خوڭكوڭدا «دۆلەت شېئىرى قانۇنى» رەسمىي ماقۇللاندى

خوڭكوڭ قانۇن كېڭىشى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن «دۆلەت شېئىرى قانۇنى»نى رەسمىي ماقۇللىغان بولۇپ، تۈنۈگۈن مەمۇرىي ھۆكۈمەت باشلىقىنىڭ ئىمزاسىدىن ئۆتكەن.

مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن خوڭكوڭ پۇقرالىرىنىڭ خىتاي دۆلەت شېئىرىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشى، ھاقارەتلىشى ۋە ئۆزگەرتىشى چەكلەنگەن بولۇپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 50 مىڭ خوڭكوڭ پۇلى جەرىمانە قويۇلىدىكەن ۋە ئېغىر بولغاندا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن.

دۆلەت شېئىرى قانۇنى ئالدىنقى يىلى قانۇن كېڭىشىدىكى دېموكراتچىل پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشىلىقى بىلەن يېرىم يىلدىن ئارتۇق كېچىكتۈرۈلگەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا قايتىدىن مۇزاكىرىگە قويۇلغان.

خوڭكوڭدىكى خىتايغا قارشى نامايىش باشلانغاندىن بۇيان بىر قىسىم خوڭكوڭلۇقلار ئاممىۋى يىغىلىشلاردا خىتاي دۆلەت شېئىرىنى مەسخىرە قىلغان، ئىسقىرتىپ كۆزگە ئىلمىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن. بۇنىڭدىن بىئارام بولغان خىتاي دائىرىلىرى خوڭكوڭ رايونىدا دۆلەت شېئىرى قانۇنى تۇرغۇزۇشنى تېزلەتكەن. ئۇندىن باشقا «دۆلەت بايرىقى قانۇنى»مۇ ئاللىبۇرۇن يولغا قويۇلۇپ بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، دۆلەت شېئىرى قانۇنى بۈگۈن ئېلان قىلىنىپ، رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان.

بۇ خەۋەر 730 قېتىم كۆرۈلدى
12/06/2020 14:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق