ئىككى ئۇيغۇر ئۆلىما دۇنيا ئىماملار كېڭىشىگە ئەزا بولدى

دۇنيا ئىماملار كېڭىشى بۈگۈن ئورگان تور بېتىدە ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بىلەن دوكتور ئالىمجان بۇغدانىڭ مەسلىھەت كومىتېتىغا ئەزا بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.

دوكتور ئالىمجان بۇغدا قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

دۇنيا ئىماملار كېڭىشى ئۆز باياناتىدا ئىككى ئۆلىمانىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن مەزكۇر كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئىماملار كېڭىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆلىمالاردىن تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات بولۇپ، نۆۋەتتە مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار.

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى خەلقىمىزگە ۋاكالىتەن ئۇستازلارنىڭ يەرشارى ئىماملار كېڭىشى مەسلىھەت كومىتېتىغا ئەزا بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز ھەمدە ئۇستازلىرىمىزنىڭ كېڭەش ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

 

بۇ خەۋەر 20738 قېتىم كۆرۈلدى
22/09/2020 13:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق