ئامېرىكا خوڭكوڭنىڭ يەنە بىر قاتار ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 19-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭ بىلەن بولغان ئۈچ تۈرلۈك كېلىشىمنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ بىلەن تۈزگەن قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، جازا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ۋە خەلقئارالىق دېڭىز تىرانسپورتى دارامەت بېجىنى ئۆزئارا كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك كېلىشىمنى بىكار قىلغان.

خىتاي خوڭكوڭدا «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى مەجبۇرىي يولغا قويۇشقا باشلىغاندىن كېيىن ئامېرىكا خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازىنى بىكار قىلغان ۋە خوڭكوڭنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان خىتاي ۋە خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرىدىن 11 كىشىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ بۇ يېڭى قارارى خىتاي ۋە خوڭكوڭنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، خوڭكوڭ مەمۇرىي ھۆكۈمىتى بۈگۈن بۇ ھەقتە نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلغان. باياناتتا ئامېرىكا ۋە خوڭكوڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كېلىشىملەر ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭغا قاراتقان ئېتىبار مۇئامىلىسى بولماستىن، بەلكى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنامە ئىكەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي 30-ئىيۇن خوڭكوڭ نۇسخىسىدىكى «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى رەسمىي يولغا قويغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر خوڭكوڭ بىلەن بولغان ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 684 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2020 12:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق