تەشكىلاتلىرىمىزغا توغرا كېلىدىغىنى بىرلىشىشمۇ ياكى ھەمكارلىشىشمۇ؟

 

تەشكىلاتلىرىمىزغا توغرا كېلىدىغىنى بىرلىشىشمۇ ياكى ھەمكارلىشىشمۇ؟

ئالماس ھاجى

 بىرلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش دېگەن سۆزلەر ھازىر ھەممىنىڭ دىققەت ئېتىۋارىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ سۆزلەرنى بەزىلەر چاقىرىققا ئىشلىتىۋاتىدۇ، بەزىلەر باشقىلارنى تەنقىدلەشكە، ئەيىبلەشكە ئىشلىتىۋاتىدۇ، يەنە بەزىلەر بىز ئۈمىدلەنگەن ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى بۇزۇش ۋە ئۇنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ سۆزلەر ۋە ئىپادىلەنگەن مەزمۇنلار، ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ھازىر بىزدە سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم مەنىسىنى توغرا ئىگىلىمەي خاتا ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئالدى بىلەن بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم مەنىسى ھەققىدىكى چۈشەنچە بىلەن گەپ باشلىدىم :
 بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم مەنىسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە مۇنداق ئىزاھلانغان :

 -بىرلىشىش (بىرلەشمەك) - مەلۇم مەقسەت ياكى مەلۇم ئاساستا بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر - بىرىگە قوشۇلماق، ئۇيۇشماق.
 -ئىتتىپاقلىشىش (ئىتتىپاق تۈزمەك) - بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزئارا كېلىشىپ قارار ئالماق، ئىتتىپاق بولۇپ ئىناق ئۆتمەك.
 -ھەمكارلىشىش (ھەمكارلاشماق) - ئۆزئارا ياردەملەشمەك؛ بىرەر ئىش، بىرەر ۋەزىپىنى، خىزمەت قاتارلىقلارنى بىر قانچە ئادەم ياكى بىر قانچە ئورۇن (تەشكىلاتلار) ئۆزئارا ماسلىشىپ ئىشلىمەك، ئورۇنلىماق.

 ئۇنداقتا بۇ سۆزلەرنىڭ قايسىسى ھازىرقى ۋەزىيەتتە بىزنىڭ شوئار قىلىشىمىزغا ماس كېلىدۇ؟

 1. بىرلىشىش (قوشۇلۇش).

 مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى غايە، نىشان جەھەتتە ئورتاقلىققا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شەرت-شارائىت ۋە ئىمكانىيەتلىرىگە قاراپ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ۋە ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان تەشكىلى قۇرۇلمىغا ھەم كونكرېت خىزمەت يۆنىلىشلىرىگە ئىگە. بۇ تەشكىلاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئاممىۋى سايلام بىلەن ئەمەس، ئاۋانگارتلارنىڭ بىرلىكى بىلەن مەيدانغا كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن تەشكىلى قۇرۇلمىدىكى خاسلىق ۋە مۇستەقىللىقى، خىزمەت ئۇسۇلى ۋە خىزمەت يۆنىلىشىدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇپ، بىر مەركەزلىك تەشكىلاتقا ئايلىنىشى تەشكىلاتلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا شەكىل جەھەتتىن ماس كەلمەيدۇ.

 2. ئىتتىپاقلىشىش (ئىناق ئۆتۈش).

 بۇ قوشۇلۇش ئەمەس، ئىتتىپاقلىشىش-بىر مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىرەر ئىش، بىرەر پائالىيەتنى ئۆزئارا كېلىشىپ بىرلىكتە ئورۇنداش بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا بەزىدە مەقسەتلىك ۋە پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان كەڭ-كۆلەملىك پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. ئىتتىپاق بولغاندا ئۆز ۋاقتىدا ھەرتەرەپلىمە كېرەكلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى، مۇھىم ئىشلارنى ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، توغرا قارار چىقارغىلى، ئاجىز كەلگەندە كۈچ توپلىغىلى، يېڭى ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىقارغان بەزى جىددىي مەسىلىلەرگە ئۆز ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرغىلى بولىدۇ.

 ئىتتىپاقلىشىش ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشىنىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، مۇناسىۋەتتە يېقىنلىق ئاساسى ئورۇننى ئىگىلەپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىدۇ. بۇ ھال كۈرەش سېپىمىزنى كۈندىن-كۈنگە مۇستەھكەملەيدۇ. يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە بەزى ھالقىلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ ھەيئەت تەشكىللەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىپ ئېلىپ بارغان سۆھبەت، تەشۋىقات، زىيارەتلىرى بۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى.

 3. ھەمكارلىشىش (ياردەملىشىش، ماسلىشىش).

 ئىتتىپاقلىقتىن كېيىن ھەمكارلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. مىللىي مۇستەقىللىق دەۋايىمىزنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز لازىم. خەلقئاراغا تەسىر كۆرسىتىشكە تېگىشلىك ھەرىكەت، پائالىيەتلەرنى بىرەر دۆلەتتىكى بىر قانچە تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كۆزلىگەن ئۈنۈمگە، ئەسلى مۇددىئاغا يەتكىلى بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ، پىلانلىق ھالدا ھەرىكەتنى ۋاقىت، ئۇسۇل جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەڭ قەدەم بىلەن دۇنياۋى دولقۇن ھاسىل قىلىنسا بۇنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن زور بولىدۇ. چۈنكى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق توپلانغان كۈچنى نامايان قىلىپ، ناھايىتى چوڭ زىلزىلە پەيدا قىلىش ۋە كەڭ دائىرىدە تەسىر كۆرسىتىش قۇدرىتىگە ئىگە. مەسىلەن: خىتاي يۇقۇملۇق ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت بولۇپ، بالايى-ئاپەت ئېلىپ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارادىكى 30دىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ‹‹شەرقىي تۈركىستان ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى››نى قۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشنى تەشكىللەپ ئىش ئېلىپ بارغانلىقى بۇنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى. شۇڭا تەشكىلاتلىرىمىز ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى لازىم.

ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى تەشكىلات شەكلى قانداق بولىدۇ؟

 بۇنداق ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى دائىمىيلىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرى، نوپۇزلۇق ئىلىم ئەھلى، ئاكتىپ مۇستەقىل پائالىيەتچىلەر ئىشتىراك قىلغان ھالدا باش قوشۇشۇپ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش، رېئال مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىش، چوڭ-چوڭ مەسىلىلەردە ئورتاق قارار چىقىرىش ئۈچۈن، كۈچنى توپلاش، جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەردە رايون خاراكتېرلىك ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى (دۆلەت؟) ئۇيۇشمىسى›› ۋە بۇ ئاساستا خەلقئارادا ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارا ئىتتىپاقى›› نامىدا كېڭەش خاراكتېرلىك تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ تەشكىلاتلارنىڭ خاراكتېرى باشقۇرغۇچى ئەمەس، بەلكى، ھەممە ئىشتىراك قىلغان كېڭەشتە قوبۇل قىلىنغان قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كۆزەتكۈچى بولىدۇ. بۇ تەشكىلات قۇرۇلما جەھەتتىن ئالى كېڭەشكە (پارلامېنتقا) ئوخشاش ھەممە تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتنىشىپ پىكىر قاتناشتۇرالايدىغان، قارارغا ئاۋاز بېرەلەيدىغان بولۇشى، ئىتتىپاققا قاتناشقان تەشكىلاتلارنىڭ مۇستەقىل تەشكىلى قۇرۇلمىسى، ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن بەلگىلەنگەن خىزمەت يۆنىلىشلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى لازىم. ئەگەرئۇلارنىڭ كۈرەش نىشانى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارىشى تۇرۇپ، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش بولسىلا، ئايرىم مەسىلىلەردىكى ئوخشىمىغان كۆزقاراشلىرىغا چەك قويماي ‹‹ئىتتىپاق››قا قاتناشتۇرۇلۇپ ھەمكارلىشىش لازىم. ئوتتۇرىدىكى بەزى زىددىيەتلىك مەسىلىلەر كۈرەش داۋامىدا ھەل بولۇشى مۇمكىن، بەزىلىرى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن خەلق رايى بىلەن ھەل قىلىنسا بولىدۇ. ھازىر تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ ئورنى يوق. ھازىر بىزگە زۆرۈرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارىشى كەڭرى بىرلىك سەپ تۈزۈپ، كۈچىمىزنى كۆپەيتىش، تەسىرىمىزنى چوڭايتىشدۇر.

 بۇ يەردە يەنە شۇنى دەپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارا ئىتتىپاقى›› قارمىقىدا تۆۋەندىكى ئىككى مۇئەسسەسەمۇ ئورۇن ئېلىش زۆرۈردۇر:-

 (1) دائىمىي ئالاقىنىڭ ئىزچىللىقى، ئۇچۇر- مەلۇماتلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈپ ئالمىشىپ تۇرۇشى، كېرەك بولسا مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورتاق تەدبىر بەلگىلەش ئۈچۈن؛ زامانىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تەشكىلاتلار يېتەكچىلىرىنىڭ باش قوشۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، كەسپى مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارا تەشۋىقات-ئۇچۇر مەركىزى›› قۇرۇلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ ئۇچۇر-تەشۋىقات مەركىزى تەشكىلاتلارغا ئىچكى، تاشقى ۋەزىيەت توغرىسىدا ئۇچۇر يەتكۈزۈش، تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ بىر-بىرىنى بىلىپ تۇرۇشى، ئۆزئارا ماسلىشىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش، ئۇچۇرلارنىڭ ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سېلىش، تۈرگە ئايرىپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇچۇرلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىنى ئاشۇرغىلى، سەلبىي تەسىرىنى چەكلىگىلى بولىدۇ. بەزى ئۇچۇرلار تەشكىلات يېتەكچىلىرىنىڭ پايدىلىنىشى، تەدبىر ئېلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، بەزى ئۇچۇرلار ئاۋامنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا يېتەكچىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆز ۋاقتىدا تەدبىر ئېلىشىغا پايدىسى بولۇشى بىلەن بىرگە، كۆپچىلىكنىڭ ھەرخىل سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان خەۋەر-ئۇچۇرلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 (2) مۇستەقىللىق دەۋا خىزمەتلىرىدە ئىقتىساد تەلەپ قىلىدىغان قۇرۇلما، قۇرۇلۇش، ھەرىكەت پىلانلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بەدەل پۇلىنى ئاساسى مەنبە قىلغان ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارا مىللىي فوندى››نى تەسىس قىلىش جىددىي ئېھتىياجدۇر.

 ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق يولى بىلەن تەشكىللىنىپ مەيدانغا كەلگەن بۇنداق بىر خەلقئارالىق ئىتتىپاق ۋە بۇ ئىتتىپاق قارمىقىدىكى ھازىر بىزگە زۆرۈر بولغان ئۇچۇر، تەشۋىقات ۋە مەبلەغگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى نۆۋەتتە كۆرۈلۈۋاتقان ئايرىم پاسسىپ ھالەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈشى، خەلقئارالىق دولقۇن شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.

 تەشكىلاتلارنىڭ نامى شۇ تەشكىلاتلارنىڭ خاراكتېرىگە ماس كەلگىنى ياخشىراق. شۇڭا، دۆلەت، رايونلاردىكى تەشكىلاتلار ئىتتىپاقىنى "ئۇيۇشما"دەپ ئاتىغان مۇۋاپىق دەپ قارىدىم، مەسىلەن: ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى تۈركىيە ئۇيۇشمىسى››دېگەندەك، بۇنىڭدىن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى باش قوشقان گەۋدە دېگەن مەنە چىقىدۇ. ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارا ئىتتىپاقى›› دېگەن نامدىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئىناقلىقى، ھەمكارلىقى دېگەن مەنىلەر چىقىپ تۇرىدۇ، بىر ئاڭلىغان كىشى تەشكىلاتلارنىڭ خاراكتېرىنى بىلىپ ئالالايدۇ.

 بۇندىن بىر يىل بۇرۇن بۇ ھەقتە ماقالە يېزىپ ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارالىق ئالىي كېڭەش››قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن ئىدىم، ماقالىدا ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنىڭ زۆرۈرىيەت ۋە سەۋەبلىرى شەرھلەنگەن ئىدى. شۇڭا مەزكۇر يازمىدا پەقەت، بەزى ئېنىق بولمىغان ۋە ئارىدا بەزى ئۇقۇشماسلىقلارنى پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلە، يەنى بۇنداق يېڭى تەشكىللىنىشنى قانداق شەكىلدە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە بەزى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.

بۇلار مىنىڭ شەخسى قاراشلىرىم، تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ۋە قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشىنى، خاتالىرى، كەم -چالىسى بولسا تۈزىتىپ تولۇقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

2020 -يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىستانبۇل

بۇ خەۋەر 17698 قېتىم كۆرۈلدى
18/06/2020 11:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق