دەمەشىق (شام)نىڭ پەتھى قىلىنىشى

دەمەشىق (شام)نىڭ پەتھى قىلىنىشى

 

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھىجرىيەنىڭ 11-يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ 12-كۈنى (مىلادىيە 632-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى) دۈشەنبە چاشگاھ ۋاقتى بىلەن ۋاپات بولىدۇ. بۇ چاغدا پەيغەمبىرىمىز 63 ياشقا كىرىپ تۆت كۈن ئاشقان ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ۋاپات بولۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (572-634) مۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى خەلىپىسى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ.

ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەقىقەتەن ئالدىن كۆرەر ۋە نەزەر دائىرىسى كەڭ زات ئىدى. ئۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرى گەرچە قىسقا بولۇپ، ئىككى يىل ئۈچ ئاي ئون كۈن داۋام قىلغان بولسىمۇ، مانا مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە ئىسلامنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر سىڭدۈرىدۇ.

قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىدىن ئوچۇق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىككى يۈزلىمىچىلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىلا بار بولۇپ، مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋالغان، ئەمما مۇسۇلماندارچىلىقتىن قىلچە ئەسەر بولمىغان نۇرغۇن ئادەم بار ئىدى. بولۇپمۇ بەدەۋى ئەرەبلەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇنداق ئىدى. ھەتتا يەمەندە ئەل ئەسۋە ئەل ئەنسى، يەمامەدە مۇسەيلىمە كاززاپ ۋە نەجىد دىيارىدا تۇلەيھەتۇل ئەسەدىي قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپات بولغانلىقى خەۋىرىنى ئاڭلاپلا ئۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئاتىۋېلىشىدۇ. ئىشلار بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. دىندىن چىقىپ مۇرتەد بولۇشلار ۋە ئارقا-ئارقىدىن چىقىۋاتقان پىتنىلەر سەۋەبلىك مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا پەقەت مەدىنە مۇنەۋۋەر، مەككە مۇكەررەم ۋە تائىپ شەھىرىدىن ئىبارەت ئۈچ شەھەرلا ساقلىنىپ قالىدۇ.

ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك رەھبەر ۋەزىيەت مانا مۇشۇنداق ئىنتايىن نازۇك ۋە كەسكىن ۋاقىتتىمۇ ئىنتايىن سالماق ۋە قەتئىي بولىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن زەيد ئىبنى ئۇسامە قوشۇنىنى دەرھال ئاتلىنىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇسامە ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «سەن خەلىپىگە ئېيتساڭ، ئەڭ كۈچلۈك ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ قوشۇندا، مەن مۇنداق خەتەرلىك ۋەزىيەتتە خەلىپىنى يالغۇز قويۇپ يولغا چىقىشتىن ئەنسىرەۋاتىمەن» دەيدۇ. ئەنسارىلەرمۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ياشتا ئۇسامەدىن چوڭ ۋە تەجرىبىلىك بىرىنى تەيىنلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئەھۋالنى دەيدۇ. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ساقىلىدىن تۇتىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «ۋاي ساڭا، ئى ئىبنى خەتتاب! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەلگىلىگەن نەرسىنى مېنىڭ بۇزۇشۇمنى تەلەپ قىلىشىۋاتامسىلەر-ھە؟!».

شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەرھال قارارگاھىغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇسامە ئۇنىڭدىن: «قانداق بولدى؟» دەپ سورايدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا:

- كۆزۈمدىن يوقىلىپ يولۇڭغا مېڭىش! خەپ، ھەممىڭلارغا لەنەت بولسۇن! سەن خەقنىڭ يۈزىدىن پەيغەمبەرنىڭ خەلىپىسىنىڭ ئالدىدا رەسۋا بولدۇم،- دەيدۇ.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن خەلىپە ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇسامەنىڭ ئالدىغا كېلىپ كايىيدۇ ۋە نەسىھەتلەردىن كېيىن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساڭا قانداق ئەمىر قىلغان بولسا شۇنداق قىلغىن. ئاۋۋال قۇززا دىيارىدىن باشلا، ئاندىن ئابىلگە كەل...» دەيدۇ.

ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇسامەنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن مەدىنىگە قايتىپ كېلىپ، شەھەرنىڭ چۆللىرىگە قارىتىپ ئېچىلغان دەرۋازىلىرىغا نوپۇزلۇق ساھابىلەرنى قاراۋۇل قىلىپ قويىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەزرىتى ئەلى، زۇبەيىر ئىبنى ئەل ئەۋام، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ، سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر ئېھتىمالغا قارشى جامائەتنىڭ مەسچىتتە ھەر دائىم تەييار ھالەتتە تۇرۇشىنى ئەمىر قىلىدۇ.

 ئۇسامەنىڭ قوشۇنى يولغا چىقىپ تېخى ئۈچ ئاي بولماي تۇرۇپلا زەپەر قۇچۇپ كۆپلىگەن غەنىيمەتلەر بىلەن قايتىپ كېلىدۇ. بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانلارغا ناھايىتى چوڭ خوشاللىق ئېلىپ كەلگەن بولسا، مۇشرىكلارنى بەكمۇ چۈشكۈنلەشتۈرۈۋېتىدۇ.

 بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئابابەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلام قوشۇنىنى تەييارلاپ، ئون بىر سەپكە ئايرىپ ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئۇيەر، بۇ يەرلىرىدە باش كۆتۈرۈپ چىققان مۇناپىقلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىشكە تەييارلىق قىلىدۇ.

بىرىنچى قوشۇنغا خالىد بىن ۋەلىدنى باش قوماندان قىلىپ، ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ جاكارلىغان تۇلەيھە ئىبنى خۇۋەيلىد ئەل ئەسەدىيگە قارشى يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.

ئىككىنچى قوشۇنغا ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇ جەھىلنى باش قوماندان قىلىپ، ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ جاكارلىغان بەنى ھەنىفە قەبىلىسىنىڭ باشلىقى يەمامەلىك مۇسەيلىمە كاززاپقا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

ئۈچۈنچى قوشۇنغا شۇرەھبىل ئىبنى ھەسەنەنى باش قوماندان قىلىپ، يەمامەدە ئۇرۇش قىلىدىغان ئىكرىمەنىڭ قوشۇنىغا ياردەمچى قوشۇن قىلىپ بەلگىلەيدۇ.

تۆتىنچى قوشۇنغا مۇھاجىر ئىبنى ئەبۇ ئۇمەييەنى باش قوماندان قىلىپ، يەمەندە ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ جاكارلىغان يالغانچى ئەل ئەسۋەد ئەل ئەنسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارشى ئەۋەتىدۇ.

بەشىنچى قوشۇنغا ئەمىر ئىبنى ئاسنى باش قوماندان قىلىپ، شىمالدىكى قۇززا قەبىلىسىنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىشقا بەلگىلەيدۇ.

ئالتىنچى قوشۇنغا خالىد ئىبنى سەئىد ئىبنى ئەل ئاسنى باش قوماندان قىلىپ، شامنىڭ شەرقىي رايونىغا ئەۋەتىدۇ.

يەتتىنچى قوشۇنغا ھۇزەيفە ئىبنى مىھساننى باش قوماندان قىلىپ، ئۇمماندىكى دەبا قەبىلىسىنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىشقا بەلگىلەيدۇ.

سەككىزىنچى قوشۇنغا ئەرفەجە ئىبنى ھەرسەمەنى باش قوماندان قىلىپ، ئاۋۋال ماھاراغا بېرىپ، ئاندىن ھۇزەيفەنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلۇشنى بۇيرۇيدۇ.

توققۇزىنچى قوشۇنغا مائىن ئىبنى ھاجىرنى باش قوماندان قىلىپ، بەنى سۇلەيىم ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ھەۋازىن قەبىلىلىرىنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

ئونىنچى قوشۇنغا سۇۋەيد ئىبنى مۇەقەررىننى باش قوماندان قىلىپ تەيىنلەپ، يەمەننىڭ تىھامە رايونىدىكى ئىسيانچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ.

ئون بىرىنچى قوشۇنغا ئەل ئەلا ئىبنى ئەل ھەررەمىينى باش قوماندان قىلىپ تەيىنلەپ، بەھرەيىنگە يوللايدۇ.

دۈشمەنگە قارشى ئەۋەتىلگەن بۇ قوشۇنلار كۆپ قېتىملىق قانلىق ئۇرۇشلاردىن كېيىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بارلىق سەپلەردە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، ئىسلام قوشۇنلىرىدىن زەيد ئىبنى خەتتاب، سابىت ئىبنى قەيس قاتارلىق كۆپلىگەن ئۇقۇمۇشلۇق، بىلىملىك ۋە مۆتىۋەر ساھابىلەر بۇ ئۇرۇشلاردا شېھىت بولىدۇ.

خالىد ئىبنى ۋەلىد ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن بۇيرۇق بويىچە پارس (ھازىرقى ئىران)غا يۈرۈش قىلىپ، پارس قوشۇنلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئىنتايىن قاتتىق ئۇرۇش قىلىپ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يەنە بۇيرۇق بويىچە قوشۇنىنى ئېلىپ ئىراققا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ.

خالىد ئىبنى سەئىد ئىبنى ئاس يەمەندىن مەدىنىگە قايتقاندىن كېيىن، خەلىپە ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى تەيماغا بېرىپ، ئەتراپىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئەسكەرلىككە ئېلىشنى، ئەمما بۇرۇن مۇرتەد بولغانلارنى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلماسلىقنى، ياردەمچى قوشۇن يېتىپ كەلمىگۈچە ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىكنى بۇيرۇيدۇ. خالىد ئىبنى سەئىد بۇيرۇققا بىنائەن تەيماغا بېرىپ ئەسكەر توپلايدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنى كۈنسېرى زورىيىشقا باشلايدۇ. بۇ ئەھۋالدىن خاۋاتىرلەنگەن بىزانسلار ئۆزلىرىنىڭ سۇرىيەدىكى يانداش ئەرەب قەبىلىلىرىنى كۈشكۈرتىدۇ.

بىزانسلارنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن بەنى قەلب، تەنۇھ، لەھم، جۇزام قەبىلىلىرى بىلەن غەسسانىيلار مۇسۇلمانلارغا قارشى قولىغا قورال ئالىدۇ. بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقان خالىد ئىبنى سەئىد ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىگە خەۋەر يوللايدۇ. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر ئۇنىڭغا: «ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىل! ھەرگىز قورقمىغىن ۋە ئاللاھدىن ياردەم تىلىگىن» دەپ جاۋاب يوللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن خالىد دۈشمەن قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. دۈشمەنلەر مۇسۇلمانلار قوشۇنىنى كۆرۈپلا تارقىلىپ كېتىدۇ. خالىد دۈشمەن تاشلاپ كەتكەن جاينى ئىشغال قىلىپ يەنە خەلىپىگە خەۋەر ئەۋەتىدۇ. خەلىپە ئۇنىڭغا يەنە ئالدىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش ئەمرىنى بېرىدۇ.

ھىجرەتنىڭ ئون ئۈچىنچى يىلى خەلىپە ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە قوشۇن تەشكىللەپ سۇرىيەگە ئەۋەتىدۇ:

يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفيان يەتتە مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن شامغا قاراپ ئاتلىنىدۇ. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭ كەينىدىن مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان (يەزىدنىڭ قېرىندىشى) قوماندانلىقىدىكى قوشۇننى ئەۋەتىپ، يەزىدنىڭ قوشۇنىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ.

 ئىككىنچى قىسىمغا ئەمىر ئىبنى ئاسنى باش قوماندان قىلىپ تەيىنلەپ، پەلەستىن تەرەپكە يولغا سالىدۇ.

ئۈچىنچى قىسىمنىڭ قوماندانلىقىغا شۇراھبىل ئىبنى ھەسەنەنى باش قوماندانلىققا تەيىنلەپ، ئىئوردانىيەگە يولغا سالىدۇ.

تۆتىنچى قىسىمنىڭ قوماندانلىقىغا ئەبۇ ئۇبەيدە ئامىر ئىبنى جەرراھنى باش قوماندانلىققا تەيىنلەپ، ھىمىس شەھىرىگە يولغا سالىدۇ. بۇ قوشۇنغا جىددىي پەيتلەردە ياردەمچى بولىدىغان ئالتە مىڭ كىشىلىك قوشۇننىڭ قوماندانلىقىغا ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇ جەھىلنى تەيىنلەيدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ھەربىي تەييارلىقىدىن خەۋەر تاپقان بىزانتىيە ئىمپىراتۇرى ھىراكلىيۇس I ناھايىتى جىددىي ھىمىسقا يېتىپ بېرىپ، زور بىر قوشۇن تەشكىللەيدۇ. بۇ قوشۇننىڭ تەركىۋىدە غەسسان قەبىلىسى، سۇرىيەلىك خىرىستىيان ئەرەبلەر ۋە ئەرمەنىلەرمۇ بار ئىدى. قوشۇننىڭ سانى توغرىسىدا ئوخشىمىغان مەنبەلەر بولۇپ، ئىبنى ئىسھاق بىزانتىيە قوشۇنىنىڭ سانىنى يۈز مىڭ ((İbn İshak’tan naklen, Taberî, I, 2347 دەپ يازغان بولسا، بەزى مەنبەلەردە 120 مىڭ، 200 مىڭ دەپمۇ يېزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە 240 مىڭ دەپ يېزىلغان. بۇ قوشۇننىڭ باش قوماندانىنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە فەيقەر دەپ يېزىلغان بولسا، تۈركچە مەنبەلەردە تېئودوروس «Theodoros Trithurios’a (Sakellarios)» دەپ يېزىلغان. مۇسۇلمانلارنىڭ قوشۇنى بولسا 21 مىڭ بولۇپ، كېيىن يېتىپ كەلگەن ياردەمچى قوشۇنلار بىلەن 27 مىڭغا يېتىدۇ. تۈركچە مەنبەلەردە بولسا 25 مىڭ دەپ يېزىلغان.

مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ قوماندانلىرى قارشىسىدىكى بىزانتىيەنىڭ قورقۇنچلۇق دەرىجىدىكى زور قوشۇنىنى كۆرۈپ بىرئاز تەمتىرەپ قالىدۇ. ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ، يەرمۇك دېگەن جاينىڭ ئۇرۇش قىلىشقا ئەپلىك ئىكەنلىكىدە بىر قارارغا كەلگەندىن كېيىن خەلىپىدىن ياردەمچى قوشۇن تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىراقتا تۇرۇۋاتقان خالىد ئىبنى ۋەلىدتىنمۇ ياردەم سورايدۇ.

خالىد ئىبنى ۋەلىد بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال يولغا چىقىدۇ. ئۇ سەپەر جەريانىدا دۈشمەن قوشۇنلىرى بىلەن نەچچە قېتىم ئۇرۇش قىلىپ، غەسسان قەبىلىسىنى يېڭىپ، بۇسرا دېگەن شەھەرنى پەتھى قىلىدۇ. بۇ شەھەر خالىد ئىبنى ۋەلىد سۇرىيە زېمىنىدا پەتھى قىلغان تۇنجى شەھەر ئىدى. ئۇ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، توققۇز مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن يەرمۇكقا يېتىپ كېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسىي قوشۇنىغا قېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قوشۇنىنىڭ سانى 36 مىڭغا يېتىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ياردەمچى قوشۇن بىلەن يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئىسلام قوشۇنىنىڭ قوماندان ۋە جەڭچىلىرى بەكمۇ سۆيۈنۈپ كېتىدۇ. بۇ جەرياندا بىزانتىيە قوشۇنىغىمۇ ماخان (تۈركچە مەنبەلەردە ۋاخان-Vâhân دەپ يېزىلغان) ئىسىملىك قوماندان رەھبەرلىكىدە ياردەمچى قوشۇن كېلىپ قوشۇلۇش بىلەن بىرگە، ئەسكەرلىرىنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۆپلىگەن پوپ ۋە راھىبلىرىمۇ يېتىپ كېلىدۇ.

نىھايەت ھەر ئىككى قوشۇننىڭ تەييارلىقى پۈتۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىسلام قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى بولغان خالىد ئىبنى ۋەلىد پۈتۈن قوشۇننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن قوشۇنىغا مۇنۇ تارىخىي خىتابنى قىلىدۇ: «بۈگۈن ئاللاھ تائالا (يۈز بېرىشنى) تەقدىر قىلغان ئەڭ مۇھىم كۈندىن بىرىدۇر. بۈگۈن ھېچكىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشى بىلەن كۆرەڭلەيدىغان ياكى ئەمىرگە بويسۇنماي باشباشتاقلىق قىلىدىغان كۈن ئەمەس. جىھادىڭلاردا سەمىمىي بولۇڭلار. ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىڭلارنى باشقىلارنىڭ مۇكاپاتلىشى ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىڭلار! بۈگۈن (كېيىنكى كۈنلەردە) ياد ئېتىلىدىغان ۋە ھېسابى ئاللاھقا بېرىلىدىغان كۈندۇر. ئۆزۈڭلارنى ھەرگىز مەلۇم بىر جەڭ قېلىپىغا (تاكتىكىسىغا) سېلىۋالماڭلار ياكى ئۆزەڭلارغا ئىشىنىپ كېتىپ، يالغۇز ھەرىكەت قىلماڭلار. بۇنداق ئىشنى ئۆزۈڭلارغا جائىز كۆرمەڭلار ۋە قىلماسلىققا تىرىشىڭلار! ئۆزەڭلار بۇيرۇلمىغان بىر ئىشنى بېشىڭلاردىكى ئەمرىڭلارنىڭ پىكىر ۋە كۆرسەتمىسى بويىچە قىلىڭلار!»

خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ سۆزى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئەسكەرلەر: «ئۇنداقتا سېنىڭ كۆرسەتمەڭ قانداق؟» دەپ سورىشىدۇ. خالىد ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «ھازىرقى ئەھۋالىڭلار سىلەردىن بەكرەك (كەينىڭلاردا قالغان) مۇسۇلمان خەلق ئۈچۈن بەكمۇ پايدىسىز، ئەمما مۇشرىكلارغا نىسبەتەن (ئۇلار ياردەمچى قوشۇن بىلەن شۇ قەدەر كۈچلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن) بەكمۇ پايدىلىق ھېسابلىنىدۇ. مەن شۇ نەرسىنى بىلىپ يەتتىمكى، دۇنيا (مەنسەپ) ھېرىسى سىلەرنى بىر-بىرىڭلاردىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىپتۇ. سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، ئاللاھدىن قورقۇڭلار! شۇنىمۇ بىلىپ قويۇڭلاركى، ھەر بىرىڭلار ئايرىم-ئايرىم يۇرتلاردىن كېلىپ بۇ يەردە بىرلەشتىڭلار. ئەگەر ئۆز ئەمىرلىرىڭلارغا بويسۇنساڭلار، ۋەتىنىڭلار بۇنىڭ بىلەن زىيان تارتمايدۇ. ئەگەر (تېخىمۇ يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىش خىيالىدىكىلەرنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن) پۈتۈن قوشۇن سىلەرگە بوي ئەگكەن تەقدىردىمۇ، ۋەتىنىڭلار بۇنىڭ بىلەن چوڭ پايدىغا ئېرىشىپ كەتمەيدۇ. ئاراڭلاردىكى بىرىڭلارغا بويسۇنۇش بىلەن ئاللاھ ۋە خەلىپىنىڭ نەزىرىدىكى ئورنۇڭلار تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، ھەممىڭلار غەيرەت قىلىڭلار! چۈنكى ئالدىڭلاردىكى دۈشمەن جەڭگە تولۇق تەييارلىق قىلىپ بولدى. بۈگۈن شۇنداق بىر كۈنكى، بۇ كۈننىڭمۇ ئەتىسى بار (بۈگۈن-كېيىنكى كۈنلەردە ياد ئېتىلىدىغان ۋە ھېسابى چوقۇم ئاللاھقا بېرىلىدىغان بىر كۈن دېمەكچى-ت). شۇنىمۇ يادىڭلاردىن چىقارماڭلاركى، ئەگەر بۈگۈن دۈشمەننى كەينىگە چېكىندۈرەلىسەك، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق چېكىندۈرەلەيمىز. ئەگەر ئۇلار بىزنى يېڭىۋالىدىغان بولسا، بۇندىن كېيىن بىز ئۆزىمىزنى ھەرگىز ئوڭشىۋالالمايمىز. شۇڭا ھەممىڭلار ئۆزۈڭلارنى سەگەك تۇتۇڭلار. ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئەمىرلىرىنى سايلاپ چىقايلى! بۈگۈن بىر قىسمىمىز قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيلى، ئەتە يەنە بىر قىسمىمىز، ئۆگۈنلۈككە يەنە بىر قىسمىمىز بۇ ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋالسۇن. شۇ تەرىقىدە نۆۋەت بىلەن ئۆز ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلايلى. ئەمما بۈگۈن بۇ ئىشنى ماڭا قويۇپ بېرىڭلار، بۈگۈنكى ۋەزىپىنى ئۆزەم بىر تەرەپ قىلاي!»

 خالىد ئىبنى ۋەلىد بۇ تارىخىي نۇتقىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، قوشۇنىنى 36 ياكى 40 قىسىمغا بۆلىدۇ. ھەر بىر قىسىمدا مىڭ ئەتراپىدا ئەسكەر بار ئىدى. ئەبۇ ئۇبەيدە ئەمىر ئىبنى جەرراھ قوشۇنىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، ئەمىر ئىبنى ئاس ۋە شۇراھبىل ئىبنى ھەسەنە قوشۇننىڭ ئوڭ قانىتىغا، يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفيان بولسا قوشۇننىڭ سول قانىتىغا مەسئۇل قىلىنىدۇ.

 ئۇ كۈندىكى قوشۇننىڭ قوماندانلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە ئىدى: كەئكە ئىبنى ئامىر، مەزئۇر ئىبنى ئەدىي، ئەيياد ئىبنى غەنەم، ھىشام ئىبنى ئۇتبە ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس، سۇھەيىل ئىبنى ئامىر، ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇ جەھىل، خالىد ئىبنى ئەبۇ ۋەلىدنىڭ ئوغلى ئابدۇرراھمان، ھەبىب ئىبنى مەسلەمە، سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە، سەئىد ئىبنى خالىد ئىبنى ئەل ئاس، ئابدۇللاھ ئىبنى قەيس، مۇئاۋىيە ئىبنى ھۇدەيخ، زۇبەيىر ئىبنى ئاۋام، زىرار ئىبنى ئەزۋەر.

ئەبۇ دەردا قوشۇننىڭ قازىسى، ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرڧ قوشۇننىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى، ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد ئۇرۇش غەنىمەتلىرىنىڭ مەسئۇلى، قۇبات ئىبنى ئۇشەيىم تۇرشاۋۇل بېگى، مىقداد ئىبنى ئەمىر بولسا قوشۇننىڭ مەشقاۋۇلى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. بۇ قوشۇننىڭ ئىچىدە مىڭدىن ئارتۇق ساھابە بار بولۇپ، بەدىر غازىتىغا قاتناشقان پالۋانلاردىن يۈز ساھابىمۇ بۇ قوشۇندا ئىدى. يەنە بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى ئاس سىددىق (Esmâ bint Ebû Bekir es-Sıddîk)، ئۇممۇ ھەبىبە بىنتى ئاس (Ümmü Habîbe bint Âs)، ھەۋلە بىنتى سەلەبە ئەل ئەنسارىييە (Havle bint Sa‘lebe el-Ensâriyye) قاتارلىق ئايال ساھابىلەرمۇ بار ئىدى (Taberî, I, 2348-2349; Belâzürî, s. 160).

شۇنداق قىلىپ ئۇرۇش بەكمۇ شىددەتلىك باشلىنىدۇ. قوشۇنلار بىر-بىرىگە كىرىشىپ، ئاتلىق ئەسكەرلەر بىر-بىرىنى قوغلاشقا باشلايدۇ. ئۇرۇش تازا ئەۋجىگە چىققان بىر پەيتتە ماھمىيە ئىبنى زەنىم پايتەخت مەدىنىدىن بىر خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ. خەۋەردە خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئورنىغا ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپە بولغانلىقى، خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ باش قوماندانلىقتىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ باش قوماندانلىققا تەيىنلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەمىر بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

بۇ خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالغان باش قوماندان خالىد ئىبنى ۋەلىد يارلىقتىن ئېنىق خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ئەۋجىگە چىققان ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، يارلىقتا نېمە يېزىلغانلىقى توغرىلىق سورالغان سوئالغا: «مەدىنىدىن سالام يوللاپتۇ، ئارقىمىزدىن ياردەمچى قوشۇن كېلىۋېتىپتۇ» دەپلا جاۋاب بېرىدۇ.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجرەتنىڭ 13-يىلى جامادىيەل ئاخىر ئېيىنىڭ 22- كۈنى (دۈشەنبە) ۋاپات بولىدۇ. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ئۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرى ئىككى يىل ئۈچ ئاي ئون كۈن داۋاملاشقان بولىدۇ.

 يەرمۇك غازىتى ئىنتايىن قاتتىق داۋاملىشىدۇ. دۈشمەن قوشۇنى مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ سېپىنى بۆسۈپ ئىلگىرلىگەن ئەھۋالمۇ كۆرۈلىدۇ. مۇسۇلمانلار قوشۇنىدىن دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي چېكىنگەن بەزى جەڭچىلەرنى سەپنىڭ ئارقىسىنى قوغداپ تۇرۇۋاتقان ئايال ساھابىلەر ئۆتكۈزمەيدۇ. چۈنكى خالىد ئىبنى ۋەلىد ئايال ساھابىلەرگە ئەگەر ئۇرۇشتىن قورقۇپ قاچقانلار بولسا، دەرھال ئۆلتۈرۈش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى. بۇ ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار ئارىسىدىكى ھايات-ماماتلىق ئۇرۇشى ئىدى.

 ئۇرۇش سەل پەسەيگەن ۋاقىتتا خالىد ئىبنى ۋەلىد پايتەختتىن كەلگەن خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلاپ، باش قوماندانلىق ھوقۇقىنى ئەبۇ ئۇبەيدەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزى ئاددىي بىر ئەسكەرگە ئايلىنىدۇ. خالىد ئىبنى ۋەلىد ھەقىقەتەن «ئاللاھنىڭ قىلىچى» دېگەن نامغا لايىق، دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ئۈلگىلىك بىر قەھرىمان، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم تالانت ئىگىسى ئىدى.

 يەرمۇك غازىتى ئىسلام تارىخىدا تاكى شۇ ۋاقىتقىچە بولغان ئۇرۇشلارنىڭ ئىچىدە ئۇرۇشقا قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ قانلىق ئۇرۇش بولىدۇ. ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇ جەھىل، ئۇنىڭ تاغىسى ھارىس ئىبنى ھىشەم، ئىكرىمەنىڭ ئوغلى ئامىر، سەلەمە ئىبنى ھىشام، ئامىر ئىبنى سەئىد، ئەببان ئىبنى سەئىد، ھىشام ئىبنى ئەل ئاس ۋە ئامىر ئىبنى تۇفەيل قاتارلىق نۇرغۇن ساھابىلەر شېھىت بولۇپ كېتىدۇ. ئەبۇ سۇفيان، مۇغىيرە ئىبنى شەئىبە، ھاشىم ئىبنى ئۇتبە ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس، ئەل ئەشئاس ئىبنى قەيس، ئامىر ئىبنى مادى قەرىب، قەيس ئىبنى ئەلمەكشۇ... قاتارلىق ساھابىلەر كۆزلىرىدىن ئايرىلىدۇ. ئەمما دۈشمەننىڭ تارتقان زىيىنى مۇسۇلمانلارنىڭكىدىن كۆپ ۋە ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئىسلام قوشۇنى تولۇق غەلىبە قىلىپ، مۇشرىكلارنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بىزانتىيە قوشۇنى ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ.

ئىسلام قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى ئەبۇ ئۇبەيدە ئۇرۇشتىن كېيىن تارمار قىلىنغان بىزانتىيە قوشۇنىنىڭ قېچىپ بېرىپ يەنە فىھل دېگەن جايغا يىغىلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئالىدۇ. ئۇ بۇ خەۋەرنى دەرھال خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا يوللايدۇ. خەلىپە ئەبۇ ئۇبەيدەگە جاۋابەن: «ئىشنى شامدىن باشلاڭلار. چۈنكى شام سۇرىيەنىڭ مەركىزى قەلئەسى بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىستىراتېگىيەلىك شەھەردۇر...» دەپ خەت يازىدۇ.

 بۇ جاۋاب خەتتىن كېيىن ئىسلام قوشۇنى دەرھال يۈرۈش قىلىپ، ئاۋۋال فىھل، ئۇنىڭدىن كېيىن بەيسا شەھەرلىرىنى پەتھى قىلىدۇ. ئەمدىكى نىشان بولسا شام شەھىرى ئىدى.

 ئەبۇ ئۇبەيدە رەھبەرلىكىدىكى ئىسلام قوشۇنى بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تېزلىكتە ئىلگىرىلەپ، ئاخىرى دەمەشىق (شام) شەھىرىگە شەرق تەرەپتىن يېقىنلىشىپ كېلىپ، ئالدىن پىلانلانغان پىلان بويىچە شەھەرنى قورشاۋغا ئالىدۇ. بۇ قورشاۋ بىر نەچچە ئاي داۋام قىلىدۇ.

نىھايەت، ئىسلام قوشۇنى كۈز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى بىر پوپنىڭ تۇغۇلغان بالىسىنى تەبرىكلەپ بەزمە قىلىشىپ، ئىچىشىپ ئۇخلاپ كېتىشكەن بىر كېچىدە مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ شام شەھىرىنىڭ سېپىللىرىغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلايدۇ. سېپىل ئۈستىگە ئەڭ ئالدى بىلەن خالىد ئىبنى ۋەلىد چىقىدۇ. ئۇ دۈشمەننىڭ يۈرىكىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىش ئۈچۈن سېپىلنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ بار كۈچى بىلەن تەكبىر ئېيتىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سېپىل ۋە شەھەر ئىچىدىكى كوچىلاردا قاتتىق ئۇرۇش باشلىنىدۇ. ئىسلام قوشۇنى شەھەر دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، ئاللاھۇ ئەكبەر دېگىنىچە سۇدەك ئېقىپ كىرىشكە باشلايدۇ. بۇ سائەتكە كەلگەندە دۈشمەننىڭ ئىسلام قوشۇنىنى توسۇپ، شەھەرنى قوغداپ قالالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، يەرمۇك ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيەتتىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ئىمپېراتور ھىراكلىيۇس I ئىسلام قوشۇنى شام شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشتىن بۇرۇن شەھەردىكى بىر تۆپىلىككە چىقىپ، شام شەھىرىگە قاراپ تۇرۇپ، ھەسرەت بىلەن: «ئەي سۇرىيە، مەن ئەمدى سېنىڭ بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلىشىمەن، ئەلۋىدا!» دېگەن.

ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن كونىستانتىنوپول (ئىستانبۇل) غا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇ شۇ ئاچچىقىدا ئىسكەندۇرۇن بىلەن تارسۇسنىڭ ئارىلىقىدىكى بارلىق شەھەر، قەلئەلەرنى كۆچۈرۈپ كەتكەن بولۇپ، ئانتاكيا بىلەن رىم چېگراسى ئارىلىقىنى ئادەمسىز چۆلگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.

ئىسلام قوشۇنى شام شەھىرىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن خالىد ئىبنى ۋەلىد شەھەر كوچىلىرىدا ئۇزۇنغىچە قاتتىق ئۇرۇش قىلىدۇ. باشقا ساھابىلەر ئۇنىڭغا: «شەھەر پەتھى قىلىنىپ بولدى، ئەمدى بولدى قىل» دېسىمۇ، ئۇ: «مەن بۇ شەھەرگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ كىردىم» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. كېيىن باش قوماندان ئەبۇ ئۇبەيدە بىلەن خالىد ئىبنى ۋەلىد باشچىلىقىدىكى قوشۇن ھازىر ئەل مەناھىلىييە دەپ ئاتىلىدىغان قەلەيچىلەر بازىرىغا يېقىن بىر يەردە ئۇچرىشىدۇ. ئۇ كۈنى ھىجرەتنىڭ 14-يىلىنىڭ رەجەپ ئېيى بولۇپ، شام شەھىرى يەرمۇك ئۇرۇشىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن پەتھى قىلىنىدۇ.

شۇنداق قىلىپ دەمەشىق (شام) شەھىرى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ ئۈچىنچى يىلى پەتھى قىلىنىدۇ. شام شەھىرىنى پەتھى قىلىش غازىتى بىرىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە باشلىنىپ، ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە ئاندىن پەتھى قىلىنىدۇ.

شام شەھىرىنىڭ خەلقى ئەرەبلەر قەبىلە بويىچە كۆچۈش دولقۇنى كۆتۈرگەن مەزگىللەردە قۇزائە قەبىلىسىنىڭ بىر قانچە ئايمىقى شام تەۋەسىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىدى. ئۇلار كېيىن «رەجائىم» نامى بىلەن تونۇلىدۇ. رۇملۇقلار بۇلار ئارقىلىق بەدەۋىلەرنىڭ تۇيۇقسىز مالىمانچىلىق چىقىرىشىنى چەكلەش ۋە ئىرانلىقلارغا قارشى ئالدىنقى سەپ مۇداپىئە قالقىنى تەييارلاش مەقسىتىدە ئۇلارنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان ۋە ئۆز ئىچىدىن ئۇلارغا بىر پادىشاھ تىكلەپ قويغان ئىدى. زىياد ئىبنى ھەبۇللە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق ۋە ئەڭ قابىل شاھ ئىدى.

رەجائىملارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرى تەخمىنەن مىلادىيە 2-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ شۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان، دەپ مۆلچەرلەنمەكتە. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى غەسسان قەبىلىسىنىڭ شامغا كۆچۈپ كېلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. چۈنكى غەسسانلار شامغا كۆچۈپ كېلىپلا رەجائىملارنىڭ قولىدىكى ھوقۇق ۋە ئىمتىيازلارنى تارتىۋالىدۇ ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن رۇملۇقلار غەسسانلارنى قوللاپ، ئۇلارنى شام شەھىرىگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەيدۇ. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئاساسىي بازىسى دۇمەتۇل جەندەل ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن غەسسان قەبىلىسى رىم خانىدانلىقىنىڭ شامدىكى غالچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تاكى ھىجرىيەنىڭ 13-يىلى يەرمۇك غازىتىغىچە شامغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى جەبىللە ئىبنى ئەيھەم شام شەھىرى پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولىدۇ. بۇ كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى بىلەن پۈتۈن شام خەلقى مۇسۇلمان بولىدۇ. نەتىجىدە ھەم شام شەھىرىنىڭ پەتھى قىلىنىش، ھەم شام خەلقىنىڭ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇش باسقۇچى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىدۇ.

 

 2020-04-28.

 

 پايدىلانغان مەنبەلەر:

. «شېرىن بۇلاق»، سەفىيۇل رەھمان مۇبارەك فۇرى (ھىندىستان). 2012-يىلى 8-ئاي، مىللەتلەر نەشرىياتى 1-نەشرى.

. «ئىزباسار تۆت خەلىپە»، مەھمۇد شاكىر. ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى.

بۇ خەۋەر 1015 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2020 06:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق