«ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى»نى ئۆتكۈزۈپ بېرىش توختامى ئىمزالاندى

«ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى»نى ئۆتكۈزۈپ بېرىش توختامى ئىمزالاندى

ئىستانبۇلنىڭ سىلىۋىېر، سېلىم پاشا رايونىغا جايلاشقان «ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى»نى ئۆتكۈزۈپ بېرىش توختامى 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» ئىشخانىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىمزالاندى.

«ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى» — «ئۇيغۇر ئىلىم - مەرىپەت ۋەخپى» تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ئانا تىل، چەتئەل تىللىرى، دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىتىشنى ئاساس قىلغان، مۇھاجىرەتتىكى بىردىنبىر چوڭ كۆلەملىك ۋە مۇنتىزىم ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئورنى بولۇپ، 2014-يىلى مەرىپەتپەرۋەر ئۇستازلاردىن ئابدۇلغەنى قۇتۇبى ۋە ھەبىبۇللاھ كۈسەنى باشلامچىلىق قىلىپ، بارلىق زېھنىنى سەرپ قىلىشى ۋە ئىلىم سۆيەر كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 4 يىللىق جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە، ھەربىرى 4000 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق ئىككى بىنا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتى.

بۇ مەكتەپ قۇرۇلغان قىسقىغىنا نەچچە يىل ئىچىدە ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، ئەقىدىلىك، مىللەتپەرۋەر ۋە ھەر قايسى تەرەپلەردە دەۋرگە ماس قەدەمدە يېتىلگەن بىر ئەۋلادنى تەربىيەلەش يولىدا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى.

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» ئىشخانىسىدا (دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە دوكتورانت ئابدۇرېھىم دۆلەت) قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا، ئىستانبۇل سېلىم پاشادىكى «ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى»نىڭ ئىككى بىناسىنىڭ ئىدارە قىلىش ھوقۇقى ئۇستاز ئابدۇلغەنى قۇتۇبى ۋە ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنىدىن ئۇستاز مۇھەممەد ئەلى ئەمىنگە 2025-يىلىغىچە (بەش يىللىق) ئۆتكۈزۈپ بېرىش توختامى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىمزالاندى. توختام ئىمزالانغاندىن كېيىن «ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى»نىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يېڭىچە روھ، يېڭىچە مېتود ۋە دەۋرگە ماس ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتى بىلەن، ئېتىقادلىق، بىلىملىك ۋە جەڭگىۋار بىر ئەۋلاد يېتىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش پىلانلاندى ۋە ياخشى تىلەكلەر تىلەندى.

 

بۇ خەۋەر 3105 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2020 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق