خىتاي ۋىرۇسى «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى

خىتاي ۋىرۇسى «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى
30-مارت ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پەيدا بولغان ۋىرۇس «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
خىتاي ۋىرۇسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ۋۇخەندە بايقالغاندىن بۇيان، دۇنيادىكى 160 دۆلەتكە تارقىلىپ، 700 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۇقۇملانغان، خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت توختىغان. ۋىرۇس خىتاي ئىقتىسادىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىللە، خىتاي دىپلوماتىيەسىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. جۈملىدىن شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»سودا پىلانىغىمۇ تەسىرىنى كۆرسەتكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرى ۋىرۇس «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنى قىسقا مۇددەت كېچىكتۈرسىمۇ، يەنىلا داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. ئەمما پاكىستاننىڭ پىلان تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات مىنىستىرى ئاساد ئۆمەر شۇ يەردىكى «مىللەت» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ۋىرۇسى داۋاملىق يامراپ كەتكەن ئەھۋالدا، 62 مىليارد دوللارلىق خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ قۇرۇلۇش ۋاقتىنىڭ كەينىگە سۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بېنگالنىڭ تاشيول تىرانسپورت ۋە كۆۋرۈك مىنىستىرى ئوبايدۇل كۇئادېر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بودو دەرياسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بىر مىليارد 100 مىليون دوللارلىق كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن . جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى ۋە سىرىلانكىنىڭ كولومبو پورتى قۇرۇلۇشى ئاستىلىغان. كامبودژانىڭ غەربىي پورت ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى، شۇنداقلا ھىندونېزىيە، بېرما ۋە مالايشىيادىكى خىتاينىڭ قۇرۇلۇش پىلانلىرىمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلگەن.

بۇ خەۋەر 506 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2020 12:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق