دۇچ كېلىدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 111 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2020 16:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق