خىتاي دائىرىلىرى خوڭكوڭ نامايىشىنىڭ ھېسابىنى ئېلىشقا باشلىدى

جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى 18-ئاپرېل خوڭكوڭدىكى بىر تۈركۈم دېموكراتچىل شەخسلەرنى تۇتۇپ كەتكەن.

خەۋەردە خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ بىر قىسىم دېموكراتچىل تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن بولۇپ 15 كىشىنى ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەنلىكى، ھەممىسىنىڭ بۇلتۇرقى خوڭكوڭ نامايىشى بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. خوڭكوڭ دائىرىلىرى ئۇلارغا «قانۇنسىز يىغىلىشقا تەشكىللەش» دېگەن جىنايەتنى ئارتقان بولۇپ، تۇتقۇن قىلىشنىڭ يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خوڭكوڭدىكى بىر پارلامېنت ئەزاسى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ۋىرۇس مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، خوڭكوڭ نامايىشىغا ئالاقىدار كىشىلەردىن ھېساب ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئو تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى، سىياسىي مەنپەئەت ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ خوڭكوڭدىكى پىكىر ئەركىنلىكى، نامايىش ئەركىنلىكى قاتارلىق ئىنسانىي ھوقۇقلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 586 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2020 12:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق