ئۇيغۇر تەشكىلات ھەيئىتى ئالىي مائارىپ كومىتېتىنى زىيارەت قىلدى

ئۇيغۇر تەشكىلات ھەيئىتى ئالىي مائارىپ كومىتېتىنى زىيارەت قىلدى
ئۆز خەۋىرىمىز: ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئاكادېمىكلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتېتىنى(YÖK) زىيارەت قىلدى.
ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، قەھرىمان ماراش ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلار ئەزاسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، د ئۇ ق باش كاتىپى دوكتور ئەركىن ئەمەت قاتارلىقلاردىن تەشكىللەندى. ھەيئەتنى تۈركىيە ئالىي مائارىپ كېڭىشىنىڭ رەئىس ۋەكىلى پىروفېسسور، دوكتور رامى ئەر ئەپەندى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. 
ھەيئەت زىيارىتىدە شەرقىي تۈركىستان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئاكادېمىك ئوقۇش باسقۇچلىرىدا دۇچ كەلگەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا مەزكۇر مەسىلىلەرنى قانداق ئۇسۇلدا ھەل قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلدى. ئاخىرىدا ھەيئەت دوكتور رامى ئەر ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گىرىبى چۈشۈرۈلگەن لەۋھە تەقدىم قىلدى.

بۇ خەۋەر 7006 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2020 17:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق