مۇسۇلمانلار بۇ يىل رامىزان ئېيىنى باشقىچە كۈتۈۋالدى

مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ھېسابلىنىدىغان رامىزان ئېيى بۇ يىل پۈتۈن دۇنيا ۋىرۇس تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن ئالاھىدە ۋاقىتقا ئۇدۇل كەلگەن بولۇپ، تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان تەرىقىدە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىماقتا.
مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر بۇ يىللىق رامىزان ئېيىنىڭ 24-ئاپرېل (جۈمە) باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. پەقەت ئومان ۋە پاكىستان قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتلا يېڭى ئاي كۆرۈنمىگەنلىكىنى، 25-ئاپرېل رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك بارلىق دۆلەتلەردە دېگۈدەك مەسچىتلەردە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش، توپلىشىپ ئىپتارلىشىش ياكى ئىپتارلىق بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك چەكلەنگەن. ئەمما پاكىستان ھۆكۈمىتى مەسچىتلەردە مەلۇم ئارىلىق تاشلاپ جامائەت نامىزى ئوقۇشقا رۇخسەت قىلغان ۋە بۇ سەۋەبلىك پاكىستاندا يۇقۇمنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى ھەققىدە ئەندىشە پەيدا قىلغان.
ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دىنىي ئۆلىمالار خىتاي ۋىرۇسىنىڭ روزا تۇتۇشقا توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا سالامەتلىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ بۇ ئىبادەتنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما تاجىكىستان پىرېزىدېنتى تۈنۈگۈن رامىزان ئېيىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مەلۇم بىر پائالىيەتتە پۇقرالارنى رامىزان مەزگىلىدە روزا تۇتماسلىققا چاقىرغان. گەرچە تاجىكىستان ھازىرغىچە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان ئاز بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما تاجىكىستان پىرېزىدېنتى روزا تۇتقان ئەھۋالدا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى، كىشىلەرنىڭ ئاسان يۇقۇملىنىپ قالىدىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، روزا تۇتماسلىققا چاقىرىق قىلغان.
بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ مۇھىم ئىبادەتنى ئادا قىلالىشىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، ھەتتا خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتى ئۈچۈن قۇرۇلغان ئاتالمىش ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدىمۇ رامىزان ئېيىغا ئالاقىدار ھېچقانداق مەزمۇن يوللانمىغان.
نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئاكتىپ پائالىيەتچىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ يىلمۇ رامىزان ئېيىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتمەكتە.

بۇ خەۋەر 26033 قېتىم كۆرۈلدى
24/04/2020 17:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق