12-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 3-نۆۋەتلىك مىللىي بىرلىك شۇراسى ئەنقەرەدە باشلاندى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشكىللىگەن 12-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 3-نۆۋەتلىك مىللىي بىرلىك شۇراسى ئەنقەرەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلاندى.

بۇ قېتىملىق يىغىلىشقا تۈركىيە، ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئامېرىكا ۋە پاكىستان قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن تەشكىلات رەھبەرلىرى، دىنىي ئالىملار، ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە جامائەت ئەربابلىرى قاتناشتى.

يىغىلىش قۇرئان تىلاۋىتى ۋە ئىستىقلال مارشى بنلەن باشلاندى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. كېيىن بىر قىسىم تەشكىلات رەھبەرلىرى تەبرىك سۆزى قىلدى. خىتاي ۋىرۇسى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر قىسىم تەشكىلات رەھبەرلىرى يىغىلىشقا كېلەلمىگەن بولۇپ، ئۇلار ۋىدىيولۇق سالام سۆزى ئەۋەتىپ، يىغىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەشتى.

يىغىلىشقا يەنە تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى گۆكچە ئوقمۇ قەدەم تەشرىپ قىلغان بولۇپ، تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى. ئۇ تەبرىك سۆزىدە تۈركىيەنىڭ ھەرۋاقىت شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر يىغىلىش 26-سېنتەبىردىن 28-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، كەلگۈسى يۆنىلىشى، تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىق قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلەيدۇ ۋە ئۆزئارا مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 5998 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2020 15:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق