خوڭكوڭدىكى نامايىش جەريانىدا كۆپلىگەن ساقچىلار ئىستېپا بەرگەن

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇلتۇر 6-ئايدىن باشلاپ بۇ يىل 2-ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە خوڭكوڭدا جەمئىي 446 ساقچى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.

مەزكۇر ساقچىلار پېنسىيەگە چىققانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان بولۇپ، ھەممىسى تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، تۇيۇقسىزلا ئىستېپا سورىغان. بۇلاردىن سىرت يېڭىدىن ساقچىلىققا تىزىملاتقانلارمۇ زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتكەن.

ئاسىيادىكى ئەڭ ياخشى ساقچىلار دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان خوڭكوڭ ساقچىلىرى خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان نامايىش جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن نامايىشچىلارنى زوراۋانلىق ئۇسۇلى بىلەن باستۇرغان، خالىغانچە تۇتقۇن قىلغان. بۇ سەۋەبلىك خوڭكوڭ ساقچىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋە خوڭكوڭ خەلقىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، كېيىنكى مەزگىللەردىكى نامايىش ساقچىلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن قۇربان قىلىنغانلىقىنى، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تىزگىنلەش كۈچى بولمىغىنىدا، تېخىمۇ كۆپ ساقچىلارنىڭ خىزمىتىنى تاشلاپ كېتىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 585 قېتىم كۆرۈلدى
10/04/2020 11:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق