خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلانماقتا

 

يېڭى ئاكىت تورىنىڭ بۈگۈن يوللىغان دوكلاتىدا تۈركىيەدىكى يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى روزا تۇتۇشقا ئوخشاش ئىبادەتلەرنى چەكلىگەنلىكىگە قارشى نارازىلىقلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلغانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىۋاتقان زۇلۇملىرى داۋاملىشىۋەرسە، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكىنى پەرەز قىلىشنىڭ تەس ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا يەنە ئەنقەرە كىرىزىس ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇنىڭ خەلقئاراغا بولغان تەسىرى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغانلىقى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتە تۈرلۈك قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئىستانبۇل ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى دوكتور راغىپ قۇتئاي كاراجا تۈركىيە ۋە خىتاي ئارىسىدىكى سىياسىي ئالاقىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ تۈركىيە-خىتاي سودا ئالاقىسى ھەققىدە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ بۇ سودىدا پايدىسىز ئورۇندا ئىكەنلىكىنى، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە تۈركىيە ۋە خىتاي خەلقى ئارىسىدا بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلانغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنقەرە كىرىزىس ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزى ياۋرو-ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دوكتور دىنمۇھەممەد ئامەتبەك تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ سۇرىيە مەسىلىسى ۋە دۆلەت پۈتۈنلىكىگە ئوخشاش نۇقتىلاردا بىرلىككە ئىگە ئىكەنلىكى، ئالدىنقى نەچچە ھەپتە ئىچىدىكى تۈركىيە-خىتاي سۆھبىتىنىڭ سىياسىي ئۇچرىشىش نامى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىشىمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق سىياسىي مەنپەئەت نۇقتىسىنى تاپالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى بارىش ئادىبەللى بولسا تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت تەرىقىسىدە كېتىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ھەر قايسى جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچەيتىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە قايتىدىن قاراپ چىقىشى كېرەكلىكى، بۇ قېتىمقى تۈركىيە-خىتاي سۆھبىتىنىڭ بۇ نۇقتىغا قاراپ ئېلىنغان بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 16264 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2019 17:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق