خوڭكوڭ خەلقى قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەپ نامايىش ئۆتكۈزدى

خوڭكوڭ خەلقى قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەپ نامايىش ئۆتكۈزدى
ۋال كوچىسى گېزىتى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 9-ئىيۇن خوڭكوڭ خەلقى ساقچىلارنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىگە پىسەنت قىلماي، خوڭكوڭ شەھەر مەركىزىگە يىغىلىپ، «جىنايەتچىلەرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى»غا قارشى باشلانغان خىتايغا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلىگەن.
نامايىشقا قاتناشقان مىڭلىغان كىشىلەر بىردەك ماسكا تاقاپ، كۈنلۈك كۆتۈرۈپ، يانفونلىرىنىڭ چىرىغىنى ياندۇرغان ھالدا كوچىدا يۈرۈش قىلغان. نامايىشچىلار ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. ساقچىلار يەنە بارلىق يوللارنى قامال قىلىپ، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرغان. بۇ جەرياندا 53 كىشى قولغا ئېلىنغان. بۇ كۆرۈنۈشلەر بۇلتۇرقى نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى يەتتە ئايلىق توقۇنۇشنى ئەسلەتكەن.
نامايىشچىلاردىن بىر نەچچە كىشى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ باستۇرۇشنى كۈچەيتىشى نەتىجىسىدە نامايىشچىلارغا قارىتىلغان ئەيىبلەش دائىرىسىنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى، ئالدىنقى يىلى يۈز بەرگەن قانۇن تۇرغۇزۇش مەھكىمىسى بىناسىغا بۆسۈپ كىرىش ۋەقەسىنىڭمۇ زوراۋانلىق جىنايىتى دەپ قارالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خوڭكوڭ مەمۇرىي ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى لىنجېڭ يۆئې تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بارلىق كىشىلەرنىڭ بۇ بىر يىلدىن بۇيانقى ۋەقەلەردىن ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكىنى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ نورمال تۇرمۇشىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى خالايدىغانلىقىنى، خوڭكوڭنىڭ قالايمىقانچىلىقنى كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

بۇ خەۋەر 701 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2020 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق