بىر قىسىم جامائەت ئەربابلىرى مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

بىر قىسىم جامائەت ئەربابلىرى مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى
11-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئارىسىدىكى بىر قىسىم ئۆلىمالار ۋە جامائەت ئەربابلىرى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
مېھمانلارنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر، كۆك ئاي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى كۈتۈۋالدى.
مېھمانلار ھەر ۋاقىت جەمئىيەتنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى، جەمئىيەتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئىككى تەرەپ ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان قىسمەن مەسىلىلەر، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى يولۇقۇۋاتقان قىيىنچىلىق، كىرىزىسلار ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ھەققىدە ئۆزئارا مۇزاكىرىلەشتى.

بۈگۈن (12-سېنتەبىر) يەنە بىر قىسىم جامائەت ئەربابلىرى ۋە ياشانغانلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن قىلىۋاتقان خالىسا خىزمەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، ھەرقانداق ۋەزىيەتتە جەمئىيەتنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 6441 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2020 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق