ئەسسالام ئەلەيكۇم، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئەزىز مۆھتەرەم قېرىنداشلار!

ئەسسالام ئەلەيكۇم، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئەزىز مۆھتەرەم قېرىنداشلار!
مۇقەددەس قۇرئان كەرىم نازىل بولغان، پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ئارتۇق بولغان قەدىر كېچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مۇسۇلمانلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن چېنىقتۇرۇپ، ئىمانىنى يېڭىلاشقا ۋە كۈچەيتىشكە ۋەسىلە بولىدىغان بۇ ئۇلۇغ رامىزان ئېيى مۇبارەك بولسۇن!
خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىر كۆرۈش سەۋەبىدىن ئۆيلىرىمىزدىن چىقالمايۋاتقان بۇ كۈنلەر بەلكىم بىز ئۈچۈن بىر پۇرسەت بولۇپ، روزا تۇتۇپ كۆپلەپ ئىبادەت قىلىشقا، ئىمانىمىزنى ۋە مەنىۋىيىتىمىزنى يېڭىلاپ تەقۋادار بولۇشقا، ماددىي ئىمكانى يار بەرگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەيرى-ئېھسانلىرىمىز بىلەن قىيىن ئەھۋالدا قالغان مۇھاجىرلارغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ھەسسىلەپ ئەجىر ئېلىشىغا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشىگە، دۇئالىرىمىزنىڭ قوبۇل بولۇپ، ئاسارەتتىن قۇتۇلۇشىمىزغا ۋەسىلە بولغۇسى.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك سىلەرگىمۇ (رامىزان) روزىسى پەرز قىلىندى»، «سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن. سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ»(بەقەرە سۈرىسى 183-، 185-ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا تۇتسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. كىمكى قەدىر كېچىسىنى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ». (بۇخارى، 1901؛ مۇسلىم، 760).
بۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىدا خىتاي ۋىرۇسىغا قارىتا تەدبىر قوللىنىش سەۋەبىدىن جامائەت بولۇپ تەراۋىھ ئوقۇش ئىمكانىيىتى يار بەرمىسىمۇ، ئەمما ئۆيلەردە روزا تۇتۇش، كۆپلەپ ئىبادەت قىلىش، قۇرئان ئوقۇش ئارقىلىق بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇرسەتكە ئايلاندۇرالايمىز. بىز بۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى غەنىيمەت بىلىپ، ئاللاھ بىلەن بولغان مەنىۋى باغلىنىشىمىزنى كۈچەيتىپ، قەلبىمىزنى پاكلىساق، ئاللاھ بىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈسى. يولىمىزنى ئېچىپ غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلغۇسى.
ئەزىز قېرىنداشلار! خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ھەممىمىزنى ئىچىمىزدىكى ئاچچىق بىر بۇرۇقتۇرما كۈچ دېڭىزدىكى دولقۇنغا ئوخشاش ھەرىكەتلىنىشكە، چارە-تەدبىر ئىزدەشكە ئۈندەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئازادلىق يولىدا كۈرەش قىلىش باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال تەدبىر قوللىنىمىز، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ، كۈرەشنى توختاتماي داۋام قىلىمىز.
جانابىي ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ مۇبارەك ئايدا كۆپلەپ ئىبادەت قىلىشقا، روزىمىزنى، مەنىۋىيىمىزنى يېڭىلاشقا، گۇناھلىرىمىزنىڭ مەغپىرەت بولۇپ، قەلبلىرىمىزنى پاكلاشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.
مۇھاجىرەتتىكى پۈتكۈل قېرىنداشلىرىمىزنى دۇئالار قوبۇل بولىدىغان بۇ مۇبارەك ئايدا خىتاي ئاسارىتىدىكى ۋەتىنىمىزدە زۇلۇم چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇماسلىقىنى ۋە چۈشكۈنلەشمەي ئۈمىدۋار بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ رامىزان ئېيىنىڭ زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە ۋەسىلە بولۇشىنى جانابىي ئاللاھتىن تىلەيمىز.
ھۆرمەت بىلەن: ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

بۇ خەۋەر 1439 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2020 17:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق