مەسچىتلەرنىڭ تاقالغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاندى

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستاندا كۆپ ساندىكى مەسچىتلەرنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن چېقىپ تاشلىدى. چىقىلمىغان مەسچىتلەرنى ئاخىرقى يىللاردا خىتايلار ئۈچۈن ئىشخانا ، كۆڭۈل ئىچىش ئورنى ، ساياھەتچىلەرنى كۈتىدىغان ئۆي ، كىيىم تىكىش زاۋۇتى ، بەزمىخانا قىلىپ ئۆزگەرتتى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا يۈرگۈزگەن دىنغا قارشى رەزىل پىلانى خەلقئارادا ئاشكارىلانغاندىن كىيىن، خىتاي دەرھال يالغان سەھنە ھازىرلاپ بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ ئىشىكىنى ئىچىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىنى پائالىيەتلىرىنى ئەركىن قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە يالغان تەشۋىقاتلارنى تارقاتتى.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسىدە تارقالغان بىر سىندىن مەلۇم بولۇشىچە ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىگە ساياھەتكە بارغان بىر خىتاي قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدىكى مەيداننى سىنغا ئېلىپ تارقاتقان بولۇپ، ماھىيىتى مەيداندا ئادەملەرنىڭ ئازلاپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

سىندا خىتاي ساياھەتچى يەنە، كامېرانى ھېيتگاھ مەسچىتىگە توغۇرىلاپ تۇرۇپ، »بۇ بىر مەشھۇر ھىيىتگاھ مەسچىتى لېكىن بۇ مەسچىت ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن تاقىلىپ، ساياھەتچىلەرگە ئېچىلدى. «دېگەن .

خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن مەسچىتلەرنىڭ ئىبادەتكە ئوچۇقلىقىنى ، دىنى چەكلىمە يوق ئىكەنلىكىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ خالىغان ۋاقتىدا ئىبادىتىنى قىلىۋاتقانلىقىنى جار سالغان ئىدى . لېكىن ئەمەلى پاكىتلار خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن يالغانچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

https://www.facebook.com/zaomure.dawuti/videos/361939431629343
بۇ خەۋەر 3171 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2020 17:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق