خەتەرگە قارىتا ھەيران قالارلىق بىخۇدلۇقىمىز

خەتەرگە قارىتا ھەيران قالارلىق بىخۇدلۇقىمىز

دوكتور ئۆمەر قۇل

خىتاينىڭ چېچىنىڭ ئۇچىدىن تارتىپ پۇتىدىكى تىرنىقىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن ۋۇجۇدى ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر تەھدىت. ئەگەر سىز خىتاينى چۈشەنمەي تۇرۇپ بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىپ قالسىڭىز، ھەقىقەتەن بېشىڭىزغا قانداق كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى خىيال قىلىشتىنمۇ قورقىسىز.

مەن بولسام تىلىم سۆزلەشتىن قالغۇچە ۋە قولۇم قەلەم تۇتۇشتىن قالغۇچە خىتاينىڭ قانچىلىك دەرىجىدە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن. مەن دۆلىتىمىزنى باشقۇرۇۋاتقان ھۆكۈمىتىمىزدىن ئەھۋالنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ، تەدبىرلەرنى قوللىنىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىمەن.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، بىر قانچە ئايدىن بۇيان خىتاي ۋاباسى (COVİD-19)نىڭ تەھدىتى ئاستىدا ياشاۋاتىمىز. بۇ جەرياندا شۇنداق ئاجايىپ سۇيىقەست نەزەرىيەلىرىنى ئوقۇدۇمكى، بىر ئىنسان مۇنداق نەرسىلەرنى قانداق يېزىپ چىقىدىغاندۇ، دەپ تولا ئويلىنىپ، بەزىدە ئېغىزىمنىڭ ئېچىلىپ قالغان ۋاقىتلىرىمۇ بولدى.

بۇ شۇنداق ئاجايىپ سۇيىقەست نەزەرىيەلىرىكى، ۋابانىڭ خىتايدىن چىقمىغانلىقىدىن تارتىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ بىر بىيولوگىيە ئالىمىغا ناھايىتى كۆپ مىقداردا پۇل بېرىپ تەجرىبىخانىدىن چىقارغىنىغا قەدەر، بۇ بىيولوگىيەلىك قورال ئارقىلىق دۇنيا نوپۇسىنى 500 مىليونغا چۈشۈرىدىغانلىقىدىن تارتىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ يۇقۇملۇق خىتاي ۋاباسىنى باھانە قىلىپ ياۋروپاغا ئەسكەر توپلىغانلىقىغا قەدەر، يېقىندا بىر دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىدىغانلىقىدىن تارتىپ، ئەسلىدە بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتاينى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن پىلانلىق ھالدا ئوينىغان ئويۇنى ئىكەنلىكىگە قەدەر، پالان، پۇكۇن، پۇستانچى... دېگەندەك ئاجايىپ سۇيىقەست نەزەرىيەلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 لېكىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بارلىق سۇيىقەست نەزەرىيەلىرىدە بىر نەرسە داۋاملىق نەزەردىن ساقىت قىلىندى ياكى قەستەن بۇرمىلاندى. ئۇ بولسىمۇ خىتاي ۋاباسىنىڭ ئەسلى نەدىن چىققانلىقى.

 بىلمىگەنلەر ئۈچۈن تەكرارلاپ ئۆتەيلى: «COVİD-19» دېگەن خىتاي ۋاباسى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن چىقتى. بۇ ۋابانى تىزگىنلىيەلمەي، خىتايغا ھەمدە پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىشىغا سەۋەب بولغانمۇ يەنە شۇ خىتاي دائىرىلىرى.

ھەقىقەت مۇشۇنداق ئىكەن، بىز ئەمدى كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە دۇنيانىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ياكى ھازىرقى ئەھۋالغا كېلىشىنىڭ سەۋەبى توغرۇلۇق بەزى سوئاللىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقايلى. چۈنكى بىزدەك ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلارنىڭ ئەلۋەتتە سوئال سوراش ھەققىمىز بار.

 1. خىتاي ۋاباسىنىڭ تارقىلىشى سەۋەبلىك بارلىق دۆلەتلەرنىڭ پاي چېكى بازىرى چۈشۈپ كەتتى، ئەمما نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ پاي چېكى بازىرى يۈكسەلدى ياكى قىممىتىنى ساقلاپ قالدى؟

 2. خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغانلىقى يېزىلىپ، قايتا-قايتا ئېيتىلغان، ھەتتا سۇيىقەست نەزەرىيەسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان «سودا ئۇرۇشلىرى»نىڭ ئەھۋالى نەدىن نەگىچە؟

 3. شەرقىي تۈركىستاندىكى «تەربىيەلەش لاگېرلىرى»نىڭ، مەجبۇرى يۈرگۈزۈلگەن «قوشماق تۇغقان سىياسىتى»نىڭ، بالىلار ئۈچۈن قۇرۇلغان ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى»نىڭ ئەھۋالى قانداق بولدى؟ بۇلار تاقالدىمۇ؟ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى نورماللاشتىمۇ ياكى دۇنيانىڭ دەردى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن قالغاندا، بۇنى پۇرسەت بىلگەن خىتاي ئادەم قىيناشتا ۋەھشىيلەرچە غالجىرلىشىپ، ئاخىرقى چېكىگە يەتتىمۇ؟

 4. خوڭكوڭدىكى نامايىشلار ياكى نامايىشچىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولدى؟ خوڭكوڭنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟

 5. گوللاندىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا ھەرقانچە يالۋۇرسىمۇ، «ستېپپېر ئۈسكۈنىلىرى» (STEPPERcihazlarını) سېتىپ بەرمىگەن ئىدى. ھازىر خىتاي دائىرىلىرى گوللاندىيەگە تېببىي بۇيۇملارنى ياردەم قىلىش بەدىلىگە سېتىۋالالمىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ ئەھۋالنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ ئۆزەك سېتىۋېلىش ئۇنىڭدىن كېيىن بۇنى تەقلىد قىلىپ ياساشنى ئويلىغان خىتاينىڭ مەقسىتى نېمە بولۇشى مۇمكىن؟

6. خىتاي ۋاباسى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن چىقىپ ئاندىن دۇنياغا تارقالغان تۇرسا، مانا ئەمدىلىكتە تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىسى ياكى كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ ھەممە تېلېۋىزور قاناللىرىغا بېرىپ، خىتاي ۋاباسىنى قانداق قىلىپ تۈگەتكەنلىكىنى، تېببىي دورا، ئەسلىھەلەرنى ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ۋابا كېسىلىنىڭ دورىسىنى ئىشلەپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ، پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنى گويا بىر قۇتقۇزغۇچىدەك قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقى، ياۋروپاغا دوختۇر ئەۋەتىشى ۋە تېببىي بۇيۇملارنى سېتىشى قاتارلىقلارنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟

7. خىتاي تۇرۇپلا «ۋاكسىنا قانۇنى» دەپ بىر قانۇن چىقىرىپ، ئارقىدىنلا خەلقىنىڭ بەدىنىگە بىيولوگىيەلىك ئۆزەك ئورنىتىپ، ئاندىن بىر يېرىم مىلياردقا يېقىن نوپۇسىنى رەقەملىك تۈرمىگە تىققانلىقىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئەگەر بۇ پىلان خىتايدا ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، بۇ ئەھۋالنىڭ دۇنيادىمۇ يولغا قويۇلۇش ئېھتىماللىقىنى نېمىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ پەرەز قىلىش كېرەك؟ خىتاينىڭ مۇشۇنداق قىلىپ ھەممە نەرسە كونترول قىلىنىدىغان بىر دۇنيا بەرپا قىلماقچى بولۇشتىكى مەقسىتى سىزچە نېمىدۇ؟

8. خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ قارار چىقىرىدىغان مۇھىم ئورۇنلىرىغا ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى ئۆزىنىڭ سۆزىدىن چىقمايدىغان ئادەملەرنى تەيىنلەش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا پۇل ئاجرىتىشىدا سىزچە ھېچقانداق يامان نىيىتى يوقمىدۇ؟

9. خىتاي ۋابا كېسىلى تارقالغاندىن كېيىن خۇددى ھېچقانداق جىنايىتى يوقتەك بىر سىياققا كىرىۋېلىپ، چەت ئەلدىكى خەلقىنى خىتايغا قايتىپ كېلىشكە قىزىقتۇرۇشى، تېخى ئۆزىگە ئالاھىدە تۈس بېرىپ، ۋىرۇس خەۋپى بار دۆلەتلەرگە ساياھەت قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن خەلقىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق قانداق سىگنال بەرمەكچى؟

10. خىتاي خەلقى تېخى 1-ئايدا ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتلىرىدىكى يازمىلىرىدا توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە تاسلا قالغان ئىدى. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ بىردىنلا گۈلىستانلىققا ئايلىنىپ كەتكەندەك بىر قىياپەتتە كۆرۈنۈشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟

11. بۇ خىتاي ۋاباسىنى خىتاي ئۆزىنىڭ تەرەپ-تەرەپتىن دۇچ كەلگەن ئېغىر بېسىمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇش ئېھتىماللىقى يوقمۇ؟

بۇ ۋە بۇنىڭدەك سوئاللار خېلىلا كۆپ. ئەمما بىز ئوقۇرمەنلىرىمىزنى زېرىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن بولدى قىلدۇق.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىپ، كىشىلەرنى ئۆيلىرىدىن چىقماسلىققا مەجبۇرلىماقتا. ئەمما بىز ۋابا كېسىلى چىققان خىتاينىڭ بىردىنلا گۈل-گۈلىستانلىققا ئايلىنىپ قېلىشى، تېخى بۇ يەتمىگەندەك خىتاينىڭ ئۆزىنى دۇنياغا بىر قۇتقۇزغۇچى قىلىپ كۆرسىتىشىدەك ئاجايىپ ئەھۋالغا دۇچ كەلدۇق. ئەپسۇسكى، خىتاي بىر قانچە دۆلەتتە ئۆزىنى دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى قىلىپ كۆرسىتىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندەك كۆرۈنمەكتە.

بىز سۇيىقەست نەزەرىيەسىگە بەكمۇ ھېرىسمەن، ئىنتايىن قىزىقارلىق بىر خەلق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، مەن سىزگە ئەمەلىيەتكە ئەڭ ئۇيغۇن بىر سۇيىقەست نەزەرىيەسىنى مىسال قىلىپ ئۆتىمەن:

خىتاي بۆلەك زەنجىرى (Blockchain) سىستېمىسى قۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ. بۇ تۈر ئارقىلىق رەقەملىك پۇل سىستېمىسىغا ئۆتۈپ، ئىنسانلارنىڭ بەدىنىگە ئورنىتىلغان ئۆزەكلەرنىڭ ياردىمى بىلەن بارلىق خەلقنى 24 سائەت بويىچە نازارەتكە ئېلىش ئارقىلىق يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا. خىتاي بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق دۇنيادا ھېچكىم ئەيىبلىيەلمەيدىغان، نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلىدىغان، قىلغان ئىشىغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدىغان بىر يېڭى زومىگەر كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماقچى بولۇۋاتىدۇ . خىتاي ئاللىبۇرۇن بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بولدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەتتا مىلياردلىغان ئىنسانلار ئۆلۈپ كېتىدىغان بىر ئۇرۇشنىڭ چىقىشىغىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ. چۈنكى شى جىنپىڭنىڭ چوقۇنغۇچىسى بولغان ماۋزېدۇڭ: «بىز ئەمەس، سىلەر ئويلىنىپ كۆرۈڭلار. ئەگەر شۇنداق بىر ئۇرۇش بولۇپ قالسا، ئۇرۇشتا نوپۇسىمىزنىڭ يېرىمى ئۆلۈپ تۈگىسىمۇ، قالغان يېرىمى بىلەن سىلەرنى يەنىلا مەغلۇپ قىلالايمىز» دېگەن.

دۇنيادا، بۇ زېمىندا بۇنداق بىر ۋەھشىيلىككە خىتايدىن باشقا قايسى دۆلەت تەۋەككۈل قىلالايدۇ؟

بىز بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن «خىتاي كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ ، ئۇ يىلدىن-يىلىغا كۈچىيىپ، دۇنيانىڭ بىردىنبىر زومىگەر كۈچىگە ئايلانماقچى» دېگەن ئىدۇق. ئەمما ئۇ يىللاردا كۆپلىگەن كىشىلەر بىزنىڭ گېپىمىزگە ئىشەنمىگەن ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ گېپىمىزگە ئىشەنمىگەنلەر ئېھتىمال ھازىرمۇ ئىشەنمەيدۇ.

بىز ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇق، خالاس. ئەمما ۋاقتى-سائىتى كېتىشتىن، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن بۇرۇن دۇنيا ئەقلىنى ئىشلىتىشى لازىم.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

بۇ خەۋەر 20772 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2020 10:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق