ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئېغىر ئەمگەك بىلەن خورلىغان .

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئاخىرقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن لاگېر سىياسىتى سەۋەبلىك مىليونلىغان ئائىلە ۋەيران بولدى . ئاتا- ئانىسى لاگېرلارغا قامالغان كىچىك بالىلار يېتىم بولدى، ياش قىز - يىگىتلەر ۋە ئوتتۇرا ياش ئاياللار، ياشانغانلار مەجبۇرى ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىندى ، ئائىلىسىدىكى ئەرلەر لاگېرغا قامالغان بىر قىسىم قىز -ئاياللار خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاندى .

ئۇيغۇرلارنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىيىن قىستاققا ئىلىپ، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىۋاتقان خىتاي تاجاۋۇزچىلار ئەمدىلىكتە ئوتتۇرا ياش ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن ياشانغان ئەرلەرنى مەجبۇرى ھالدا ھەر تۈرلۈك ھاشارغا سېلىپ قىينىماقتا .

بۈگۈنكى كۆرىنىشلەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدە ئاز بىر قىسىم ئەرلەر كۆپىنچىسى ئاياللار بولۇپ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر خەلقىنى مەجبۇرىي ھاشارغا سالغانلىقى كۆرسىتىلگەن . 21 ئەسىردە پۈتۈن ئىشلار تېخنىكا بىلەن قىلىنىدىغان ھالەتكە كەلگەن بولسىمۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقنى قەستەن ئەمگەك ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن خورلىماقتا.

ئادەتتە ، زەيدان چېپىش، ئۆستەڭ چېپىش ئەمگىكى ئېغىر ئەمگەكلەر قاتارىدىن بولۇپ، پەقەت قىران ئەرلەر قىلالايدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئاجىزە ئاياللارنى ئۆستەڭ چېپىشقا مەجبۇرلىشى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلاش قىلمىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

https://www.facebook.com/100034398679054/videos/pcb.359075641915722/359073981915888
بۇ خەۋەر 3089 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2020 17:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق