روسچىلد جەمەتى (1)

روسچىلد جەمەتى(1)

 ( يازما پەقەت ئاپتورنىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ)

كۆپىنچە كىشىلەر ھەتتا بۇ ئائىلىنىڭ نامىنىمۇ ئاڭلىمىغان بولۇشى مۇمكىن. روسچىلد جەمەتى «روسچىلد خاندانلىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دەۋرىمىزدە دۇنيادىكى ئەڭ سىرلىق ۋە ئەڭ كۈچلۈكلىرىدىن بولغان بۇ جەمەتنىڭ تارىخى ياۋروپادا «ئوتتۇرا ئەسىر»دەپ ئاتالغان 1590-يىللارغا بېرىپ تاقىلىدىغان بولۇپ، 1710-يىللاردىن باشلاپ ئاندىن تونۇلۇشقا باشلىغان.

«روسچىلد» دېگەن ئىسىم دۇنيادا ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك مىسلىسىز بايلىقنىڭ ئىگىسى، ئىنتايىن سىرلىق ھەم گۇمانلىق، دېگەن قاراشلار بىلەن بىر گەۋدە كەتكەن بولۇپ، ئېيتىلىشىچە، بۇ جەمەت دۇنيانى تىزگىنىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 13 جەمەتنىڭ بىرى ئىكەن.

 بۇ ئائىلىنىڭ ئىسمى ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ھەر يىلى ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىغان مىلياردېرلار تىزىملىكىدىن تېپىلمايدۇ. چۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ سىرلىق ئائىلە بولغان روسچىلد جەمەتى ھېچقاچان ئۆزىنىڭ بايلىقىنى ئاشكارىلىمىغان. شۇنداق بولسىمۇ بۇ ئائىلىنىڭ 2009-يىلىدىكى بايلىقىنىڭ تەخمىنەن 4-5 تىرىليون دوللار ئىكەنلىكى، تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتقان بايلىقىنىڭ 15-25 تىرىليون دوللار ئەتراپىدا ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. بۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ پۈتۈن دۆلەت ئىقتىسادىدىنمۇ كۆپ دېگەنلىك بولىدۇ.

روسچىلد جەمەتىنىڭ تارىخى 1710-يىلى تۇغۇلغان گېرمانىيەلىك يەھۇدىي ئامسچېل موس روسچىلد (Amschel Moses Rothschild'in)دىن باشلىنىدۇ. بۇ كىشىنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى مايېر ئامسچېل روسچىلد (Mayer Amschel Rothschild) بولۇپ، ئۇ 1744-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى گېرمانىيەنىڭ فىرانكفورت شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1812-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى 68 يېشىدا فىرانكفورت شەھىرىدە ۋاپات بولغان.

ھازىرقى دەۋردە باي بولۇش تەس ئەمەس. خەلقئارا سودا ۋە تىجارەت ئۇچۇرلىرىغا ئەھمىيەت بەرگەن ھەرقانداق كىشى ئىككى-ئۈچ يىلدىلا باي بولالايدۇ. مىكروسوفت (Microsoft)نىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتېس (Bill Gates)مۇ پەقەت بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا باي بولغان ئىدى. ئەمما 19-ئەسىردىكى مىليونېرلار ئۈچۈن باي بولۇش ئۇنداق ئاسانغا توختىمايتتى .

مايېر ئامسچېل روسچىلدنىڭ ئائىلىسى ئادەتتىكى بىر دىندار يەھۇدىي ئائىلىسى ئىدى. بۇ ئائىلە چەكلىك بىر ھايات ئىچىدە ياشايدىغان بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ يەكشەنبە كۈنلىرى ۋە خىرىستىيانلارنىڭ ئۇلۇغ كۈنى ھېسابلانغان كۈنلىرىدە ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق يەھۇدىي مەھەللىسىدىن سىرتقا چىقىشى چەكلىنەتتى. بۇلاردىن باشقا يەھۇدىيلار يېشىل بەلباغ باغلىشى ۋە يەھۇدىيلارغا خاس باج تۆلىشى كېرەك ئىدى. كۆپلىگەن ھۈنەر-كەسىپلەر يەھۇدىيلار ئۈچۈن چەكلەنگەن بولغاچقا، تۇرمۇشى قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتەتتى. ئەمما يەھۇدىيلار ئۈچۈن بىر يول ئوچۇق بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۆسۈم، يەنى ئۆسۈملۈك قەرز ئىدى. چۈنكى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش ۋە ئېلىش خىرىستىيان ئېتىقادىدا ئېغىر گۇناھ ھېسابلىناتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن يەھۇدىيلار دەل بۇ بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ، ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە مۇددەتلىك ئۆسۈملۈك قەرز بېرىشنى كەسىپكە ئايلاندۇرۇۋالغان ئىدى. چۈنكى 18-ئەسىردىكى ياۋروپادا يۈزلىگەن مۇستەقىل كىنەزلىكلەر بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا پۇللىرى بار ئىدى. بۇ كىنەزلىكلەر ئۆزئارا تىجارەت قىلىشىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن. پۇل تېگىشىپ تۇرۇشقا داۋاملىق ئېھتىياجلىق ئىدى.

مايېر ئامسچېل روسچىلد كىچىكىدىن باشلاپلا تىرىشچان ۋە ئەقىللىق بولۇپ، ئۇ دەسلەپتە ئىشىنى ئاز تېپىلىدىغان كونا پۇللار، ئەمەلدىن قالغان تەڭگە پۇللار ۋە ئاسارە-ئەتىقە دېگەندەك نەرسىلەرنى يىغىپ، يۇيۇپ تازىلاپ، قاتتىق قەغەزدىن ئۆزى ياسىغان مەخسۇس قۇتىلارغا سېلىپ، مۇشۇنداق نەرسىلەرنى يىغىپ-ساقلايدىغان ئاسارە-ئەتىقىچىلەرگە سېتىش بىلەن باشلايدۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ شەھەردىكى ھەممە ئاسارە-ئەتىقىچىلەر تەرىپىدىن تونۇلىدۇ.

مايېر ئامسچېل روسچىلد ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، فىرانكفورت شەھىرىدە كىچىك بىر دۇكان ئىجارە ئېلىپ، مەخسۇس ئۆسۈم بىلەن پۇل قەرز بېرىش كەسپى (finans kurumu)نى يولغا قويىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىشى كېيىنچە دۇنيادىكى يېڭىچە بانكا سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. مايېر ئامسچېل روسچىلد بولسا دەۋرىمىزدە «يەرشارىلاشقان سودا-ئىقتىسادىنىڭ قۇرغۇچى ئاتىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ كېيىن گۇتلە روسچىلد(Gutle Rothschild 1770-1812)كە ئۆيلىنىدۇ. بۇلارنىڭ بەش ئوغۇل، بەش قىز بولۇپ ئون پەرزەنتى بولىدۇ.

مايېر ئامسچېل روسچىلد ئاچقان دۇكاننىڭ ئىشىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ۋىۋىسكا ئورنىدا نامەلۇم بىرى تەرىپىدىن ياسالغان، تۇتاملاپ تۇتۇلغان، ئۇچى يۇقىرىغا قارىتىلغان 5 دانە يا ئوقىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بىر قىزىل قالقاننىڭ رەسىمى بار ئىدى. روسچىلد دېگەن سۆز گېرمان تىلىدا «قىزىل قالقان» دېگەنلىك بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ قىزىل قالقان روسچىلد جەمەتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىدۇ. قالقاندىكى باش تال يا ئوقى بولسا ئۇنىڭ بەش ئوغلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ بەلگە ئەينى ۋاقىتتا ئىنجىلنىڭ پسالم 127 بابىدا ئېيتىلغان «بىر جەڭچىنىڭ قولىدىكى ئوقلار»غا ئوخشايتتى. بۇ جەمەتنىڭ شوئارى بولسا قالقاننىڭ ئاستى تەرىپىگە لاتىنچە يېزىلغان «ئىناقلىق، سەمىمىيلىك، ئىگىلىك تىكلەش» (Concordia, Integritas, Industria) دېگەن خەت ئىدى.

 مايېر ئامسچېل روسچىلد بەلگىلىك ئىقتىسادىي ئاساس تىكلىۋالغاندىن كېيىن، بەش ئوغلىنى ياۋروپادىكى بەش دۆلەتنىڭ مۇھىم شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

 مايېر ئامسچېل روسچىلدنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئۇلار ئورۇنلاشقان دۆلەتلەر تۆۋەندىكىچە:

 ئامسچېل مايېر روسچىلدAmschel Mayer Rothschild, 1773–1855))

فىرانكفورت شەھىرىگە ئورۇنلىشىدۇ. بۇ ئوغلىنىڭ پەرزەنتى يوق بولۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن مىراسى سالومون (Salomon) ۋە كالمان (Calmann)نىڭ پەرزەنتلىرىگە مىراس قالىدۇ.

سالومون مايېر روسچىلد Salomon Mayer Rothschild, 1774–1855))، بۇ ئوغلى ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانا شەھىرىگە ئورۇنلىشىدۇ.

نەيسىن مايېر روسچىلد Nathan Mayer Rothschild, 1777–1836))، بۇ ئوغلى ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندونغا ئورۇنلىشىدۇ.

كالمان مايېر روسچىلد (Calmann Mayer Rothschild, 1788–1855)، بۇ ئوغلى ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ناپولى شەھىرىگە ئورۇنلىشىدۇ.

جاكوب مايېر روسچىلد Jakob Mayer Rothschild, 1792–1868))، بۇ ئوغلى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىگە ئورۇنلىشىدۇ.

روسچىلد جەمەتى 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدە بانكىلارنى قۇرۇپ چىقىدۇ. 1816-يىلى بۇ ئائىلىنىڭ ۋىيانا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان سالومون مايېر روسچىلدنىڭ ئەۋلادلىرى ئاۋسترىيەنىڭ ھابسبۇرگ ئىمپېراتورى (Habsburg Monarchy) فىرانسىس II (II. Francis) تەرىپىدىن ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان سىستېمىغا ئاساسەن ئاۋسترىيەنىڭ ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى، دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. لوندونغا ئورۇنلاشقان نەيسىن مايېر روسچىلد جەمەتىمۇ خانىش ۋىكتورىيەنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئاۋسترىيەدە ئېرىشكەن ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى دېگەن نامنى ئەنگلىيەدىمۇ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. 1822-يىلى فىرانسىيە ئاقسۆڭەكلىرى ئائىلىسىگە كىرىپ ئىنتايىن چوڭ ئىمتىيازغا ئېرىشىدۇ. بۇ ئەھۋاللاردىن كېيىن روسچىلد جەمەتى پۈتۈن ياۋروپانى ئۆز كونتروللۇقىغا ئالىدۇ ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالاھىدە مۇكەممەل بولغان ئىستراتېگىيەلىك بانكا تورى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئائىلىنىڭ تەرەققىي قىلىپ، 19-ئەسىردە ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بايلارغا ئايلانغانلىقى ئېيتىلماقتا.

روسچىلد يېڭى ئۇسلۇب بىلەن ئىجاد قىلغان بۇ خەلقئارالىق ئىستراتېگىيەلىك تور مەركىزى ئىچكى ئۇرۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايتتى. 1819-يىلى گېرمانىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا مونوپوللۇققا قارشى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىدۇ. ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئىچكى قالايمىقانچىلىق جەريانىدا فىرانكفورت شەھىرىدىكى روسچىلد بانكىسىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. ئەمما بۇ جەمەت مەبلىغىنى ئوخشىمىغان مەركەزلەرگە تارقاقلاشتۇرۇۋەتكەن ھەم بانكىلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىقتىسادنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى پىلانلىق ھالدا ئۆز قوللىرىغا مەركەزلەشتۈرۈۋالغان بولغاچقا تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جەمەتنىڭ بايلىقىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. 1906-يىلى ئەتراپىدا يەھۇدىيلار قامۇسى مۇنداق دەپ يازغان: «روسچىلد جەمەتى يېڭى ئۇسلۇب بىلەن باشلىغان پەرقلىق پۇل-مۇئامىلە مەركەزلىرىدە ئىشلىتىلگەن بۇ سىستېما بىسكوفشەم (Bischoffsheim)، پېرېر (Pereire)، سېلىگمان (Seligman)، لازارد (Lazard)قا ئوخشاش جەمەتلەر ۋە باشقا يەھۇدىي مەبلەغ سالغۇچىلار تەرىپىدىن كۆزىتىلىپ، ئىشەنچلىكلىكى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يالغۇز يەھۇدىيلارلا ئەمەس، باشقا پۈتۈن بانكا ساھەسىدىمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن روسچىلد جەمەتى پۈتۈن خەلقئارادا تونۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇ ئەھۋالدىن كېيىن يەھۇدىي مەبلەغ سالغۇچىلار 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرقى چارىكىدە خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كەسپىدە كۈنسېرى يۈكسىلىشكە باشلاپ، بارغانسېرى ئۆز ھەسسىلىرىنى ئاشۇرۇشقا باشلايدۇ. خەلقئارادا كۆتۈرۈلۈپ چىققان بارلىق بانكىرلار، ھەسسىدارلار ۋە چوڭ پايدىغا ئېرىشكەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئارقىسىدىكى ئىسىم بولسا روسچىلد جەمەتى ئىدى...». يەھۇدىيلار قامۇسى يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ ئالاھىدە يېڭىچە سىستېمىنى يەھۇدىيلاردىن باشقا مىللەتلەرمۇ تېخى يېقىنقى ۋاقىتقىچە ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن يەھۇدىيلارنىڭ كونتروللۇقى بۇرۇنقىغا قارىغاندا قىسمەن ئازايدى».

مايېر ئامسچېل روسچىلد 1812-يىلى ئۆلۈشتىن بۇرۇن ۋەسىيەت قالدۇرۇپ، روسچىلد جەمەتىنىڭ بارلىق ئىقتىسادىنى ھەرقانداق سەۋەب بىلەن، ھەرقانداق يوسۇندا بۆلۈشتىن ۋە ئاشكارىلاشتىن چەكلەيدۇ. شۇنداقلا بۇ جەمەت ئەزالىرىنى باشقا جەمەتلەر بىلەن قۇدىلىشىشتىن چەكلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئۆز جەمەتىدىن ئۆيلىنىش، قىزلىرىنى ئۆز جەمەتىدىكىلەرگە ياتلىق قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. ئەگەر بۇ ئائىلىنىڭ قىزلىرىدىن بىرەرسى باشقا جەمەتنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن توي قىلسا، بارلىق مىراس ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. ئەرلىرىمۇ ئاساسەن باشقا جەمەتتىن ئۆيلەنمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئائىلىدە تارىختا ناھايىتى يېقىن تۇغقانلار ئارىسىدا توي قىلىش ۋەقەلىرى كۆرۈلگەن.

 

ناپالېئون ئۇرۇشى (1803-1815)

 

 ناپالېئون ئۇرۇشى (1803-1815) باشلىنىشتىن ئىلگىرى روسچىلد جەمەتىنىڭ خېلىلا كۆپ بايلىقى بار بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئائىلە زىقچە ئالتۇن سودىسىدىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە ئىدى. نەيسىن مايېر روسچىلد 1813-يىلدىن 1815-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا لوندوندا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ ئۇرۇش چىقىمىنى ئۆزى يالغۇز دېگۈدەك كۆتۈرىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋېللىنگتون كىنەزلىكى قوشۇنىنى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ قۇرۇقلۇقتىكى ئەنگلىيە ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ 35 توننا زىقچە ئالتۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ. قىلىنغان بۇ ياردەملەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزلەر ئىدى، ئەلۋەتتە. روسچىلد جەمەتى پەقەت 1815-يىلىلا ئىتتىپاقداشلىرىنى 9 مىليون 800 مىڭ فوندستېرلىڭ (2008-يىلىنىڭ ھېسابى بويىچە 634 مىليون فوندستېرلىڭ) ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن.

روسچىلد جەمەتىدىكى ئاكا-ئۇكىلار جەمەتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇرۇشتىن ھالسىرىغان ياۋروپادا ئالتۇنلارنى يۆتكەش، توشۇش ئۈچۈن ھەرقايسى شەھەرلەردە قاتناش-تىرانسپورت ، شىركەت ۋەكىللىرى ۋە تېز يوللانما تورىنى بەرپا قىلىدۇ. روسچىلد جەمەتىدىكىلەر نەيسىن مايېر روسچىلد قۇرۇپ چىققان بۇ تور سىستېمىسى ئارقىلىق بەزى سىياسىي ۋە مالىيە ئۇچۇرلىرىغىمۇ ۋاقتىدا ئېرىشىش شارائىتىگە ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن روسچىلد جەمەتى ياۋروپا بازىرىدىكى باشقا رىقابەتچىلىرىدىن ئالاھىدە كۆپ ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ جەرياندا روسچىلد بانكىسى ئەنگلىيە دۆلىتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بانكىغا ئايلىنىدۇ.

1815-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە ئەنگلىيە-پىرۇسسىيە ئىتتىپاقى بىلەن ناپالېئون رەھبەرلىكىدىكى فىرانسىيە ئىمپېرىيەسى ئوتتۇرىسىدا تارىختا «ۋاتېرلو ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان بېلگىيەنىڭ ۋاتېرلو دېگەن بىر يېزىسىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا ئەنگلىيە تولۇق غەلىبىگە ئېرىشىدۇ. روسچىلد جەمەتى ئىككى يىل بۇرۇن بۇ ئۇرۇشتا ئەنگلىيەنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇشتا فىرانسىيەنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق گەپ تارقىتىدۇ. بۇ ئىغۋا تارقالغاندىن كېيىن ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت پاي چېكى كۈندىن-كۈنىگە چۈشۈپ كېتىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا روسچىلد جەمەتى ئەنگلىيەنىڭ نۇرغۇن پاي چېكىنى ئەرزانلا سېتىۋالىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ناھايىتى چوڭ بىر تەۋەككۈلچىلىك بولۇپ، جاسارەت تەلەپ قىلاتتى. ئۇ قولىدىكى پاي چېكىنى ئىككى يىل ساقلىغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك ئۇچۇر-ئالاقە تور سىستېمىسى ئارقىلىق ۋېللىنگتوننىڭ ۋاتېرلو ئۇرۇشىدىكى غەلىبىسىدىن ئەنگلىيەنىڭ رەسمىي ئەلچىسىدىن دەل بىر كۈن بۇرۇن خەۋەر تاپىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ غەلىبە قىلىشى بىلەن قىممىتى چۈشۈپ كەتكەن پاي چېكى بىردىنلا شىددەت بىلەن ئۆرلەشكە باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ روسچىلد جەمەتى قولىدىكى پاي چېكىلىرىنى %40 پايدا بىلەن ساتىدۇ. ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئىقتىسادنى نەزەردە تۇتقاندا بۇ سودىدا ئالغان پايدىسىنىڭ نەقەدەر كۆپ بولغانلىقىنى قىياس قىلىۋېلىش تەس ئەمەس.

روسچىلد جەمەتى 1840-يىلىدىن باشلاپ پار ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايدۇ. بۇ ئىشتا نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئائىلىنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى ئېغىر سانائەتكە مەركەزلەشتۈرىدۇ. پولات ئىشلەپچىقىرىش، ئالماس پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئوران كېنى ئېچىش قاتارلىق قىممەتلىك مېتاللارنى ئىشلەپچىقىرىشقا تۇتۇش قىلىدۇ. بۇ ئاكا-ئۇكىلارنىڭ بىرى فىرانسىيەدە، يەنە بىرى ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسىدە ، يەنە بىرى بولسا جەنۇبىي ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ يىللاردا دۇنيادىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا روسچىلد جەمەتىنىڭ تىزگىنىگە كىرمىگەن شىركەتلەر ئاز قالغان ئىدى. بۇ جەرياندا فىرانسىيە ۋە ياۋروپادا ئىمپېراتورلار، پادىشاھلار، ھۆكۈمەتلەر ۋە قانۇنلار ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما روسچىلد جەمەتىنىڭ ئوبرازى، كۈچى ھەم چەكسىز كەتكەن ھوقۇقى ئۆزگەرمەي مەزمۇت تۇرۇۋاتقان ئىدى.

 

ئەنگلىيەنىڭ مەركىزى بانكىسى ۋە ئىنگلىز فوندستېرلىڭىنى بېسىش ھوقۇقىنىڭ روسچىلد جەمەتىنىڭ قولىغا ئۆتۈشى

 

مايېر ئامسچېل روسچىلد 1809-يىلى لوندون شەھىرىدىكى «2 New Court, St. Swithin's Lane, City of London» دېگەن ئادرېستىن يەر سېتىۋېلىپ، 1811-يىلى روسچىلد ۋە ئوغۇللىرى (N. M. Rothschild and Sons) دېگەن شىركەتنى قۇرۇپ چىقىدۇ (بۇ شىركەت ھازىرمۇ مۇشۇ جايدا خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە). بۇ شىركەت 1818-يىلى ئەنگلىيە-پىرۇسسىيە دۆلىتىگە بەش مىليون فوندستېرلىڭ قەرز بېرىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپى دۆلەت پاي چېكىنى ئېلىپ-سېتىش تىجارىتىگە مەركەزلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شىركەت تەرەققىي قىلىپ، لوندوندا پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ. 1825-، 1826-يىللارغا كەلگەندە ئەنگلىيە بانكىسىنى يېتەرلىك مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئاساس بەرپا قىلغانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپا سودا بازارلىرىدىكى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرقانداق كىرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان دەرىجىدە يېتىدۇ.

ئەمما ئەنگلىيە ئۇرۇش جەريانىدا ناھايىتى چوڭ زىيان تارتقانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن بانكا سىستېمىسى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئامالسىز قالغان ئەنگلىيە ۋە بانكا پاي چېكى ھەسسىدارلىرى ئەنگلىيەنىڭ مەركەز بانكىسى بولغان ئەنگلىيە بانكىسى (Bank of England)نىڭ ئەڭ چوڭ ھەسسىدارلىقىنى روسچىلد جەمەتىگە ئەرزان باھادا سېتىپ بەرمەكچى بولىدۇ. روسچىلد جەمەتى بۇ تەكلىپنى بىر شەرت بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. بۇ شەرت بولسا ئىنگلىز فوندستېرلىڭىنى روسچىلد جەمەتىنىڭ بېسىپ چىقىرىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇ ۋاقىتتا بۇ شەرتنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئەنگلىيەنىڭ مەركەز بانكىسى ھەم فوندستېرلىڭنى بېسىش ھوقۇقى روسچىلد جەمەتىنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيەنىڭ مەركىزىي بانكىسى 80 يىلغا يېقىن روسچىلد جەمەتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. بەزى تارىخچىلار بۇ جەرياندا روسچىلد جەمەتىنىڭ پەقەت فوندستېرلىڭنى بېسىشتىنلا ھەر يىلى 12 توننا ئالتۇن پايدا ئالغانلىقىنى يازغان.

ئەنگلىيەنىڭ كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى (Daily Telegraph) مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ خەلقئارالىق بانكىرلار جەمەتىنىڭ ئىسمى بايلىق، كۈچ ۋە يوشۇرۇن سىرلار بىلەن ئوخشاش مەنىدە كېلىدۇ... روسچىلد جەمەتىنىڭ ئىسمى باشقا ھەرقانداق ئىسىم ۋە تەخەللۇس يېقىنلىشالمايدىغان دەرىجىدە پۇل-بايلىق ۋە كۈچ بىلەن بىر پۈتۈنلەشكەن گەۋدىگە ئايلانغان».

 (داۋامى بار)

 

 تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

بۇ خەۋەر 1224 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2020 18:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق