مارافونچە قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

مارافونچە قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

ئۆز خەۋىرىمىز: گوللاندىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى تۆت ئايلىق مارافونچە قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى.
نامايىشنى گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى تەشكىللىگەن بولۇپ، 7-سېنتەبىر باشلانغان ئىدى. نامايىش ھەپتە ھەر كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئىشقا چۈشكەن ۋاقىتقا توغرىلىنىپ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھەر بىر كىشى ئۆز نۆۋىتىدە خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى يەرگە خىتايغا قارشى شوئارلارنى يازغان ۋە رېشاتكىلارغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى ئاسقان ئىدى.
16-سېنتەبىر خىتاينىڭ گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە شىكايەت قىلىشى سەۋەبلىك ئويلىمىغان يەردىن نامايىشنىڭ ئورنى ئىككى ھەپتىگىچە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆزگەرتىلگەن.
بۇ ھەقتە گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى رەئىسى ئوبۇلقاسىم قارىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىر ھەپتىدىن بۇيان نامايىشنىڭ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پىداكارلىقى بىلەن تەرتىپلىك ھالدا داۋام قىلغانلىقىنى، بىراق 16-سېنتەبىر مەسئۇللار شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە چاقىرتىلغانلىقىنى، ساقچىلار ئۇلارغا «خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرى بىزنى ئاۋارە قىلدى» دەپ شىكايەت قىلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك نامايىشنىڭ ئورنىنى ئىككى ھەپتىگىچە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىن ئەلچىخانا ئارقىسىغا يۆتكەشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشنى كېلەر يىلى يىل بېشىغىچە داۋاملاشتۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، گوللاندىيە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسى چىڭ ئىكەن، تۆت ئايلىق مارافونچە قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا نامايىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.
نامايىش جەريانىدا خىتايدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى تاقاش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قويۇپ بېرىشى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان.

 

بۇ خەۋەر 6413 قېتىم كۆرۈلدى
17/09/2020 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق