ئۇيغۇرلارنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى خىتاينى بىئارام قىلماقتا

 

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا خىتاي تەرىپىدىن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سەۋەبسىز قامالغان تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ، خىتاينى بىئارام قىلىشقا باشلىغان. خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداپ تارقىتىۋاتقان يالغان تەشۋىقاتلىرىغا قارشى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ۋە داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرىدا بېرىلگەن گۇۋاھلىقلار ۋە دەلىل-ئىسپاتلار خىتاينى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان.
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسى» نەنخۇا ئەتىگەنلىك گېزىتىدە بىر ھۆججەت ئېلان قىلغان. ھۆججەتتە ئىسھاق پەيزۇللاھ ۋە زورەمخان مۇتەللىپ ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ قومۇل شەھىرىدە نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى، تىۋىتتېردە ئېلان قىلىنغان ئىككىيلەننىڭ لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1783 قېتىم كۆرۈلدى
14/05/2019 17:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق