نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار: بەرنا ئىبراھىم

بەرنا ئىبراھىم

(چەت ئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)

 

ئەركىن سىدىق

 

سىڭلىمىز بەرنا دوكتور ئابلەھەت ئىبراھىم بىلەن مەرھابا خانبابا خانىمنىڭ ئىككىنچى قىزى بولىدۇ. بەرنا باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىن باشلاپلا جىسمانىي ۋە ئوقۇش جەھەتتىن ئوخشاشلا سىنىپنىڭ ئالدىدا مېڭىشنى ئۆزى ئۈچۈن بىر ئادەت قىلدى. ئۇ باشلانغۇچنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 17-ئوتتۇرا مەكتەپ (تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ)تە ئوقۇدى. بەرنا كىتاب ئوقۇش ۋە يېزىقچىلىققا ناھايىتى ئامراق بولۇپ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە سىنىپنىڭ ئۆگىنىش باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. شۇ مەزگىللەردە ئۇنىڭ بىر قىسقا ھېكايىسى بىلەن بىر شېئىرى «تارىم غۇنچىلىرى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىندى. بەرنا تەبىئىي پەن ئوقۇشىدىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ، مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ۋە خىمىيە ئولىمپىك ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، پەننىي مۇسابىقىلەرگە تولۇق قاتناشتى. شۇنداقلا مەكتەپنىڭ يىللىق تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە ئىزچىل تۈردە 100 مېتىر، 400 مېتىر ۋە 800 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىنىڭ بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلىدى.

بەرنا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاپىسى بىلەن بىللە ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى سىياتۇل (Seattle) شەھىرىگە كېلىپ، دادىسى بىلەن جەم بولدى. ئۇ چاغدا بەرنا تېخى ئىنگلىز تىلىنى ئانچە ياخشى بىلمەيدىغان بولۇپ، ئاشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئالىي مەكتەپ دەرسلىرىنى تاللاپ ئوقۇشنى باشلىدى.

ئامېرىكىدا ئوتتۇرا تېخنىكوملاردىن يۇقىرىراق ۋە ئالىي مەكتەپلەردىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان «جامائەت ئىنستىتۇتى» (Community College) دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپلەر كۆپ بولۇپ، بۇ مەكتەپلەر ئىككى يىللىق ئوتتۇرا تېخنىكوم ئۇنۋانىمۇ بېرەلەيدۇ، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىللىق دەرسلىرىنى ئۆتۈپمۇ بېرەلەيدۇ. يەنى سىز مۇشۇنداق مەكتەپتە ئىككى يىل ئوقۇپ، ئاندىن كېيىن بىر رەسمىي ئالىي مەكتەپكە يۆتكىلىپ، يەنە ئىككى يىل ئوقۇپ، باكلاۋۇر ئۇنۋانى ئالالايسىز. بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ سانى كۆپ ۋە ئوقۇش پۇلى رەسمىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭكىدىن كۆپ ئەرزان بولغاچقا، ئالىي مەكتەپنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىللىق ئوقۇشىنى ئاشۇنداق مەكتەپلەردە تاماملايدىغان ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى كۆپ.

بەرنا ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىللەردە سىياتۇلدىكى بىر جامائەت ئىنستىتۇتى (Shoreline Community College)دا بىر تەرەپتىن ماتېماتىكا دەرس يېتەكچىسى (math tutor) بولۇپ ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن تىل ئۆگەندى. يەنى ئۇ ئۆزىنىڭ ماتېماتىكا بىلىمىنى ئىشقا سېلىپ، شۇ ئارقىلىق ئەمەلىي ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەندى.

2001-يىلى بەرنا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Washington)غا ئىلتىماس قىلىپ، ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىقى كەسپىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى. بەرنا ئۇ مەكتەپتىمۇ ناھايىتى ئاكتىپ بولۇپ، شۇ يەردىكى «ئايال ئىنژېنېرلار جەمئىيىتى»گە ئەزا بولۇپ كىردى. بۇ جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى قىزلارنى ئىنژېنېرلىق كەسپىدە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئىنژېنېرلىق كەسپىي ساھەسىدە ئىشلەيدىغان ئاياللارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئىدى. 2003-يىلى بەرنا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ «شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلەشكۈچىسى» (Corporate Liaison) ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ، مۇشۇ جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان 45 شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىدى. 2005-يىلى بەرنا ئايال ئىنژېنېرلار جەمئىيىتى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبىسىگە رەئىس بولۇپ سايلاندى ۋە 2006-يىلىمۇ ئوخشاش ۋەزىپىگە قايتا سايلاندى. ئاشۇ مەزگىلدە بەرنا كۈچىنى يېڭىدىن ئالىي مەكتەپكە كىرگەن ۋە مەزكۇر ئالىي مەكتەپكە باشقا يەرلەردىن ئالمىشىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا مەزكۇر جەمئىيەتنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتتى.

ئاشۇ مەزگىلدە بەرنا يەنە بىر تەرەپتىن ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىقى كەسپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش تەتقىقات مەركىزىدە ياردەمچى تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىدى. ئاشۇ مەزگىلدە، يەنى 2004-يىلى بەرنا شاڭخەيدە ئېچىلغان «دۇنيا ئىنژېنېرلىق يىغىنى»نىڭ ئاياللار تارماق يىغىنىغا تەكلىپ قىلىندى ۋە يىغىندا ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئىلمىي دوكلات بەردى.

ئۇنىڭدىن كېيىن بەرنا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە بىر باكلاۋۇر ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. تولۇق كۇرستا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە بەرنا ھاۋا قاتناش قوراللىرىنىڭ ھەر خىل سىستېمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان «خونېيۋېل» (Honeywell International) شىركىتىدە «يازلىق ئوقۇغۇچى خىزمەتچى» (summer intern) بولۇپ ئىشلىدى. بۇ خىزمەت ئۇنىڭ كېيىنچە تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتنى تاللىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. شۇ قېتىم بەرنا رادار زاپچاسلىرىنى لايىھەلەيدىغان بىر قاتتىق دېتال گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، ئاشۇ رادار زاپچاسلىرى ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىگە قاتناۋاتقان بويىن 737 ۋە بويىن 747 ئايروپىلانلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

سىڭلىمىز بەرنا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆرلەپ ئوقۇپ، ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە بىر ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ كىرىمنىي جىلغىسىغا كۆچۈپ كەلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق رەسمىي خىزمىتى سۈپىتىدە دۇنياغا داڭلىق كومپيۇتېر شىركىتى ئىنتېل (Intel)غا كىرىپ، ئۇ شىركەتنىڭ رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان «لىدېرلىقنى راۋاجلاندۇرۇش پىروگراممىسى»دا ئىشلىدى. بۇ مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللە بەرنانىڭ گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن بىر يىلى بولدى. ئۇ بۇ مەزگىلدە ئىنتېل شىركىتىنىڭ ياۋروپا شۆبىسىدە بىر گۇرۇپپا خادىملارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىنتېل مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا بازارلىرىدىكى سېتىلىش مىقدارىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىقتى.

2008-يىلى بەرنا ئىنتېلنىڭ كالىفورنىيە كىرىمنىي جىلغىسىدىكى باش ئىشتابىغا قايتىپ كېلىپ، سان فىرانسىسكو رايونىدىكى خېرىدارلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تېخنىكىلىق سودا گۇرۇپپىسىدا ئىشلىدى. 2010-يىلىغا كەلگەندە بەرنا ئىنتېل مەھسۇلاتلىرىنى يېڭى بازارلارغا كېڭەيتىپ، شىركەتنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ ئالدىنقى بىر يىلدىكىگە قارىغاندا 50 مىليون دوللاردىن ئۆسۈپ مېڭىشىغا بىۋاسىتە تۆھپە قوشتى. ئاشۇ مەزگىلدە بەرنا يەنە ئىنتىل ئۈچۈن يەنە بىر قىسىم ئالاھىدە تۆھپىلەرنى ياراتتى. مەسىلەن، ئىنتېل، Netgear ۋە Dell شىركەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى، Logitech شىركىتىنى ئىنتېلنىڭ گۇگۇل تېلېۋىزورى (GoogleTV) پىروجېكتى (تەرەققىيات تۈرى)گە بىر ھالقىلىق شېرىك قىلىپ ئېلىپ كىرىش ھەمدە ئىنتېلنىڭ سودىسىنىڭ %38 ئۆسۈشىگە سەۋەبچى بولغان بىر بازار ئېچىش پائالىيىتى (Private Cloud consumer marketing campaign)نى بەرپا قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلار.

بەرنا داۋاملىق تۈردە ئۆزىنىڭ ماھارەتلىرىنى ياخشىلاش ۋە كېڭەيتىش پۇرسەتلىرىنى ئىزدەپ تۇردى. 2009-يىلى ئۇ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركېلېي شۆبىسىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىگە ئىلتىماس قىلىپ، ئاشۇ كەسىپنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى. بۇ مەكتەپنىڭ «خاس ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى» (Haas School of Business) دېگەن فاكۇلتېتى دۇنياغا ناھايىتى داڭلىق بولۇپ، مېنىڭ ئوغلۇم دىلشاتمۇ تۆت يىلنىڭ ئالدىدا ئاشۇ فاكۇلتېتتا ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالدى. بەرنانىڭ بۇ ئوقۇشىنىڭ ئىقتىسادىي چىقىمىنى ئىنتېل شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بەرنا شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە كۈندۈزى ئۆز شىركىتىدە بىر پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ، ئاخشىمى ۋە شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى مەزكۇر ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى ئوقۇدى. 2012-يىلى بەرنا ئىنگلىزچە «MBA» دەپ ئاتىلىدىغان، ئۇيغۇرچە مەنىسى «ئىگىلىك باشقۇرۇش ماگىستىرلىق ئۇنۋانى» بولغان يەنە بىر ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. بەرنانىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە بولغان ئىنتىلىشى ۋە بۇرۇن قولغا كەلتۈرگەن ئالاھىدە تۆھپىلىرىگە ئاساسەن ئىنتېل شىركىتى بەرنانى بىر رەھبىرىي ئورۇنغا تەيىنلەپ، ئۇنى ئىنتېل يېڭىدىن سېتىۋالغان McAfee شىركىتىنىڭ خېرىدارلىرىغا ۋە مەھسۇلاتلارنى بازار ئېچىشقا مەسئۇل قىلدى. بەرنانىڭ لىدىرلىقى ئاستىدا بۇ ئىككى شىركەتنىڭ «McAfee LiveSafe» دەپ ئاتىلىدىغان تۇنجى بىرلەشمە مەھسۇلاتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بازارغا سېلىندى.

2013-يىلى گۇگۇل شىركىتى 140 كاندىدات ئەزا ئىچىدىن بەرنانى تاللاپ خىزمەتكە ئالدى ھەمدە ئۇنى شىركەتنىڭ ئاندىرويىد ئەترىتىنىڭ خىتايدىكى گۇگۇل شېرىكلىرىگە مەسئۇل خادىمى قىلىپ تەيىنلىدى (گۇگۇل شىركىتىدە ئىشلەش ئۈچۈن ھەر يىلى 1.2 مىليون ئادەم ئىلتىماس سۇنىدۇ). بەرنا ھازىر كېيىنكى بىر مىليارد ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرىنى نىشانلاپ تۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان «Android One» مەھسۇلاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ تۈر بىر قاتار قاتتىق دېتال قائىدىلىرىنى بېكىتىپ چىقىدىغان بولۇپ، باشقا يانفون شىركەتلىرى ئاشۇ قائىدىلەرگە ئاساسەن ئاندىرويىدنى ئىشلىتىدىغان تۆۋەن چىقىملىق يانفونلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

سىڭلىمىز بەرنا داۋاملىق تۈردە ئىنژېنېرلىق ساھەسىدە ئىشلەيدىغان ئاياللارنىڭ جەمئىيەتلىرىنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇ يەنە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىلىرىنى تەبىئىي پەن ۋە ئىنژېنېرلىق ساھەسىگە كىرىشكە دەۋەت قىلىدىغان خىزمەتلەرنىمۇ قىلىۋاتىدۇ.

سىڭلىمىز بەرنا ھازىر كېيىنكى بىر مىليارد ئادەمنى ئىنتېرنېت ئىشلىتىدىغان قىلىش يولىدا زور ئىشتىياق بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئۇ قاتتىق تىرىشچانلىق ۋە ئېسىل پوزىتسىيەنىڭ چوقۇم ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىغا قاتتىق ئىشىنىپ، ئادىمىيلىك بىلەن كەسىپتىن ئىبارەت ھەر ئىككى جەھەتتە ئۆزىنىڭ تالانت-ئىقتىدارلىرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.

 مەن سىڭلىمىز بەرنانى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئايال قەھرىمانلىرىنىڭ بىر تىپىك ۋەكىلى، دەپ تونۇيمەن ۋە ناھايىتى پەخىرلىنىمەن.

 

بۇ خەۋەر 10167 قېتىم كۆرۈلدى
20/07/2020 11:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق