5-ئاپرېل بارىن جىھادىنى ئۇنتۇمايمىز

يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان 5-ئاپرېل كۈنى بارىن جىھادىغا دەل 30 يىل بولغان خاتىرە كۈن بولۇپ، بۇ پاجىئەلىك كۈننى ۋە شېھىتلىرىمىزنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز.
بۇندىن 30 يىل بۇرۇن، يەنى 1990-يىلى 5-ئاپرېل بارىن خەلقى خىتاينىڭ زالىم سىياسىتىگە قارشى قوزغىلىپ، ئازغىنە كۈچى بىلەن خىتاينىڭ نەچچە ئون ھەسسە كۆپ كۈچىگە قارشى نەچچە كۈن باتۇرلارچە جەڭ تۇرغان. ئاخىرىدا خىتاي ھەربىي قىسىملىرى يەردىن ۋە ھاۋادىن تەڭلا ھۇجۇم قوزغاپ، 20 مىڭغا يېقىن نوپۇسى بولغان بارىن يېزىسى خەلقىگە ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك دېمەستىن ۋەھشىيلەرچە قەتلىئام يۈرگۈزگەن. ھايات قالغانلارنى بولسا تۈرمىگە تاشلىغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان كۈنىدىن تارتىپ، باشتىن-ئاخىر ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلدى. يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە خىتاي يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئومۇميۈزلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ، باستۇرۇش سىياسىتى يېڭى بىر پەللىگە چىقتى.
بىز مۇشۇنداق بىر پەيتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ باش ئەگمەس روھىنىڭ سىمۋوللىرى بولغان بارىن شېھىتلىرىنى چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەيمىز.
بۇ يىل تۈركىيەدىكى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك بارىن قەتلىئامىنى خاتىرىلەش يىغىلىش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ بۇ ئالاھىدە كۈندە شېھىتلەرنى دۇئالىرىدا ياد ئېتىشىنى، خىتاينىڭ ۋەھشىي جىنايەتلىرىدىن بىرى بولغان بۇ قەتلىئامنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە قايتىدىن ئەسلىتىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۇ خەۋەر 797 قېتىم كۆرۈلدى
03/04/2020 22:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق