پاكىستان خەلقى پەيغەمبىرىمىزنى ھاقارەتلىگەن فىرانسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

پاكىستان خەلقى پەيغەمبىرىمىزنى ھاقارەتلىگەن فىرانسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

3-سېنتەبىر پاكىستان ۋە بېنگال مۇسۇلمانلىرى فىرانسىيەنىڭ سىياسىي ساتىرا ژۇرنىلى «چارلى ھېبدو»نىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تېما قىلغان ھاقارەتلىك ھەجۋىي رەسىملەرنى قايتا نەشر قىلغانلىقىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشتا فىرانسىيە بايرىقى كۆيدۈرۈلۈپ، مەزكۇر فىرانسىيە ژۇرنىلىنىڭ قايتا نەشر قىلىنىپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ھاقارەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى ھەمدە فىرانسىيەنىڭ بۇ ژۇرنالنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. نامايىشچىلار پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە بارلىق ئىسلام ئەللىرىنى فىرانسىيە مېلىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئەلى مۇھىددىن ئەل قاراداغى «چارلى ھېبدو» ژۇرنىلىنىڭ بۇ قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، فېيسبۇك ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلدى.

قاراداغى باياناتىدا: «بىز جاھالەتكە جاھالەت بىلەن جاۋاب قايتۇرمايمىز. بۇ ژۇرنالمۇ ۋە ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاپىنىغا قونغان توپا-چاڭچىلىق قىممەتكە ئېرىشەلمەيدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئۇ باياناتىدا مۇسۇلمانلارنىڭ يامانلىقنىڭ ئەمەس، پىكىرلەرنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز بارلىق مۇقەددەس ئۇقۇملارغا چېقىلىشقا بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ياخشىلىق، ئادالەت ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئۆگەتكۈچىسى بولغان پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلغانلار ئەخلاقسىز ۋە نومۇسسىزلاردۇر» دېدى.

مەزكۇر ژۇرنال 2015-يىلى 1-ئايدا ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ھاقارەتلىك ھەجۋىي رەسىملەرنى ئېلان قىلىپ، ئىسلام ئەللىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ۋە قانلىق «چارلى ۋەقەسى»نىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولغان ئىدى. 

بۇ خەۋەر 21463 قېتىم كۆرۈلدى
05/09/2020 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق