تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت كېڭىشى ئاياسوفيانىڭ مۇزىيلىق سۈپىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت كېڭىشى ئاياسوفيانىڭ مۇزىيلىق سۈپىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

ئۇ ئەمدى جامىدۇر!

پۈتۈن تۈركىيە تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ۋە 86 يىل بۇرۇن ئاياسوفيا جامىسى ئىسمى ۋە ئىبادەتخانا سۈپىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ مۇزىيخانىغا ئۆزگەرتىلگەن، ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنىشىنىڭ سېمىۋولى بولغان، فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد خان ئىستانبۇلنى فەتھى قىلغاندىن كېيىن شۇ ۋاقىتتىكى ھەققىنى تولۇق بېرىپ سېتىۋېلىپ ئۆز مۈلكىگە ئايلاندۇرغاندىن كېيىن جامىغا ئۆزگەرتىپ ۋەخپە قىلىۋەتكەن ۋە قىيامەتكىچە جامى قېلىشى كېرەك دەپ ۋەسىيەت قىلغان. ئاياسوفيا جامىسىنىڭ تەكرار جامىلىق سۈپىتىگە قايتىپ كېلىشى ھەققىدىكى ئاخىرقى قارارى. بۈگۈن( 10 – ئىيۇل جۈمە كۈنى) سائەت 5 كە يېقىن تۈركىيەدىكى ئەڭ يۈكسەك قارار ئورگىنى بولغان دۆلەت كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

 بۇنىڭ بىلەن دۆلەت كېڭىشى ئاياسوفيانىڭ جامىدىن مۇزىيغا ئايلاندۇرۇلىشى ھەققىدىكى 1934 – يىل 11 – ئاينىڭ 24 – كۈنىگە ئائىت مىنىستىرلار كېڭىشى قارارىنى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇردى.

مەزكۇر قارارنىڭ ئېلان قىلىنىشى پۈتۈن تۈركىيە خەلقىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ھاياجانغا سېلىش بىلەن بىرگە پۈتۈن دۇنيادىن بۇ قارارغا قارشى ئىنكاسلارمۇ كېلىشكە باشلىدى.

قارار ئېلان قىلىنىپ قىسقا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدىن رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىمزاسى بىلەن يەنە بىر قارار ئېلان قىلىندى ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا بىنائەن ئاياسوفيا جامىسىنىڭ دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە ئۆتكۈزۈرۈپ بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ئاياسوفيا جامىسىدىكى تۇنجى جامائەت نامىزى 2020 – يىل 7 – ئاينىڭ 15 – كۈنى باشلىنىدۇ.

بۇ تارىخى مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن كەچ سائەت 20:53 مىنۇت ئۆتكەندە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پرىزدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاياسوفيا جامىسىدە شۈكۈر نامىزى ئوقۇيدىغانلىقى ۋە ئارقىدىن مىللەتكە خىتاب قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ خەۋەر 25542 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2020 17:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق