ھەممىمىز نۆل ئالغان بولساق، يۈز ئالغىنى كىم؟

ھەممىمىز نۆل ئالغان بولساق، يۈز ئالغىنى كىم؟

«بار ئويۇننى سىز ئويناڭ، دەردىڭىزنى مەن تارتاي!»
-خەلق قوشىقى

چەت ئەلدە داۋا ئۈچۈن قانچىلىغان باشلاردا چاچلار ئاقاردى؟ قانچىلىك تەر ۋە قانلار تۆكۈلدى ۋە تۆكۈلمەكتە ؟ بۇ قان-تەرلەر بىكار كېتىۋاتامدۇ؟ تېررورىست دېيىلىپ، تۈرمىلەرگە مەھكۇم بولۇپ ياتقانلارنىڭ ئۇۋالىچۇ؟
بىزنى يولى نىشانى يوق دېگەنلەر قۇلاق سېلىڭ! ياقۇپ بەگدىن مۇستەقىل دۆلەت ئەندىزىسى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يېڭىلىق تەرغىباتى، 1933-يىلىدا قۇرۇلغان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەركانى، مەمەتئېلى تەۋپىقلارنىڭ يېڭى ئەۋلاد يېتىشتۈرۈش ھەرىكىتى، 1944-يىلىدىكى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ غايىسىدۇر تۇتقان يولىمىز.
ۋەتەندىكى ئەڭ تەس شارائىتلاردا قوزغالغان مىللىي ئىنقىلابلار، مۇتەپەككۇر، ئەللامە ئۇستاز ئابدۇلھېكىم مەخسۇمنىڭ يېتىشتۈرگەن مىڭلىغان تالىپلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا ئېلىپ بارغان ئىسلامىي، جىھادىي ئويغىتىشلىرىدىن، كېرەم قارى جىھادنىڭ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ، بارىن ئىنقىلابى شەھىدى زەيدىن يۈسۈپلەرنىڭ، غۇلجا ۋەقەسى رەھبەرلىرى ئابدۇخېلىللارنىڭ، يىللاپ تۈرمىلەردە يېتىپ، ۋەتەن ئىچىدە تۇرۇش مۇمكىن بولمىغاندا چەتئەلگە كۈرەشنى داۋام قىلىش ئۈچۈن چىققان نى-نى ئارسلانلارنىڭ، ئەر-يىگىتلەرنىڭ، ئابدۇلھېكىم مەخسۇم تەكلىماكان، ئابدۇقادىر ياپچان، ئاتاۋۇللاھ شاھيار، سىراجىدىن ئەزىزى... ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھازىرغىچە يولىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان، مەيدانىدىن تەۋرەنمىگەن، ساغلام يىلتىزلارنى قۇرۇتماي، ئاساسلىق غايىلارنى ئۇنتۇماي ۋە ئۇنتۇلدۇرماي «خىتاي قولىمىزدىن ئالغان زېمىنىمىزنى، ئەركىنلىكىمىزنى، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى ۋە تارىختىكى سەلتەنىتىمىزنى يوقاتماي، بەلكى قايتا تىرىلدۈرىمىز!»دەپ ماڭغانلار سىزچە نىشانسىز، غايىسىز مېڭىپتىمۇ؟!
ياق! ئۇلار ئۇلۇغۋار نىشان بويىچە بىر تەرەپتىن سەبىيلەرنى، سەبىيلەرنىڭ ئانىلىرىنى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاقارتىش تەربىيەسىدە يېتىشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ھاياتنىڭ ئاساسى بولغان تويۇنۇش، ساغلام تۇرۇش، ھالالدىن ئىشلەپ ياشاش يوللىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ياشاۋاتقان دۆلەتتە قانۇنلۇق تۇرۇش رۇخسەتلىرىنى ھەل قىلىش، ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېت ياكى مەكتەپلەردە ئوقۇش ئارزۇسى بولغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇرالغۇ، ئوقۇش راسخوتىنى ھەل قىلىش، تۈرلۈك سەۋەبلەردىن تۈرمىگە كىرىپ قالغانلارنى، چېگرادا تەمتىرەپ قالغانلارنى قۇتۇلدۇرۇش، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن قېچىپ كېلىۋاتقانلارغا قۇچاق ئېچىش، يىتىملارغا ئانا، تۇللارغا قېرىنداش بولۇش ۋە ياردەمدە بولۇش، مەدەنىيەت، كۈلتۈر ھەققىدىكى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلقئارالىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش يولى ئېچىش، ۋەتەننىڭ ئىسمىنى دۇنيا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىش، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى تونۇتۇش، خەلقئارالىق قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشلىرىنى يىلدىن-يىلغا ئۈزۈلدۈرمەي مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەرقايسى دۆلەتلەردىلا ئەمەس، ھەرقايسى شەھەرلەرگىچە تارماق جەمئىيەتلەرنى قۇرۇش، مۇھاكىمە ۋە ئىلمىي تەتقىقات يىغىنلىرى، ئىستراتېگىيەلىك پىلان يىغىنلىرىنى ئېچىش، كېلەچەك ئۈچۈن ئاساس بولىدىغان بىر دۆلەتنىڭ ئۇلى ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ئانا تىل، مائارىپ، سودا، تەنتەربىيە، ياشلار بىرلىكى، ئىستىقلال رادىيو- تېلېۋىزىيەسى، سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى ۋە باشقا نەشرىياتلارنى قۇرۇپ، دىنىي ۋە كەسپىي كىتابلار بىلەن خەلقنى تەمىنلەش، مەكتەپ، مەدرىس، ۋەقفى ۋە بىرلىكلەرنى تەسىس قىلىپ مېڭىۋاتقان، ۋەتەنگە قايتقىنىمىزدا ئەڭ باشتا ئېھتىياجىمىز بولغان تىل ۋە دىنىي تەلىم-تەربىيە ئۈچۈن ئانا تىل مەكتىپى، دىنىمىز ئۈچۈن قىز-ئاياللارنى يېتىشتۈرۈپ، ئىجازەت ئېلىشقىچە تەربىيەلەۋاتقان، ياشلاردىن ھەر كەسىپتە ئىختىساسلىق دەۋاچىلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان، ئۆلىمالار بىرلىكىنى دىنىي تايانچ، ھەر ساھەدە رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان جەمئىيەتلەرنى سەپداش قىلىپ باش قوشۇپ مېڭىۋاتقان چوڭ بىر خەلقئارا تەشكىلاتلار ھەمكارلىقى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە نى نى رەھبەر، ئالىم ئۇستاز ۋە زىيالىيلار قاتلىمى ئەمدى سىزچە نادان، ئىش ئۇقماس، سىياسەت بىلمەس، پىلانى يوق، نۆل نومۇرلۇقلار بولدىمۇ؟
يىللاردىن بېرى بايراقلارنى كۆتۈرۈپ، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كىشىلەر بىلەن قىلىنغان داغدۇغىلىق نامايىشلارنى، خىتاينىڭ زۇلۇمىنى تونۇتۇش ئۈچۈن پاش قىلىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيەتلىرىنى، سۈرەت كۆرگەزمىلىرىنى، تۈرك ۋە باشقا مىللەت خەلقىنى نەچچە مىڭلاپ، نەچچە ئونمىڭلاپ كوچىغا تۆككەن پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەنلەر، كۆك شارپىلىرى بىلەن نەچچە مىڭلىغان بايراق بولغان ئاياللارنىڭ خىزمەتلىرى نۆل بولدىمۇ؟
ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامى بىلەن تەشكىللىك ھالدا دەۋاغا ئاتلانغان پىداكار، سەۋىيەلىك زىيالىيلىرى ، سىياسىي ئانالىزچىلىرى، ئىلغار پىكىرلىك قوللىغۇچىلىرى بىلەن دۆلەتمۇ دۆلەت ئاتلاپ يۈرۈپ، دەۋانىڭ خەلقئارالىشىشى ئۈچۈن شۇنچە يىلدىن بېرى تۆككەن قان-تەرى، ئېرىشكەن نەتىجىلىرى نۆل بولدىمۇ؟
ئىيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىن ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالارنىڭ قانلىق ۋە جاپالىق سەپەرلەردىن، دەۋالىرىنىڭ قان-تەرىدىن يېتىشكەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىزىدا مېڭىپ، خەلقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى يۈكىنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئەمگەكلىرى نۆل بولدىمۇ؟
قورسىقى ئاچقانغا زاۋۇتتىن چىققان تەييار مەھسۇلات ئەمەس، تەر سىڭدۈرگەن نان بېرىش لازىم. ئاغرىيدۇ، داۋالاش لازىم. نادان قالىدۇ، ئوقۇتۇش لازىم. تەمتىرەيدۇ، يول كۆرسىتىش لازىم. بوينى پۈكۈلىدۇ، تەسەللىي بېرىش لازىم. سىز مەيلى بىر پارتىيە، تەشكىلات ياكى قۇرۇلتاي بولۇڭ، ئالدى بىلەن خەلقىڭىزنى تونۇڭ، ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى، ھازىرىنى، نەدىن ۋە كىملەردىن ئىكەنلىكىنى، قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ئىشىنى ياخشى بىلىڭ! مەقسىتىنى، نىشانىنى بىلىڭ، چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىز سوراڭ. ئىدىيىڭىزدىن ئۆتمىگەننى ئوتتۇرىغا قويۇڭ. ئىلغار پىكىرىڭىز بولسا بېرىڭ. چوقۇم مېنىڭ توغرا دەپ تۇرۇۋالماي، كەڭ قورساق بولسىڭىز، قارشى تەرەپ بىلەن ئاساسىي مەقسەت بولغان ۋەتەن دەۋاسىدا ئىختىلاپ ئەمەس، بەلكى ئورتاقلىق قۇرالايسىز.
كۆڭۈللەرنى ئۇتۇش ئۈچۈن باشقىلاردىن كۆچۈرۈۋالغان شوئار، ئارخىپ، پىلان ۋە سىزىۋالغان خەرىتە بىلەن بىر دۆلەت قۇرۇۋالغىلى ئەسلا بولمايدۇ. خەقنىڭ بېغىغا كىرىپ يىغقان مېۋە سىزنىڭ بولۇپ قالمايدۇ.
بىر دۆلەت ئالدى بىلەن كۆڭۈلدە، ئاندىن ئەمەلدە قۇرۇلىدۇ. مۇستەھكەم مېۋىلىك دەرەخ تەشتەكتە ئەمەس، ساغلام تۇپراقتا يېتىشىدۇ. غايىسى ۋە پىروگراممىسى دەپتەر ياكى خەرىتە ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ھاياتتا ئەمەلگە ئېشىۋاتقان، ئاستا بولسىمۇ مەزمۇت بولغان قەدەملەردە بولىدۇ. بىزگە مۇرەسسەدە تەسلىم بولغان دالاي لامانىڭ يولى، بىزنى كوزىر قىلىپ مەنپەئەت ئالىدىغان دۆلەتلەر، پارتىيە، تەشكىلات ۋە بىرلىك، ۋەقفىلەرنىڭ دەبدەبىلىك شوئارلىرى ئەمەس، بەلكى ئەجدادىمىزنىڭ ساغلام ئەقىدىگە باغلانغان يولى لازىم.
يوچۇققا كىرىپ كەتكەن پۇت ئۇلارنىڭ يولىنىڭ خاتا بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى يولنى كۆرۈۋېلىپ، توغرا نىشانغا خاتا يەردىن مېڭىۋالغانلارنىڭ سەۋەبىدىندۇر. توغرا يولدا خاتا ماڭسا، ئېشەكنىڭلا ئەمەس، ئات، تۆگىنىڭمۇ پۇتى كىرىپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە!
بۇ يەردە قورسىقى تويغۇزۇلغان خەلقنى ئەتراپقا يىغماق ئاسان. باشقىلارنى تىللاشمۇ، بىر تاياقتا ھەيدەپ يوققا چىقىرىشمۇ ئاسان. لېكىن بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرمەي، خىتاينىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى بولۇپ ئاشكارا تۇرۇپ ئىش قىلىش بەك تەس. بىر قەدەم ئالسا، بەش يەردىن تەستەك يەپ، يىقىلىپ قوپۇپ، قان-يارا ئىچىدە خەلقنى يۆلەپ ماڭماق ئاسان ئەمەس.
قاملاشمىغان گۇناھنى باشقىلارغا ئارتىش ئارقىلىق بازا تاپماقچى بولغانلار يۈك كۆتەرمەي دۆڭگە چىقىۋېلىپ: «مەن ھەممىڭلاردىن ئېگىز! شۇڭا مەن ھەممىدىن يۇقىرى! ھەممىنى مەن بىلىمەن! سىلەر پەستە قاپسىلەر! سىلەرنى مەن باشقۇراي!» دېسە، قايسى مەنتىقىگە ياتىدۇ؟
نوچى بولسىڭىز سىزمۇ ماۋۇ مىللەتنىڭ بارچە يۈكىنى كېچە-كۈندۈز تەڭ كۆتۈرۈپ، بايراق قولىڭىزدا، دەردى يۈرىكىڭىزدە، يۈكى مۈرىڭىزدە، خىتاينىڭ ئاتقان ھەر تېشى ئۈستىڭىزدە مېڭىپ، ئاشۇ ئېگىز دۆڭگە بىر چىقىڭ.
ئۇ ۋاقىت ھەقىقىي دەۋاچى دەپ جار سېلىشقا، ھەتتا 100 ئېلىشقا ھەقلىق بولىسىز. بەزىلەر تىك ئۇچار ئايروپىلانغا بېلەت ئېلىپ بەرسە، بىۋاسىتە ئېگىز دۆڭ ئۈستىگە سەكرەپ چۈشۈپ: «ماۋۇ خەق ھازىرغىچە پەستە يۈرىدۇ» دەپ ئەيىبلىمىسۇن! ھېچكىم ھېچكىمنىڭ يىللاپ قىلغان ئەمگىكىنىڭ ھەققىگە كىرمىسۇن. ئىش قىلغان ئادەمنى ياراتمايدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرىگەن، ئۆزىگە ئىشىنەلمىگەن ئادەمدۇر.
بىز باشقىلارنى چىشلەپ تارتماي، قىلمىغان ئىشقا داۋراڭ سالماي، رەببىمىزگە تەۋەككۈل دەپ، پىلانلىرىمىز بويىچە مەزمۇت كېتىۋاتىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: ئۆز ئۇيغۇر
5-ماي، ئىستانبۇل

بۇ خەۋەر 18774 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2020 21:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق