ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللاندى

ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللاندى
شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يېزىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
مەكتۇپتا خىتاينىڭ 2018-يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىندا نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ لاگېرلارغا سەۋەبسىز قامىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك بېسىمى بىلەن ئاخىرى بۇنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، مەزكۇر ئورۇنلارنىڭ لاگېر ئەمەس، «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغانلىقى، خىتاي ئالدىنقى يىلى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش مەقسىتىدە ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى»دىكى كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىگە قايتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشەنچلىك ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ لاگېرلارنىڭ ھازىرغىچە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە كەم دېگەندە ئۈچ يېڭى «جازا لاگېرى»نىڭ ئېنىقلانغانلىقى، مەزكۇر ئۈچ ئورۇندىكى لاگېردا كەم دېگەندە 20 مىڭ كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ ئاشكارىلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەكتۇپتا يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى ياۋروپا زىيارىتى جەريانىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى يەنە بىر قېتىم ئالداشقا ئۇرۇنۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە دۇنيانى ئىزچىل ئالداپ كەلگەنلىكى، ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەخمەق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ يالغان-ياۋىداقلىرىغا ئالدانماي، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە لاگېر مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 6607 قېتىم كۆرۈلدى
17/09/2020 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق