خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلىغى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا

خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلىغى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا

يۇلتۇز تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلەغلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشكە باشلىغان. خىتاي تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە بانكا قاتارلىق ساھەلەرگە داۋاملىق مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى مۇدىر ياردەمچىسى چيەن مىنجيەن بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ بىر قىسىم تۈركىيە بانكىلىرىنى سېتىۋالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا قىزىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى، مەبلەغ سېلىشنىڭ داۋاملىق كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە خىتاي سودا-سانائەت بانكىسى ۋە خۇاۋېيغا ئوخشاش چوڭ شىركەتلەرنىڭ تۈركىيەگە ئورۇنلاشقانلىقىنى، باشقا نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرىنىڭمۇ تۈركىيەدە ئىش بېجىرىش مەركىزى قۇرغانلىقىنى، يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئالاقىسىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇندىن باشقا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى لۇ كاڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپنىڭ دۇنيا تۈزۈلمىسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ چوڭ بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارالىق تەرتىپنى قوغدىسا، خىتاينىڭ تۈركىيەگە ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1102 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2019 17:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق