روسچىلد جەمەتى(3)

روسچىلد جەمەتى(3)

  ( يازما پەقەت ئاپتورنىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ)

روسچىلد جەمەتىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش، دەپىنە-دۇنياسى گىتلېرنىڭ ئۇرۇش قىلىشى ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە زور مەبلەغ بولۇپ بېرىدۇ. كىشىلەر ئۇرۇشتىن كېيىن ئاستا-ئاستا يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىپ كېلىشكە باشلايدۇ ۋە بەزى جەمەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا تىرىشىدۇ. روسچىلد جەمەتى بۇ جەرياندا مۇسابىقە ئاتلىرى ۋە قىممەتلىك ماي بوياق رەسىملىرىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. بۇ ئائىلە گەرچە بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ ئاستا-ئاستا قەددىنى رۇسلاشقا باشلايدۇ. روسچىلد جەمەتىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى ئاۋسترىيەدىكىلەرگە قارىغاندا يەنىلا بىر قەدەر ياخشى ئىدى، ئەلۋەتتە.

 

دۇنيادىكى ھاراق ئىشلەپچىقىرىش بازىرىنى ئىگىلەش

 

روسچىلد جەمەتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدىكى ئېغىر زەربىدىن كېيىن قايتا پىلان تۈزۈپ، ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان يول تۇتىدۇ. چۈنكى بۇ ئائىلىنىڭ ھاياتى بۇرۇندىن تارتىپلا بايلىق، ھۆرمەت، مەنسەپ، شان-شەرەپ ۋە ھەشەمەتلىك تۇرمۇش بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ قۇرۇپ چىققان يېڭى كەسپىدىمۇ ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يېڭى كەسپى بولسا ھاراق ئىشلەپچىقىرىش ئىدى. ئۇلار ئىشلەپچىقارغان چاتو لافىت (Château Lafite) ۋە چاتو موتون (ChâteauMouton)لارنىڭ ھەر ئىككىسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ماركىلىق ھاراقلار ئىدى. بۇ جەمەت ئەسلىدە 1853-يىللىرىدىن باشلاپ ھاراق ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغان بولۇپ، 1868-يىلى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ يەردىكى ئۈزۈم باغلىرىنى ناھايىتى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىپ، كۆپلەپ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغان ئىدى. بۇ جەرياندا روسچىلد جەمەتىنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدا ئەسىرلەپ داۋاملاشقان رىقابەت كېلىپ چىققان بولسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە فىرانسىيەدىكى ھاراق ئىشلەپچىقىرىش پارتلاش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ.

 بۇ جەمەت ئىشلەپچىقارغان ھاراق ئىنتايىن داڭلىق بولغاچقا، باھاسىمۇ ناھايىتى قىممەت ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلەرلا ئالاھىدە ئۆتكۈزىدىغان زىياپەتلەر ئۈچۈن سېتىۋېلىپ ئىشلىتەتتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن روسچىلد جەمەتىنىڭ يېڭى ئەۋلاد ئەزالىرى بۇ ئەھۋال ئۈستىدە ئويلىنىپ، ھەرقانداق ئائىلە سېتىۋالالايدىغان، باھاسى ئەرزان، كۆپ خىل ماركىلىق ھاراقلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلاپ، ئالقىشقا ئېرىشىدۇ ۋە دۇنيادا تېخىمۇ شۆھرىتى ئاشىدۇ. بۇرۇن ھاراققا ماركا چاپلاش ئادىتى يوق ئىدى، ماركا چاپلاشنى بۇلار يولغا قويىدۇ. كېيىن داڭلىق رەسساملار بىلەن توختام تۈزۈپ، ماركا لايىھەلەپ، ئىشلەپچىقارغان ھاراقلارنىڭ ماركىسىنى ھەر يىلى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشنى يولغا قويىدۇ. ھاراق بازارلىرى كېيىن ياۋروپادىن ھالقىپ، ئامېرىكا ۋە شىمالى ئامېرىكا قىتئەلىرىگىچە كېڭىيىدۇ. ھاراقلارنىڭ نامى چىقىپ ھەددىدىن زىيادە كۆپ سېتىلغانلىقتىن، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ شۇنچە ئۈزۈمزارلىقى يېتىشمەي، باشقىلاردىن ئۈزۈم سېتىۋېلىشقا باشلايدۇ. بۇلارنىڭ ئىشلەپچىقارغان ھاراقلىرى پەقەت فىرانسىيە ئۈزۈم ھارىقى بازىرىنىڭلا %50نى ئىگىلەيدۇ. بۇلار ئىشلەپچىقارغان ھاراقلار 1973-يىلى دۇنيادا 1-دەرىجىلىك دەپ باھالانغان.

ئەمما روسچىلد جەمەتى پەقەت ھاراق ئىشلەپچىقىرىدىغان جەمەتلا بولۇپ قالماستىن، يەنىلا پۈتۈن دۇنيادا تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بانكىرلار ئىدى. 1980-يىلىدىن كېيىن بۇ ئائىلە باشقا شىركەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن يۇقىرى مائاشلىق مەسلىھەتچىلىك كەسپىنى يولغا قويىدۇ. بۇ كەسىپ بولسا خەتىرى يوق، پەقەتلا پۇل تاپىدىغان بىر خىل كەسىپ تۈرى ئىدى.

1969-يىلى روسچىلد جەمەتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن بىرى بولغان 4-ئەۋلاد جاكوب روسچىلد (Jacob Rothschild) ئوغلى بىلەن بىرلىكتە ئۈچ مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، ئامېرىكىدا روسچىلد بانكىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. 1980-يىللارغا كەلگەندە بۇ بانكا ئاساسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. ھازىر دۇنيادا بۇ بانكىنىڭ 4000 دىن ئارتۇق شۆبىسى بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر، شىركەتلەر ۋە شەخسلەر ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

روسچىلد جەمەتىنىڭ 1812-يىلى فىرانسىيەدە قۇرغان روسچىلد بانكىسىنىڭ داۋامى 1947-يىلى گاۋىدە روسچىلد (gavi de Rothschild)نىڭ باشچىلىقىدا تەرەققىي قىلىپ، ئىنتايىن پۇختا بانكا تور سىستېمىسى قۇرۇپ چىققان ئىدى. ئەمما 1981-يىلىغا كەلگەندە بۇ بانكا ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ. 1981-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيەسىدىن فرانسو مىتېراند (François Mitterrand) فىرانسىيەنىڭ باش مىنىستىرى بولىدۇ. ئۇ ھوقۇقنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ئويلىمىغان يەردىن بارلىق بانكىلارنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆزگەرتىپ، فىرانسىيەنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. دۆلەت گەرچە روسچىلد جەمەتىگە تۆلەم تۆلەپ بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ئائىلە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يېگەن زەربىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئىنتايىن قاتتىق زەربىگە ئۇچرايدۇ. بۇ ۋاقىتتا گاۋىدە روسچىلد: «بۇ مېنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بىر يوقىتىش بولدى. 40 يىللىق ھاياتىمنىڭ مېۋىسى يوق قىلىۋېتىلدى. ئۆمۈر بويى تاپقان-تەرگىنىمىزنىڭ ھەممىسىنى تارتىۋالدى» دېگەن ئىدى.

گاۋىدە روسچىلد بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ بىر مەزگىل ئارام ئالىدۇ. فىرانسىيە قانۇنى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، ئوغلى بىلەن قايتىپ كېلىپ، فىرانسىيەدە قايتا بانكا ئېچىپ، يەنە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ ئائىلىنىڭ فىرانسىيەدىكى بانكىچىلىقىنىڭ ئاساسىنى تىكلەيدۇ. لېكىن ھۆكۈمەت بۇلارنىڭ بانكىسىغا ئۆزلىرىنىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىشىنى چەكلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ ئائىلىنىڭ ئاساسى ئىنتايىن پۇختا بولغانلىقى ئۈچۈن، يەنىلا ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈپ كېتىۋېرىدۇ. 2003-يىلى بۇ ئائىلىنىڭ فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيەدىكى بانكىلىرى يېڭىدىن بىرلىشىدۇ.

 

لوندوندىكى دۇنيانىڭ ئىقتىسادى مەركىزى روسچىلد خانىدانلىقى

 

روسچىلد جەمەتىنىڭ ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرىدە «لوندون شەھىرى» (city of london) دېگەن دەرىجىدىن تاشقىرى بىر ئالاھىدە رايونى بار. بۇ رايوننىڭ ئىگىلىگەن ئورنى 2.5 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. روسچىلد جەمەتىنىڭ ئەنگلىيەدىكى بۇ خانىدانلىقىنىڭ ياكى پادىشاھلىقىنىڭ ئاساسى بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك 1809-يىلى سېتىۋېلىنغان زېمىنغا 1815-يىلى ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا بولغان «ۋاتېرلو ئۇرۇشى»دىن كېيىن قۇرۇلغان ئىدى. مانا بۇ رايونغا روسچىلد جەمەتىگە تەۋە ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى (Bank of England-ئەنگلىيە بانكىسى)، دۇنيا بانكىسى (World Bank) خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (International Monetary Fund)، لويىس بانكىسى، كارىپ دېڭىزىدىكى سۈنئىي ھەمراھ بانكىلىرىنىڭ مەركەزلىرى، بارلىق ئەنگلىيە بانكىلىرى، 385 چەتئەل بانكىسىنىڭ شۆبىلىرى، 70 ئامېرىكا بانكىسى ۋە دۇنيادىكى بارلىق پۇل ئايرىۋاشلاش مەركەزلىرى... جايلاشقان.

 بۇ رايونىدا روسچىلد خانىدانلىقىنىڭ ئۆزىنىڭ بايرىقى، ئۆزىنىڭ ساقچىسى، ئۆزىنىڭ قانۇنى ۋە ئۆزىنىڭ مەھكىمىسى بار بولۇپ، ئەنگلىيە قانۇنلىرى ئىشلىمەيدۇ. بۇ رايون دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت بولۇپ، ئەنگلىيە زېمىنى ھسابلانمايدۇ. مانا بۇ رايون دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى ۋاتىكان كاتولىك دىنىنىڭ قانداق مەركىزى بولسا، بۇ رايون دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ شۇنداق مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مانا بۇ كىچىككىنە رايوندا پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقئارالىق پاي چېكى سودىسىنىڭ %51ى، قەرەللىك مال سودىسىنىڭ %45ى، ياۋرو زايوم سودىسىنىڭ %70ى، يەرشارى پۇل ئايرىۋاشلاش سودىسىنىڭ %35ى ھەمدە بارلىق خەلقئارالىق ئاكسىيەنى ئاشكارا سېتىش سودىسىنىڭ %55ى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 

روسچىلد جەمەتىنىڭ بىر قىسىم داڭلىق شىركەتلىرى

 

روسچىلد جەمەتى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا مىقياسىدا ئالماس سودىسىنىڭ %90نى، ئالماس ئىشلەپچىقىرىشنىڭ %40نى ۋە كۆمۈر-مىس-ئوران-ئاليۇمىن سودىسىنىڭ %15نى تىزگىنىدە تۇتۇپ تۇرماقتا. ھازىر بۇ ئائىلىنىڭ ئەڭ داڭلىق شىركەتلىرى HSBC بانكىسى، شوتلاندىيە خان جەمەتى بانكىسى (Royal Bank of Scotland)، بانكو سانتاندېر (Banco Santander)، مەركىزى گوللاندىيەدىكى خەلقئارالىق بانكا گۇرۇھى (ING)، مەركىزى ئەنگلىيەدىكى ئالماس كېنى ۋە شىركىتى بولغان De Beers، ئەنگلىيە-ئاۋسترىيە مەركەزلىك، خەلقئارالىق مېتال ۋە كانچىلىق شىركىتى بولغان Rio Tinto Group ۋە ئەنگلىيە مەركەزلىك سۇغۇرتا شىركىتى Aviva قاتارلىقلار.

بۇ ئائىلىنىڭ ئىسمى ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ھەر يىلى ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىغان مىلياردېرلار تىزىملىكىدىن تېپىلمايدۇ. چۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ سىرلىق جەمەت بولغان روسچىلد جەمەتى ھېچقاچان ئۆزىنىڭ بايلىقىنى ئاشكارىلىمىغان. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بۇ ئائىلىنىڭ 2009-يىلىدىكى بايلىقىنىڭ تەخمىنەن تۆت-بەش تىرىليون دوللار ئىكەنلىكى، تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتقان پۇلنىڭ 15-25 تىرىليون دوللار ئەتراپىدا ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. بۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ پۈتۈن دۆلەت ئىقتىسادىدىنمۇ كۆپ دېگەنلىك بولىدۇ.

 روسچىلد جەمەتىنى تەتقىق قالغان بەزى تەتقىقاتچىلار يازغان ماقالىلىرىدا: «يىغىپ ئېيتقاندا دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەت ۋە بۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ھەرقانداق ئىنساننىڭ خەجلىگەن ھەربىر يارماق پۇلىدىمۇ روسچىلد جەمەتىنىڭ ئالىدىغان بىر ئۈلۈش ھەسسىسى بار» دېيىلگەن.

«دانتې (Dante Alighieri)نىڭ: "بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر نەرسە بولۇشۇڭ كېرەك" دېگەن سۆزىدىكى مۇكەممەللىكنى ئويلىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ئارقىسىدا نەچچە يۈز يىللىق مەدەنىيەتنىڭ جەملەنگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، روسچىلد بانكىسىمۇ مىسلىسىز باي. بۇنچە بايلىقنى پەقەت بىر نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرلا بىر يەرگە توپلىيالىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق ئىشنىڭ تۇنجى قېتىم ئويلىغاندىن تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىسى بار».

 -Johann Wolfgang von Goethe (1928-يىلى، 10-ئاي)

 

روسچىلد جەمەتىنىڭ ھېكايىسى بىر نەچچە كىنو، كىتاب ۋە مۇزىكىغا باش تېما قىلىنغان:

1934-يىلى ھوللىۋود تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «روسچىلد بانكىسى» ناملىق فىلىمدە مايېر ئامسچېل روسچىلدنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن.

«ۋاتىرلۇدىكى غەنىيمەتلەر» Die Rothschilds(Aktien auf Waterloo) دېگەن فىلىم 1940-يىلى گېرمانىيە كىنو ئىستۇدىيەسى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن.

بۇ ئائىلىنىڭ 1818-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھېكايىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «روسچىلد ئىسىملىك برودۋاي» دېگەن مۇزىكا 1971-يىلى تونىي مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن.

تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پىروفېسسورلىرىدىن بىرى بولغان تېكسمارىس (Texe Marrs)نىڭ 2007-يىلى 5-ئايدا نەشر قىلىنغان «تارىخنىڭ نامەلۇم تەرەپلىرى» (Bilinen Tarihin Bilinmeyen Yanları) ناملىق كىتابى دۇنيانى تىزگىنىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان يەھۇدىي جەمەتى روسچىلد، ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ پىلانلىق ھالدا قانداق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ قانداق پارچىلانغانلىقى، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، قورچاق مۇستەبىت گىتلېر، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلۇشى، كېننېدىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشى، موسساد سۇيىقەستلىرى ۋە 11-سېنتەبىر ئامېرىكىدىكى دۇنيا سودا مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇم قاتارلىق ئون قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

سۇيىقەست نەزەرىيەسى

 

بۈگۈنكى كۈندە روسچىلد جەمەتىنىڭ 1500-1000 ئەتراپىدا ئەزاسى بارلىقى مەلۇم. روسچىلد جەمەتىنىڭ پائالىيەتلىرى ئىنتايىن سىرلىق ھەم مەخپىي بولغانلىقى ئۈچۈن، 200 يىلدىن كۆپ ۋاقىتتىن بېرى كىشىلەر تەرىپىدىن داۋاملىق سۇيىقەست نەزەرىيەسىنىڭ پېشۋاسى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

 بۇ نەزەرىيەلەرنىڭ بىرى بولسا بۇ ئائىلىنىڭ ئىللۇمىناتى (İlluminati 1776-يىلى قۇرۇلغان)، تەرجىمىسى «يورۇقلۇق» دېگەندەك مەنىلەردە كېلىدىغان سىرلىق بىر تەشكىلاتقا ئەزا بولغان، دېگەن قاراش. يەنە ئۇنى پۈتۈن دۇنيانىڭ بايلىق ۋە پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ، دېگەن قاراش.

بۇ ئائىلە چېتىلغان سۇيىقەستلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، دۇنيادىكى پۈتۈن دۆلەتلەر ئارا بولۇۋاتقان ئۇرۇشلار، دۇنيا ئىقتىسادى، نېفىت، كان بايلىقلىرى، ئىشلەپچىقىرىش، سانائەت، سودا... دېگەندەك بارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

روسچىلد جەمەتى توغرىسىدا يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە بىر سۇيىقەست نەزەرىيەسى بار بولۇپ، بۇ نەزەرىيەگە ئاساسلانغاندا، روسچىلد جەمەتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇلار ئۇرۇش ۋە ۋىرۇسلار بىلەن نوپۇسنى تىزگىنلەشكە تىرىشىدۇ. بۇ نەزەرىيە سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەر روسچىلد جەمەتىگە ئىجابىي قارىمايدۇ. مەسىلەن: نورۋېگىيەنىڭ سۋالبارد (Svalbard)دىكى 2008-يىلىدىن باشلاپ خىزمەت باشلىغان يەرشارى ئۇرۇق ئامبىرىنى قۇرۇش بۇ ئائىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالماقتا. چۈنكى بۇ ئامبار بەلكىم يەرشارى خاراكتېرلىك ئاپەتتىن كېيىن ئامان قالىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ياسالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا «ئەجەبا شۇنداق بىر ئاپەت بولۇپ قالسا، ھايات قالغۇچىلار زادى قانداق كىشىلەردۇ؟» دېگەن سوئالنى كەلتۈرىدۇ.

بۇلار روسچىلد جەمەتى ئۈستىدىكى گۇمانىي سۇيىقەست نەزەرىيەسى بولۇپ، يىغىپ ئېيتقاندا بۇلارنىڭ توغرا-خاتالىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

روسچىلد جەمەتى توغرۇلۇق يېزىلغان بۇ ماقالە بۇ ئائىلىنىڭ پەقەتلا ناھايىتى ئاز بىر قىسىم تارىخىنى ۋە ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ئائىلىنىڭ تارىخى ۋە باشقا ئەھۋالىنى تەپسىلىيرەك بىلىش ئۈچۈن روسچىلد جەمەتى ھەققىدە يېزىلغان كىتابلاردىن بىر نەچچىنى ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 1207 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2020 09:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق