خوڭكوڭ خەلقىنىڭ تور ئەركىنلىكىگە بولغان ئەندىشىسى كۈچەيمەكتە

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ خوڭكوڭغا قارىتا دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى چىقىرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتكەن بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە خوڭكوڭنىڭ VPN (ۋى پى ئېن) دېتالىغا بولغان ئېھتىياجى بەش ھەسسە ئاشقان.
VPN بولسا تور چەكلىمىسىدىن ئاتلاپ ئۆتەلەيدىغان بىر خىل يۇمشاق دېتال بولۇپ، نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر بۇ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. خوڭكوڭلۇقلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوڭكوڭنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن پۇقرالارنىڭ تور ئەركىنلىكىنى چەكلىشىدىن، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى سىرتقى دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىشىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. بۇ سەۋەبلىك ئەڭ يامان ئېھتىماللىققا ئالدىن تەييارلىق كۆرگەن.
گۇگېلغا ئوخشاش ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ VPN ھەققىدىكى مەزمۇنلارغا بولغان قىزىقىشى يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يۇقىرى پەللىگە چىققان.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش، خەلقنىڭ ئاۋازىنى باستۇرۇش ئۈچۈن نەچچە ئون يىلدىن بېرى قاتتىق تور چەكلىمىسىنى ئىجرا قىلىپ، خەلقنى سىرتقى دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىۋەتكەن. ھەتتا VPN ئىشلىتىشنىمۇ قانۇنسىز قىلمىش قاتارىغا چىقارغان.
خوڭكوڭ نۇسخىسىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى يولغا قويۇش پىلانى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن خىتاي ۋە خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرى بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، بۇنىڭ پەقەت دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن ۋە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغان «ئاز بىر قىسىم» كىشىلەرگە قارىتىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

 
بۇ خەۋەر 558 قېتىم كۆرۈلدى
26/05/2020 18:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق