ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشى

فاتىھ سۇلتان مۇھەممەدنىڭ دادىسى سۇلتان مۇرات II ۋاپات بولغاندىن كېيىن، فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد 1451-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ تەختىگە چىقىدۇ. ئۇ بۇ ۋاقىتتا 17 ياشتا ئىدى.

 فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد تەختكە چىقىپ ئىككى يىلغا يېقىن جىددىي تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن، 160 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن (200 مىڭ دېگەنلەرمۇ بار) ئىستانبۇلغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇ قوشۇن 1453-يىلى ئىستانبۇل شەھەر سېپىلىنى ئايلىنىپ پۈتۈن شەھەرنى قورشاۋغا ئالىدۇ. 4-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە رەسمىي ھالدا ئۇرۇش باشلايدۇ.

 ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ھۇجۇمغا ئۆتكەندە ۋىزانتىيە قوشۇنلىرى خالىچ بوغۇزىنىڭ ئۇ قىرغىقىدىن بۇ قىرغىقىغا مۇستەھكەم بىر زەنجىر تارتىش ئارقىلىق 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇلارنى توختاشقا مەجبۇرلايدۇ. 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋىزانتىيەگە ياۋروپادىن ئۈچ كېمە ئەسكەر ياردەمگە كېلىدۇ. ئات ئۈستىدە قوماندانلىق قىلىۋاتقان فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باشلىقى بالتا ئوغلى سۇلايمان بەينى ئۇ ياردەم كېمىلىرىنى دەرھال توسۇشنى بۇيرۇيدۇ. ئەمما سۇلايمان بەي 18 كېمە بىلەن بېرىپمۇ دۈشمەننىڭ ئۇ ئۈچ كېمىسىنى توسۇپ قالالمايدۇ. نەتىجىدە ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ 150 كېمىگە ئىگە دېڭىز ئارمىيەسى ئاشۇ ئۈچ كېمىنى توسۇپ قالالمايدۇ. قاتتىق غەزەپلەنگەن فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد شۇ كۈنى كېچىدە پىدائىيلار قوشۇنى ئەۋەتىش ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ئۇ كېمىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. بۇنىڭغا قارشى ۋىزانتىيە قوشۇنلىرىمۇ ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن 260 ئەسكىرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ سېپىللارغا ئاسىدۇ.

 بۇ ئەھۋالدىن كېيىن فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد ئۇرۇش كېمىلىرىنى قۇرۇقلۇق يولى بىلەن ئۆتكۈزۈش بۇيرۇقى چۈشۈرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ خالىچ بوغۇزىدا توسۇلۇپ قالغان ئۇرۇش كېمىلىرىدىن 72 كېمىنى 4-ئاينىڭ 21- ۋە 22-كۈنلىرى كېچىدە ھازىرقى بەشىكتاش ئەتراپىدا تاغدىن ئارتىلدۇرۇپ، 4~2 كىلومېتىر ئەتراپىدا قۇرۇقلۇقتا ماڭغۇزۇپ، دېڭىزغا ئېلىپ چۈشىدۇ. بۇ ئاجايىپ ۋەقەدىن كېيىن ھېچ ئەھۋالى قالمايۋاتقان ۋىزانتىيە قوشۇنلىرى بىر تەرەپتىن ھاڭ-تاڭ قالغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قاتتىق ۋەھىمە ئىچىدە قالىدۇ.

 بۇ جەرياندا قۇرۇقلۇقتا ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ قوشۇنلىرى فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىش ئۇرۇشىغا ئاتاپ مەخسۇس ياسىتىپ كەلگەن، ئۇ ۋاقىتقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ توپلار بىلەن شەھەر سېپىلىنى شىددەتلىك توپقا تۇتىدۇ. ۋىزانتىيە قوشۇنىنىڭ قوماندانى گىئۇستىنىئانى (Giustiniani) ئەسكەرلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. شەھەرنى ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان فاتىھ سۇلتان مۇھەممەدنىڭ قوشۇنلىرى يەر ئاستىدىن لەخمە قېزىش ئارقىلىق شەھەرگە كىرمەكچى بولىدۇ. ئەمما ۋىزانتىيە ئەسكەرلىرى تۇيۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئۇلارمۇ لەخمە كولاپ، فاتىھ سۇلتان مۇھەممەدنىڭ ئەسكەرلىرى كولىغان لەخمىنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرۇپ ئوت بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن فاتىھ سۇلتان مۇھەممەدنىڭ قوشۇنلىرى ئىككىنچى بىر لەخمە كولاشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ لەخمىمۇ سېزىلىپ قالىدۇ. نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپ ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىق قەھرىمانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە بىرلىكتە پارتلاپ تۈگەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن باشقا جايدىن يەنە لەخمە كولايدۇ. ۋىزانتىيە قوشۇنلىرىمۇ لەخمىگە لەخمە ئارقىلىق قارشىلىق قىلىدۇ. شىددەتلىك ئۇرۇش ھەم شەھەر سېپىلى ئەتراپىدا، ھەم يەر ئاستىدا قاتتىق داۋام قىلىۋاتقان شۇ پەيتتە ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى يەنە دېڭىزدىنمۇ ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. بۇ جەرياندا فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد 5-ئاينىڭ 23-ياكى 24-كۈنى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىمپېراتورى كونىستانتىننى (Konstantinos) تەسلىم بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. ئەگەر تەسلىم بولسا ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ جېنى ۋە مېلىغا چېقىلمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى خالىغان جايغا يولغا سېلىپ قويىدىغانلىقىنى، شەھەر خەلقىگىمۇ چېقىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ئىمپېراتور كونىستانتىن تەسلىم بولۇش تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ.

 فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد ئاخىرقى قېتىم پۈتۈن تەييارلىقلىرىنى ئۆزى بىۋاسىتە كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئەسكەرلىرىنى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلەپ تەييارلايدۇ. فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد 1453-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن پۈتۈن ئەسكەرلىرىگە سۆز قىلىپ: «كىمكى شەھەرگە بىرىنچى بولۇپ كىرسە ئالاھىدە مۇكاپاتلىنىدۇ. شەھەرگە كىرگەن ئەسكەرلەر ئۈچ كۈن دۈشمەننى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. كىم قانچىلىك غەنىيمەت ئالسا، ئۆزىنىڭ ھەققى بولىدۇ. كىم ئۇرۇش مەيدانىدىن قاچسا، ئۆلتۈرۈلىدۇ» دەپ، ئىستانبۇل شەھىرىگە ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ ھۇجۇمنى باشلاش بۇيرۇقى چۈشۈرىدۇ.

 ئاخىرقى قېتىملىق ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش باشلىنىدۇ. ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئەسكەرلىرى سېپىلگە چىقىدىغان شوتىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ئەمما دۈشمەن ناھايىتى قاتتىق قارشىلىق قىلغاچقا، سېپىلگە چىقالماي مەغلۇپ بولۇپ، جەڭ مەيدانىدىن چېكىنىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا جەڭ مەيدانىدىن قاچقانلار فاتىھ سۇلتان مۇھەممەدنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. بۇ بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئەسكەرلەر ئىككى سائەت ئەتراپىدا بەرداشلىق بېرىدۇ. كېيىن ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئەسكەرلەر ئۇرۇشقا كىرىدۇ، ئەمما بۇلارمۇ مۇۋەپپەق بولالمايدۇ. بۇلار بىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا بەرداشلىق بېرىدۇ. بۇ جەرياندا شەھەر سېپىلى چوڭ توپلار بىلەن شىددەتلىك ئوققا تۇتۇلۇپ تۇرىدۇ.

توپلارنى ھەر قېتىملىق ئېتىشقا ئىككى سائەت ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد توپچىلارنى تېزراق ئېتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېز ئېتىلغان توپلاردىن بىرسى پارتلاپ كېتىپ، ئەتراپىدىكى توپچىلارنىڭ ھەممىسى شېھىت بولىدۇ. ئاخىرىدا ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ خىللانغان ئاساسلىق ھۇجۇمچى قوشۇنى ئۇرۇشقا كىرىدۇ. بۇ ئۇرۇش بەكمۇ شىددەتلىك داۋاملىشىدۇ.

ۋىزانتىيە ئەسكەرلىرى ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمدا خېلىلا چارچىغان ئىدى. ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇمى بولسا تاللانغان ئەڭ ياراملىق ئەسكەرلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇرۇشقا يېڭى كىرگەن بولغاچقا، جەڭگىۋارلىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋىزانتىيە ئەسكەرلىرى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالدى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ توپىدىن ئېتىلغان ئوق شىددەت بىلەن كېلىپ سېپىلدىن چوڭ بىر تۆشۈك ئاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئەسكەرلەرمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ھەسەن ئىسىملىك بىر لەشكىرى سېپىلغا چىقىپ، ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ بايرىقىنى قادايدۇ. بۇ ئەھۋال ۋىزانتىيە قوشۇنىنىڭ روھىغا قاتتىق زەربە بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ۋىزانتىيە قوشۇنى تامامەن مەغلۇپ بولۇپ، پۈتۈن سەپ بويىچە يىمىرىلىشكە باشلايدۇ.

شەھەرگە بېسىپ كىرگەن ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرى بىر تەرەپتىن بۇلاپ-تالاپ غەنىيمەت ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەھەر مەركىزىگە قاراپ سىلجىيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىستانبۇل شەھىرى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، يەنى بۇنىڭدىن 567 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە چۈشتىن بۇرۇن پەتھى قىلىنىدۇ. شەھەر پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد شەھەرگە كىرىپ، گەرچە ئەسكەرلىرىنى شەھەردە ئۈچ كۈن بۇلاپ-تالاشقا رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، شەھەر پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بۇلاپ-تالاشنى قەتئىي چەكلەيدۇ. فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد شۇنىڭدىن كېيىن ئاياسوفىيەگە كېلىپ، لەشكەرلىرىگە ئۆزى ئىمام بولۇپ پېشىن نامىزىنى ئاياسوفىيەدە ئوقۇيدۇ (جۈمەنى دەپمۇ بار).

 ھازىر زەيتىنبۇرنۇ توپقاپىدىكى «پانوراما 1453» مۇزېيى مانا مۇشۇ ئىستانبۇلنىڭ 1453-يىلى پەتھى قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلەپ سېلىنغان.

 

 تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 
بۇ خەۋەر 917 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2020 20:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق