خەلق گېزىتى: خوڭكوڭ مائارىپىدىكى «زەھەرلەر»نى تازىلاش كېرەك

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي خەلق گېزىتى 16-ماي «خوڭكوڭ مائارىپى چوڭقۇر زەھەر تازىلاشقا موھتاج» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، خوڭكوڭنىڭ مائارىپ سىستېمىسىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات يۈرگۈزۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ماقالىنى ئېلان قىلىشىغا ئالدىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن خوڭكوڭنىڭ ئىمتىھان سوئالىدىكى تالاش-تارتىش سەۋەب بولغان. خوڭكوڭنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەڭداش كېلىدىغان بۇ يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدا «1900-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە ياپونىيەنىڭ خىتايغا كەلتۈرگەن زىيىنى چوڭمۇ، پايدىسىمۇ؟» دېگەن سوئال چىقىرىلغان بولۇپ، كۈچلۈك تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولغان. خىتاي ۋە خوڭكوڭنىڭ مائارىپ دائىرىلىرى، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ بۇ ۋەقەگە ئارىلىشىپ، ئىپادە بىلدۈرۈشكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيەنىڭ خىتايغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى، بۇنىڭ زىيىنىلا بار، ھېچقانداق پايدىسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل «نامۇۋاپىق» سوئال چىقىرىشنىڭ ئېغىر خاتالىق ئىكەنلىكنى تەكىتلىگەن. نۆۋەتتە بۇ سوئال ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، سوئال چىقىرىشقا مەسئۇل ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئىستېپا بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

خوڭكوڭنىڭ ھەرساھە زاتلىرى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ تۈردىكى سوئالنىڭ ئەزەلدىن بار ئىكەنلىكىنى، بۇ قىلمىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى بوغۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە بۇنى «ئىككىنچى قېتىملىق مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەپ سۈپەتلىگەن.

خىتاي خەلق گېزىتىنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە خوڭكوڭنىڭ مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئاتالمىش «زەھەر»گە تولۇپ كەتكەنلىكى، بۇ سەۋەبلىك ياشلارنىڭ، ئۆسمۈرلەرنىڭ خىتايغا قارشى نامايىش قىلىشى، «زوراۋانلىق قىلمىش» سادىر قىلىشى دېگەندەك نەتىجىلەرگە سەۋەب بولغانلىقى، بالىلارنىڭ، خوڭكوڭنىڭ «كەلگۈسى»سى ئۈچۈن مائارىپ سىستېمىسىنى چوقۇم ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ چىقىش كېرەكلىكى دەۋا قىلىنغان.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا يەنە خوڭكوڭنىڭ مائارىپ ساھەسىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات يۈرگۈزۈش ئۈچۈن دەرسلىكلەردىكى «زەھەرلىك» مەزمۇنلارنى تازىلاپ چىقىش كېرەكلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل مەزمۇنلارنى تارقاتقان شەخسلەرنىمۇ تازىلاپ چىقىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاينىڭ ئاتالمىش «مائارىپ سىستېمىسىدىكى زەھەرنى تازىلاش» ھەرىكىتى يېڭىلىق ئەمەس بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان زور تۈركۈمدىكى زىيالىيلار بۇ «بوران»نىڭ تەسىرىدە تۈرمىلەرگە تاشلانغان، دەرسلىك كىتابلارمۇ پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە خوڭكوڭدىكى خىتايغا قارشى نامايىشىنى باھانە قىلىپ، خوڭكوڭدىكى دەرسلىك كىتابلارنى ئۆزگەرتىش، ئىسلاھ قىلىش ھەققىدىكى قاراشلارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان. بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خوڭكوڭنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتمەكتە.

 
بۇ خەۋەر 706 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2020 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق