خىتاي يەنە يەكەندىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇرنى سۈرگۈن قىلدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش »، « ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئۆز يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىپ باشقا يەرلەردە مەجبۇرى ئەمگەككە سالماقتا.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەكەن ناھىيەسى ئىلىشقۇ يېزا 4- كەنتتىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سۈرگۈن قىلىنغان. سۈرگۈن قىلىنغانلار ئوتتۇرا ياش ئەرلەر ۋە ئاياللار بولۇپ، ھەممىسىنىڭ چوڭ ئامباردەك بىر يەردە بىر تۇتاش تاماق يېيىش ئۈچۈن رەتكە تىزىلىپ ساقلاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئۇلار لاگېردىن خىتاي زاۋۇتلىرىغا يۆتكەلگەن تۇتقۇنلار بولۇشى پەرەز قىلىنماقتا.

يەنە بىر سىندا، بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ غۇلجىنىڭ تىكەستىن ئۈرۈمچىگە سۈرگۈن قىلىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقانلىقى، 10 دىن ئارتۇق چوڭ ئاپتوبۇسنىڭ سۈرگۈن قىلىنغان كىشىلەرنى ئىلىپ مېڭىش ئۈچۈن ساقلاۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى .

خىتاي يېقىنقى بەش يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، ئورنىغا خىتايلارنى يۆتكەپ كەلمەكتە.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ھەركۈنى دېگۈدەك تارقىلىۋاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىزچىل تۈردە سۈرگۈن قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ بىراق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشنى تەشۋىقاتلىرىنى بارلىق كۈچى بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا.

https://www.facebook.com/100034398679054/videos/pcb.360056515150968/360056241817662
https://www.facebook.com/100034398679054/videos/pcb.359257528564200/359255861897700
بۇ خەۋەر 3154 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2020 17:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق