خىتاي كومپارتىيەىسى كۈچ سەرپ قىلىپ ئىسلامنىڭ ئىزىنى يوقىتىشقا تىرىشماقتا

خىتاي كومپارتىيەىسى كۈچ سەرپ قىلىپ ئىسلامنىڭ ئىزىنى يوقىتىشقا تىرىشماقتا
زىمىستان تورنىڭ 27- مايدىكى خەۋەرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامغا قارشى ئىجرائاتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يۈرگۈزۈپ، كېيىنكى باسقۇچتا خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەسچىتلەرنىڭ ئىسلام بەلگىلىرىنى ئېلىۋەتكەن.
خىتاي بۇ يىل 18-مارت خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى گوڭماجۇاڭ مەسچىتىنى «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش » رەزىل پىلان دائىرىسى ئىچىدە مەسچىتىنىڭ بارلىق تاشقى كۆرۈنۈشىنى خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتكەن.
ئەسىلىدە خىتاي دىنى ئىشلار ئىدارىسى ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مەسچىتنىڭ گۈمبەز ۋە ھىلال ئاي بەلگىسىنى ئېلىۋېتىشنى بۇيرىغان. يەرلىك مۇسۇلمانلار دائىرىلەرنىڭ ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىش بۇيرۇقىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان. خىتاي دىنىي ئىدارىسى ئۇلارنى «پارتىيەنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىمىغان ۋە پارتىيەگە ئەگەشمىگەن» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۆتكەن يىلى نويابىردا ، مەخسۇس ئادەم تەشكىللەپ مەسچىت ئۈستىدىكى گۈمبەز ۋە ھىلال ئاي بەلگىسىنى مەجبۇرىي ئېلىۋەتكەن ، ھەتتا مەسچىتنىڭ ئۆگزىسىنىمۇ خىتاي مەدەنىيەت ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىپ ياسىغان.
شۇ يەردىكى بىر مەسچىت ھەيئىتى مۇخبىرغا : « بىزدە بىر پارتىيە تۈزۈمى بار. شى جىنپىڭ ھەممە ئىشنى بىر قوللۇق كونترول قىلىۋاتىدۇ. مەسچىت چېقىشقا بۇيرۇلغان ئادەملەر بويرۇق بويىچە ئىش قىلمىسا جازالىنىدۇ ۋە ئىشتىن بوشىتىلىدۇ. ھىلال ئاي ھەمدە يولتۇز بىزنىڭ ئېتىقادىمىزنىڭ سىمۋولى ، ھازىر بىز ئۇنىڭ چېقىۋىتىلىشىگە قاراپ تۇرۇپ گۇناھكار بولدۇق. مەن ئۇنى دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايمەن. كىشىلەرنىڭ ئۇنى يىرتىپ چېقىشى ھەقىقەتەن ئازابلىق بىر كۆرۈنۈش». ئىلگىرىكى كۈنلەردە ماشىنىچىغا ئاسىدىغان [ مەخسۇس مۇسۇلمانلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ماشىنا] دېگەن بەلگىنىڭ ئېلىۋىتىشكە مەجبۇرلىدى. ماشىنىدا [مەسچىت، مۇسۇلمان] دېگەن خەت ۋە بەلگىلەرنىمۇ قويۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
ئۇ يەنە مۇخبىرغا: خىتاي جېڭجۇدىلا 2019-يىلى كەم دېگەندە 50 مەسچىتنىڭ ئىسلام بەلگىسىنى چىقىۋاتقانلىقىنى، مەستتىكى ئىسلام بەلگىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە خىتاي ھېچقانداق چىقىم قىلمىغاي مۇسۇلمانلارنى چىقىم قىلىشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
جىنشۈي رايونىدىكى نېجۇاڭ مەچىت ئىمامىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەكۇر مەسچىتنى خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا 2 مىليون يۈەنگە يېقىن پۇل كەتكەن. ئۆتكەن يىلى نويابىردا ، مەسچىتنىڭ مۇنارى ئۆزگەرتىلگەن ۋە ھىلال ئاي بەلگىسى چېقىۋېتىلىپ، بۇ مەسچىت ھازىر خىتاينىڭ بۇتخانىسىغا ئوخشاپ قالغان.

بۇ خەۋەر 25559 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2020 15:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق