روسچىلد جەمەتى(2)

روسچىلد جەمەتى(2)

( يازما پەقەت ئاپتورنىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ)

ئەنگلىيەنىڭ كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى (Daily Telegraph) مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ خەلقئارالىق بانكىرلار جەمەتىنىڭ ئىسمى بايلىق، كۈچ ۋە يوشۇرۇن سىرلار بىلەن ئوخشاش مەنىدە كېلىدۇ... روسچىلد جەمەتىنىڭ ئىسمى باشقا ھەرقانداق ئىسىم ۋە تەخەللۇسنىڭ يېنىغا يېقىنلىشالمايدىغان دەرىجىدە پۇل-بايلىق ۋە كۈچ بىلەن بىر پۈتۈنلەشكەن گەۋدىگە ئايلانغان».

 

خوڭكوڭنىڭ روسچىلد جەمەتىنىڭ قولىغا ئۆتۈشى

 

ياۋروپادا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى قەرزگە بوغۇۋەتكەن روسچىلد خانىدانلىقى ئەپيۈن ئۇرۇشى (1839-1842 ۋە 1856-1860) جەريانىدا خىتاي بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇ يىللاردا خىتايدا ئەپسۇن تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىنگلىز سودىگەرلەر خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشەلمەي، ئەنگلىيە پادىشاھلىقىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن روسچىلد جەمەتى ( روسچىلد خانىدانلىقى)غا مۇراجىئەت قىلىدۇ. روسچىلد جەمەتى ئەنگلىيە پادىشاھلىقىنى خىتايغا قارشى ئۇرۇشسا، يېتەرلىك ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قايىل قىلىدۇ. ئەنگلىيە خىتاي بىلەن بولغان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، خوڭكوڭنىڭ 99 يىل باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن روسچىلد جەمەتى تۆلىگەن ئۇرۇش چىقىملىرىنىڭ ھەققى ئۈچۈن خوڭكوڭنى ئەنگلىيەدىن ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.

 

ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ روسچىلد جەمەتىنىڭ قەرزىگە بوغۇلۇپ قېلىشى

 

ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ سۇلتانى قىرىم ئۇرۇشى جەريانىدا 1854-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى روسچىلد جەمەتىنىڭ قولىدىكى ئەنگلىيەنىڭ مەركىزىي بانكىسى (Bank

Of England)دىن ئۈچ مىليون فوندستېرلىڭ قەرز ئالىدۇ. بۇ قەرزنىڭ ئۆسۈمى %6 ئىدى. قەرزنى مىسىر ۋىلايىتى (ھازىرقى مىسىر دۆلىتى)دىن يىغىلغان باج ئارقىلىق تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما كېيىن بۇ قەرزنى قايتۇرالمايدۇ. بىر يىلدىن كېيىن روسچىلد جەمەتىنىڭ ئارىغا كىرىپ قەرز بېرىشكە باشلىشى بىلەن، ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىقتىسادى بۇ ئائىلىنىڭ تىزگىنىگە ئۆتۈشكە باشلايدۇ. روسچىلد جەمەتى كېيىن ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ شېرىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ تۇنجى بانكىسىنى ئاچىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئوسمان ئىمپېرىيەسى ئىنتايىن ئېغىر قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ. بۇ قەرزلەرنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئارىدىن بىر ئەسىر ئۆتۈپ، 1954-يىلىغا كەلگەندە ئاران تۆلەپ بولىدۇ.

روسچىلد جەمەتىنىڭ شىركەتلىرى ياكى ھەمكارلاشقان شىركەتلەر 2005-يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا باشلايدۇ. بۇ جەريانلار توغرىلىق كۆپلىگەن خەۋەرلەر بار.

 

ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلۇشى

 

تېكسمارىس (Texe Marrs)نىڭ «تارىخنىڭ نامەلۇم تەرەپلىرى...» (Bilinen TarihinBilinmeyen Yanları) ناملىق كىتابىدا مۇنداق يېزىلغان (قىسقارتىلما)؛

 روسچىلد جەمەتى ئوسمان ئىمپېرىيەسىنى ئېغىر قەرز پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشىدۇ. چۈنكى روسچىلد جەمەتى قويۇق يەھۇدىي دىنى مۇرىتلىرى بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ دىنىدا «كەنئان دىيارى» دەپ ئاتىلىدىغان ھازىرقى پەلەستىن زېمىنىنى «ئاللاھ بىزگە ۋەدە قىلغان زېمىن» دەپ قارايتتى.

ئۇلار ئالدى بىلەن ئوسمان ئىمپېرىيەسىنى پارچىلاش ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، پۇختا تەييارلىق قىلىدۇ. تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن چار رۇسىيە، ئاۋسترىيە... قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى ئوسمان ئىمپېرىيەسىگە قارشى ئۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىدۇ. ئېغىر قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قالغان ئوسمان ئىمپېرىيەسى بولسا قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا روسچىلد جەمەتى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىمۇ كۈشكۈرتىدۇ. ئوسمان ئىمپېرىيەسى بولسا ھەر تەرەپتىن قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا يېتىشىپ بولالمايدۇ ۋە نەتىجىدە پارچىلىنىشقا يۈزلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا روسچىلد جەمەتى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ سۇلتانى ئابدۇلھەمىدخان II  (Sultan 2.Abdülhamit) بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەگەر ئوسمان ئىمپېرىيەسى پەلەستىن، سۇرىيە ۋە تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونى بىلەن قوشۇپ قۇددۇس (ئىرۇسالىم) پايتەختى بولغان بىر يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قوشۇلسا، ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ بارلىق قەرزلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ قولىدىن چىقىپ كەتكەن بالقان دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنى ئوسمان ئىمپېرىيەسىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىق شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. سۇلتان ئابدۇلھەمىدخان II بۇ تەكلىپنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىدۇ. يەنى سۇلتان ئابدۇلھەمىدخان II دىنىي نۇقتىدىن قارىغاندا بۇ قارشىلىقى بىلەن گەرچە ناھايىتى چوڭ ساۋابقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ يىمىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ.

كېيىن بۇ ئەھۋال توغرۇلۇق ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىككى گېنېرالى ئىككى خىل كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلاردىن ئەنۋەر پاشا (Enver Paşa ,1881-1922): «سۇلتان روسچىلد جەمەتىنىڭ تەكلىپىگە ماقۇل دەپ، كېيىن ئۆزىمىزنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن ئۇ زېمىننى يەنە قايتۇرۇپ ئالساق بولاتتى» دېگەن. مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك (MustafaKemal Atatürk 1881-1938) بولسا؛ «سۇلتان روسچىلد جەمەتىنىڭ تەكلىپىگە ماقۇل دېگەن تەقدىردىمۇ، ئوسمان ئىمپېرىيەسى يەنىلا يىمىرىلىشتىن قۇتۇلالمايتتى. چۈنكى ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۈستىدە ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئويۇنلار ئوينىلىۋاتاتتى...» دېگەن.

شۇنىڭدىن كېيىن روسچىلد جەمەتى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن ماددىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردىن ئىنتايىن ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. ئۇرۇش ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك گېرمانىيە باشچىلىقىدىكى ئوسمان ئىمپېرىيەسى قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئەنگلىيە جاسۇسى ئەرەبىستانلىق لاۋرېنس (Thomas Edward Lawrence ,1888-1935)نىڭ پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، ئەرەبلەر كۆپلىگەن كىچىك دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ ۋە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇشنىڭ شارائىتى ھازىرلىنىدۇ.

ئەمما بۇ ۋاقىتتا روسچىلد جەمەتى تۈزگەن پىلاندا ئازراق خاتالاشقانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. چۈنكى دۆلەت قۇرۇش شارائىتى ھازىرلانغان بولسىمۇ، بۇ رايوندا دۆلەت قۇرىدىغان يېتەرلىك يەھۇدىي نوپۇسى يوق ئىدى. ياۋروپانىڭ راھەت تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالغان يەھۇدىيلار ھەرگىزمۇ ئۆز زېمىن ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى تاشلاپ بۇنداق قاقاس زېمىنغا كەلمەيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن روسچىلد جەمەتى ئويلىنىپ، ئىنتايىن مەخپىي بىر رادىكال پىلان تۈزۈپ چىقىدۇ.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان گېرمانىيە تامامەن دېگۈدەك خارابىلىققا ئايلانغان بولۇپ، ئىنتايىن ئېغىر قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قالغان. بۇ قەرزلەرنىڭ %85ى روسچىلد جەمەتىنىڭ بانكىلىرىنىڭ ئىدى. گېرمانىيە بۇنىڭدىن باشقا توختامنامىگە ئىمزا قويۇپ، ئۇرۇش چىقىملىرىنى تۆلەشنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. شۇڭا روسچىلد جەمەتى گېرمانىيەنىڭ قەرزلەرنى قايتۇرۇشقا پەقەتلا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. بۇ ۋاقىتتا روسچىلد جەمەتى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە گېرمانىيە مەركەز بانكىسىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى روسچىلد جەمەتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، بۇنىڭ بەدىلى ئۈچۈن روسچىلد جەمەتى گېرمانىيەنىڭ بارلىق تاشقى قەرزىنى كۆتۈرۈۋېتىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەھۋال بۇ دەرىجىگە يەتكەندە گېرمانىيە بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلماي ئامالىمۇ يوق ئىدى. ئەسلىدە گېرمانىيەنىڭ مەركەز بانكىسىنى روسچىلد جەمەتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى بىر مەغلۇبىيەتنىڭ باشلىنىشى ئىدى. بۇ ۋاقىتتا گېرمانىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكى بۇزۇلۇپ، ئۇرۇش قوزغاش تۈگۈل، قورال تۇتقۇدەك تۈزۈك ئەرلەرمۇ قالمىغان ۋەزىيەتتە ئىدى.

ئەسلىدە گېرمانىيە ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاشتىن ئىلگىرى روسچىلد جەمەتى گېرمانىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مەخپىي بىر پىلان تۈزۈپ بولغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، ياۋروپادا يالغان، ئەمما كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە فاشىزم شامىلى چىقىرىش ئىدى. بۇ فاشىزم شامىلىنىڭ نىشانى يەھۇدىيلارغا ئومۇميۈزلۈك زوراۋانلىق قىلىش ۋە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ياۋروپادىن ئىسرائىلىيەگە كۆچۈشكە مەجبۇرلاش ئىدى. روسچىلد جەمەتى شۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيەنى يېتەرلىك مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياخشىلىنىدۇ. يېتەرلىك قورال سانائىتى بارلىققا كېلىدۇ. ئۆسمۈرلەر بولسا كىچىك چېغىدىن باشلاپ يەھۇدىيلارغا قارشى مىللەتچىلىك ئىدىيەسى بىلەن تەربىيەلىنىشكە باشلايدۇ. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىغا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەسكەر بولۇپ جەڭ قىلغان، ئەڭ رادىكال مىللەتچىلەردىن گىتلېر چىقىرىلىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىدۇ. باشتا گېرمانىيە ھەيران قالارلىق دەرىجىدە غەلىبە قىلىدۇ. (پىلانلانغان) ئىنتىقام ئېلىش ئۇرۇشى ئەۋجىگە چىقىدۇ. يەھۇدىيلار قىرغىن قىلىنىشقا باشلىنىدۇ. ئېغىر قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن يەھۇدىيلار ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قېچىشىپ، ئاخىرىدا ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرى ئارقىلىق ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش پىلانلانغان زېمىنغا توشۇپ كېلىنىدۇ.

شۇنداق قىلىپ سۈنئىي ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا چىققان يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك نەچچە مىليون يەھۇدىي ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇش پىلانلانغان زېمىنغا يىغىلىدۇ. نەتىجىدە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن، يەنى 1890-يىللاردا تۈزۈلگەن پىلان يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1948-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاندىن ئەمەلگە ئېشىپ، ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلىدۇ. روسچىلد جەمەتى بۇ پەۋقۇلئاددە مۇرەككەپ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ.

كېيىنكى يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى تەتقىقاتچىلىرى تەكشۈرۈپ، بەزى ھۆججەتلەرنى قولغا چۈشۈرگەن. ئۇ ھۆججەتلەردە يېزىلىشىچە، ئەسلىدە گېرمانىيە يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلدى، دېگەن قاراشنىڭ ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەسلىكى، ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە يەھۇدىيلارنىڭ پەقەتلا 15%نى ئىگىلەيدىغانلىقى، قالغانلىرىنىڭ بولسا ئاساسەن سىگانلار بىلەن پولشالىقلار ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن. گەرچە ئاز بىر قىسىم يەھۇدىي بايلىرى ۋە يەھۇدىيلار ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئاساسلىق يەھۇدىي نوپۇسى يەنىلا بۇ ئۇرۇشتىن سالامەت قۇتۇلۇپ چىققان.

 بىز پايدىلانغان تۈركچە مەنبەلەردە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 1945-يىلى قۇرۇلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (United Nations)نىڭمۇ روسچىلد جەمەتىنىڭ پىلانى بىلەن قۇرۇلغانلىقى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ مەركىزى بىناسى جايلاشقان يەرنىڭمۇ مۇشۇ ئائىلىنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.

روسچىلد جەمەتى 1855-يىلىدىن باشلاپ پارىژ شەھىرىگە يېقىن بىر جايغا ناھايىتى چوڭ بىر ساراي سالغان ئىدى. بۇ ساراي ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك، ھەشەمەتلىك ۋە كۆركەم ساراي بولۇپ، 100 خىزمەتچى ۋە 80 ئات خىزمەت قىلاتتى. ئاستى قىسمىغا تۆمۈر يول ياسالغان بولۇپ، بۇنىڭدا قاتنايدىغان پويىز سارايدا چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىتلاردا تەييارلانغان تاماقلارنى ساراي زالىغا سوۋۇماستىن ۋاقتىدا يەتكۈزۈش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدى. بىر ۋاقىتلاردا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان خىرىستىيانلارغا يول بوشىتىپ تەزىم قىلىدىغان كەمبەغەل بىر يەھۇدىينىڭ بالىسى مانا ئەمدى ئاجايىپ ھەشەمەتلىك سارىيىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمدارلار، ئەمەلدارلار ۋە كاتتا بايلارنى تاللاپ تۇرۇپ كۈتۈۋالىدىغان ۋە قانداق تەلەپ-ئارزۇسى بولسا ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ئىمتىياز ئىگىسىگە ئايلانغان ئىدى.

لېكىن ئۇ دەۋردە فىرانسىيە يەھۇدىيلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، باشقا دۆلەتلەردە چەكلىمىلەرگە ئۇچرايتتى. ئەنگلىيە بولسا سايلاش ھوقۇقى بەرگەن بولسىمۇ، پارلامېنتقا كىرىش ھوقۇقى، يەنى سىياسىي ھوقۇق بەرمىگەن ئىدى. يەھۇدىيلارنىڭ پەرزەنتلىرى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى دېگەندەك داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇيالمايتتى.

1835-يىلى ئەنگلىيەدىكى روسچىلد جەمەتىنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇرۇۋاتقان روسچىلد جەمەتىنىڭ يېڭى ئەۋلاد ئەزالىرىدىن بىرى بولغان لىئونېلدې روسچىلد (Lionel de

Rothschild ) بۇ چەكلىمىلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن ئازاد بولماقچى بولىدۇ. چۈنكى ئۇ بانكا، شىركەت، پۇل-بايلىقلاردىن باشقا سىياسەتكە كىرىشكە بەل باغلىغان ئىدى. لىئونېلدې روسچىلد ئۆزلىرىنىڭ ئىمتىيازىغا تايىنىپ، ئەنگلىيە پارلامېنتىغا نامزات بولۇپ كىرىپ، 1848-يىلى لوندون شەھىرىدىن نامزات بولۇپ، مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلىدۇ. ئەمما ئۇ ۋەزىپىسىدە ئولتۇرۇش ئۈچۈن پارلامېنتتا ئەنگلىيە قانۇنى بويىچە بارلىق مىنىستىرلارنىڭ ئالدىدا خىرىستىيان دىنىغا ساداقەت بىلدۈرۈپ، ئىنجىلغا قول قويۇپ تۇرۇپ قەسەم قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇ بىر يەھۇدىي بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداق قىلىشقا ۋىجدانى چىدىماي، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدۇ. لىئونېلدې روسچىلد ئىككىنچى قېتىم سايلامغا قاتنىشىپ، يەنە غەلىبە قىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭغا يەنە خىرىستىيان دىنىغا ساداقەت بىلدۈرۈپ قەسەم قىلىش ئېغىر كەلگەچكە، يەنىلا پارلامېنتقا كىرەلمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ھەر قېتىمدا غەلىبە قىلسىمۇ، ئەمما ھەر قېتىمدا قەسەم قىلىش ئېغىر كېلىپ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدۇ. روسچىلد جەمەتى پۈتۈن ياۋروپادا مىسلىسىز بايلىق ۋە ئىمتىيازغا ئىگە بولسىمۇ، يەھۇدىي بولغانلىقى ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن سىياسەت ئۆزگىرىدۇ. لىئونېلدې روسچىلد شۇنىڭدىن كېيىنلا پارلامېنتقا كىرەلەيدۇ. ئۇ كېيىن ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىغا يۈكسىلىدۇ. 1880-يىلىغا كەلگەندە روسچىلد جەمەتىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئىمتىيازى كۈچىيىپ ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ.

روسچىلد جەمەتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. ئۇلار ناھايىتى پۇختا ئالاقە-ئۇچۇر تورىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇرۇش بولىدىغان جايلاردىن ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالىدۇ. ئەمما روسچىلد جەمەتىنىڭ ئاۋسترىيەدىكى قېرىندىشى لۇيى ۋون روسچىلد قېچىشقا ئۈلگۈرەلمەي گىتلېرنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. بۇ كىشىنىڭ ئوغلىنىڭ يەھۇدىي بولمىغان ئايالىمۇ تۇتقۇن قىلىنىدۇ ۋە كېيىن يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئۆلىدۇ. گىتلېر رەھبەرلىكىدىكى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئاۋسترىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق ياۋروپا قىتئەسىدىكى بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ۋە بۇلاپ-تالايدۇ. روسچىلد جەمەتىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش، دەپىنە -دۇنياسى گىتلېرنىڭ ئۇرۇش قىلىشى ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە زور مەبلەغ بولۇپ بېرىدۇ. كىشىلەر ئۇرۇشتىن كېيىن ئاستا-ئاستا يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىپ كېلىشكە باشلايدۇ ۋە بەزى ئائىلىلەر ئۆزلىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا تىرىشىدۇ. روسچىلد جەمەتى بۇ جەرياندا مۇسابىقە ئاتلىرى ۋە قىممەتلىك ماي بوياق رەسىملىرىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. بۇ ئائىلە گەرچە بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، ئاستا-ئاستا قەددىنى رۇسلاشقا باشلايدۇ. روسچىلد جەمەتىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى ئاۋسترىيەدىكىلەرگە قارىغاندا يەنىلا بىر قەدەر ياخشى ئىدى، ئەلۋەتتە.

 

 (داۋامى بار)

 

 تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

بۇ خەۋەر 1095 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2020 19:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق