«خۇش خەۋەر»دىن ئىلگىرى ۋە كېيىن

«خۇش خەۋەر»دىن ئىلگىرى ۋە كېيىن

 

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

18-ئاۋغۇست تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان ئۈچ كۈندىن كېيىن (جۈمە كۈنى) تۈركىيە خەلقىگە تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ناھايىتى چوڭ خۇش خەۋەر بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەردوغاننىڭ بۇ سۆزى تۈركىيەدە ناھايىتى كۈچلۈك ھاياجان ۋە قىزىقىش قوزغىغان بولسا، دۇنيادىمۇ ئالاھىدە خەۋەر بولۇپ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى.

بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن تۈرك لىراسىنىڭ قىممىتى ئېشىشقا باشلاپ، بىر دوللار 7.35 تىن 7.20 گە چۈشتى. ئالتۇننىڭ باھاسى بولسا 476 لىرادىن 470 لىراغا چۈشتى. تۈركىيەدىكى ھەر قايسى نېفىت شىركەتلىرىنىڭ پاي چەكلىرى بولسا بىردىنلا ئۆرلەشكە باشلىدى.

ئەردوغاننىڭ بۇ سۆزىدىن كېيىن تۈركىيە ئىچى-سىرتىدا كۆپلىگەن دۆلەتلەر، پارتىيەلەر، سىياسەتچىلەر ۋە شەخسلەر ئەردوغان ئېلان قىلماقچى بولغان خۇش خەۋەرنىڭ قانداق بىر خۇش خەۋەر ئىكەنلىكى ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خەۋەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل كۆز قاراش ۋە پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ خەۋەرگە قارىتا بىر قىسىم مۇلاھىزە ۋە كۆز قاراشلار تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تەشكىل قىلغان ئاق پارتىيە ۋە بۇ پارتىيەگە يېقىن پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار بۇ خەۋەرنىڭ تۈركىيە ۋە خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەم پايدىلىق ياخشى خەۋەر بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

تۈركىيەنىڭ (Bloomberg HT) ئىقتىسادىي خەۋەر قانىلى بولسا تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدىن ئېنېرگىيە ئىزدەش جەريانىدا ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ پارتىيەسى بولغان ج ھ پ نىڭ پارلامېنت ئەزاسى ھۈسەيىن يىلتىز (Hüseyin Yıldız) «ئەگەر پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغان ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرسە، 83 مىليون تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خۇش خەۋەر بولىدۇ» دېدى.

 بەزى ئۇيغۇرلار ئەردوغان ئېلان قىلىدىغان خۇش خەۋەرنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسا، يەنە بەزى ئۇيغۇرلار بۇ خەۋەرنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. يەنە بەزى ئۇيغۇرلار ئىنكاسلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراش ۋە پەرەزلەرگە قارىتا خۇرسىنىش ئىچىدە، خىتاي ۋە تۈركىيە ئارىسىدىكى، خىتاي ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى تەرەققىياتلارغا دىققەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئازلىقىنى ئېيتقان بولسا، بەزى ئۇيغۇرلار خىتاي ئىران بىلەن توختامغا ئىمزا قويغاندىن كىيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھىندىستان بىلەن بىر گەۋدە بولىدىغانلىقى، تۈركىيەنىڭ بولسا خىتاي، ئىران ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىر گەۋدە بولۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەزى ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدىن غايەت زور تەبىئىي گاز زاپىسى تاپقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، يەنە بەزى ئۇيغۇرلار ئەردوغاننىڭ نۇتۇقىدىن كېيىن نېفىت شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكىنىڭ %15، %20 ئۆسۈپ كەتكەنلىكىگە قارىتا نېفىت ياكى گاز زاپىسى بايقىغانلىق پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۈتكەن كۈن يېتىپ كەلدى. 8-ئاينىڭ 21-كۈنى پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى دولما باغچە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە يىغىندا، تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان 83 مىليون تۈركىيە خەلقىگە تارىخىي خۇش خەۋەر بەردى. ئەردوغاننىڭ بۇ خۇش خەۋىرى تۈركىيە تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدە «تۈركىيە ئۈچۈن تارىخى كۈن» دەپ ئاتالدى.

 رەجەپ تاييىب ئەردوغان: «ئەزىز خەلقىم، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىكىمىزنىڭ قىممەتلىك ئەزالىرى، ھۆرمەتلىك مېھمانلار، ھۆرمەتلىك ئاخبارات خادىملىرى، مەن سىلەرنى پۈتۈن سەمىمىيىتىم بىلەن چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. بۈگۈن بىز سىلەر بىلەن بىرلىكتە دۆلىتىمىز ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە خۇش خەۋەرنى ئورتاقلىشىمىز. ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا بولسۇن! تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسى قارا دېڭىزدىن بايقالدى. بىزنىڭ فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتىمىز تۇنا-1 بۇرغىلاش جەريانىدا 320 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسىنى بايقىدى» دەپ، بۇ ئالاھىدە خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلدى.

بۇ خۇش خەۋەرنى ئەسلىدە تۈركىيە نۇقتىسىدىن تۇرۇپ قارىغاندا ھەقىقەتەن ئالاھىدە خۇش خەۋەر دېيىشكە بولاتتى. چۈنكى تۈركىيەدە نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق كان بايلىقلىرى يوق بولۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1923-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق ھەرقانداق بىر دۆلەتتە كەم بولسا بولمايدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە بولغان ئېھتىياجىنى ئىران، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن سېتىۋېلىپ ئىشلىتەتتى. بۇ قېتىم بايقالغان تەبىئىي گاز زاپىسى بولسا تۈركىيەنىڭ 7-8 يىللىق ئېھتىياجىغا يېتىدىغان بولۇپ، تۈركىيە ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئالاھىدە خۇش خەۋەر ئىدى.

ئەردوغان ئېلان قىلغان خۇش خەۋەردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر قىسىم مۇلاھىزە ۋە كۆز قاراشلار تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز (Fatih Dönmez)، بايقالغان تەبىئىي گازنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنىڭ 65 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ئېھتىياجى ئۈچۈن ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 مىليارد دوللارلىق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سېتىۋېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ تەبىئىي گاز ئەگەر 2023-يىلىدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىسا، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15 مىليارد دوللارلىق ئىقتىساد تۈركىيەنىڭ قولىدا قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ كېيىن بۇ بايقاشنىڭ پەقەت دەسلەپكى قەدەمدىكى بايقاش بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە باشقا تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە سودا ھەيئەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تۈركىيەنىڭ بۇ تەبىئىي گاز بايقىشىنى «تۈركىيە ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە چوڭ ۋەقە، بۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى ئېشىپ، ئىمپورتى تۆۋەنلەيدۇ، دەپ سۈپەتلىدى. تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل گۈللە (İsmail Gülle): «بۇ تۈركىيەنىڭ بۈگۈنگىچە بايقىغان ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسى بولۇپ، تۈركىيە ئۈچۈن زور ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئەردوغان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرى تەرىپىدىنمۇ نەق مەيداندىن تارقىتىلدى، شۇنداقلا خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىپ ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى (The Washington Post): «ئەردوغان قارا دېڭىزدىن ئىنتايىن چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسى بايقىدى» دەپ خەۋەر قىلغان بولسا، رۇسىيەنىڭ سىپاتنىك خەۋەر ئاگېنتلىقى (Sputnik ajansı): «پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ قارا دېڭىز رايونىدىن تېخىمۇ كۆپ تەبىئىي بايلىق تېپىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى» دەپ خەۋەر قىلدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «The Nation»: «تۈركىيە قارا دېڭىزدىن ئىنتايىن مۇھىم تەبىئىي گاز زاپىسى بايقىدى» دەپ خەۋەر قىلغان بولسا، خىتاينىڭ خەلق گېزىتى ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقى بولسا: «تۈركىيە بايقىغان مۇھىم تەبىئىي گاز زاپىسىنى ئەردوغان ئېلان قىلدى» دەپ يازدى. ئىسرائىلىيەنىڭ يېرۇسالېم پوچتا گېزىتى (Jerusalem Post): «ئەردوغان رايوندا يەنە تېخىمۇ كۆپ تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى» دېگەن بولسا، ياۋروپانىڭ ياۋروپا خەۋەرلىرى گېزىتى (Euronews): «تۈركىيە بايقالغان تەبىئىي گازنىڭ 2023-يىلىدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە تەييار قىلىشنى پىلانلىدى» دەپ ئېلان قىلدى.

تۈركىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ پارتىيە بولغان ج ھ پ نىڭ مەركىزى ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي سۈكۈتتە تۇرغان بولسا، پىروفېسسور گۆكخان چاپئوغلى (Gökhan Çapoğlu) «Tele1» تېلېۋىزىيە قانىلىدا: «ئەگەر پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغان ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرسە، دوللار بەش لىراغا چۈشىدۇ» دېدى.

ئىقتىسادشۇناس پىروفېسسور دوكتور سەفەر شەنەر (Sefer Şener): «بۇ بايقاش تۈركىيەگە نىسبەتەن سەل قارىلىدىغان ئادەتتىكى ئىش ئەمەس. تۈركىيە بۈگۈنگىچە ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيەنىڭ %98تىن كۆپ قىسمىنى سېتىۋېلىش بىلەن ھەل قىلىپ كەلگەن ئىدى، بۇ بايقاشتىن كېيىن بۇنداق ئەھۋال ئۆزگىرىدۇ. بۇ بايقاش تۈركىيە ئىقتىسادىنى %1.5 يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ھەمدە نۇرغۇن كىشىلەرگە ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

بەزى كىشىلەر: «بايقالغان بۇ تەبىئىي گازنى ئىشلىتىش ئۈچۈن يەنە نەچچە يىل ساقلايدىغان گەپكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېڭىزدىن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۈچ-تۆت مىليارد دوللار چىقىم بولىدىكەن» دېگەن بولسا، يەنە بەزى كىشىلەر: «بايقالغان تەبىئىي گازنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟» دېگەن ئىنكاسلاردا بولدى.

 بەزى ئۇيغۇرلار: «تۈركىيەنىڭ 320 مىليارد كۇپ مېتىرلىق گاز بايلىقى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان چوڭ مۆجىزە دېگەنلىكى تۈركىيەگە خاس بىر ئىش بولسا كېرەك... بۇ پەقەتلا تۈگمىنى تۆگە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن. بەزى ئۇيغۇرلار: «بۇ تۈركىيەگە نىسبەتەن بىر ياخشى باشلىنىش» دېگەن بولسا، يەنە بەزى ئۇيغۇرلار: «بۇ بايقاشنىڭ نەتىجىسى قىسقا ۋاقىتتا كۆرۈلمەيدۇ، بىر قانچە يىلدىن كېيىن باھا بەرسەكمۇ كېچىكمەيمىز» دېگەن. بەزى ئۇيغۇرلار: «ئاللاھ تۈركىيەگە بۇنداق بايلىقنى كۆپلەپ بەرسۇن. شۇنداق بولغاندا باشقىلارنىڭ سىزىپ بەرگەن خەرىتىسىدىن چىقىپ، ئۆز يول خەرىتىسى بىلەن ياشار. بەلكى شۇنداق بولسا بىزگىمۇ ئازراق پايدىسى بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

يىغىپ ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ يەتتە-سەككىز يىل يەتكۈدەك تەبىئىي گازغا ئىگە بولۇشى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن، خەلقى ئۈچۈن ۋە تۈركىيەنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن چوڭ بىر ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. تۈركىيە بەلكىم يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئاق دېڭىز ۋە قارا دېڭىز قاتارلىق رايونلاردىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن يەنە مۇشۇ خىلدىكى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ تەبىئىي بايلىقلارنى بايقىشى مۇمكىن.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

2020-يىلى 22-ئاۋغۇست

بۇ خەۋەر 34091 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2020 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق