شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن مۇھاجىرلارغا كۆڭۈل سۆز

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن مۇھاجىرلارغا كۆڭۈل سۆز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز ۋە مۆھتەرەم قېرىنداشلىرىم! خىتاي ۋىرۇسى پۈتكۈل دۇنيادا ۋە تۈركىيەدە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ۋە خىزمەت-پائالىيەتلىرىنى تەسىرگە ئۇچرىتىپ، كۈندىن-كۈنگە جىددىي تەھدىت پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى، ئائىلىلىرىڭلارنى، بارلىق خەلقىمىزنى ۋە ئۈممەتنى بۇ ۋابادىن قوغدىغاي، (ئامىن)! ئۈمىدسىزلىككە باش ئەگمەي، بۇ ۋابادىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچلەندۈرەيلى. ئىنشائاللاھ، بۇ كۈنلەرمۇ ئاچچىق بىر ئەسلىمە بولۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە ئۇچرىشىشلارنىڭ توختىشىغا ئەگىشىپ دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق رىشتىمىزمۇ ئاجىزلىشىپ قالمىسۇن، تېلېفون، تور ۋاسىتلىرى ئارقىلىق بولسىمۇ ھال-ئەھۋال سورىشىپ، سۆھبەتلىشىپ تۇرايلى.
دەۋا مەسىلىسىگە كەلسەك، ئەلۋەتتە بوشاشماي تىرىشچانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. مېدىيا، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە باشقا مۇمكىن بولغان ۋاسىتىلەردىن ئەڭ ياخشى تەرىقىدە پايدىلىنىپ، دەۋاغا ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ ۋەزىيەتتە تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يېقىندىن كېڭىشىپ، ھەمكارلىشىپ، سىياسىي ھەرىكەت ئىستراتېگىيەسى تۈزۈپ، دەۋانى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولايلى. ئەلۋەتتە، ھەممەيلەن شەخسىي جەھەتتىن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
ئۆزئارا قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇقىمىزنى، ئىناق-ئىتتىپاقلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتەيلى. ئۆزئارا قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇقىمىزغا، ئىناقلىقىمىزغا زىيان يەتكۈزىدىغان گەپ-سۆزلەردىن ساقلىنىشىمىز، بۇ ھەقتە پىتنە-پاساتلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى توسۇپ قېلىشىمىز، خەلقىمىز بىلەن تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشقا سەۋەب بولىدىغان ۋە كۆڭلىمىزنى رەنجىتىدىغان، ئۈمىدسىزلىككە ئۈندەيدىغان گەپ-سۆزلەردىن ساقلىنىشىمىز ۋە ئەتراپىمىزدا بۇ خىل ئىللەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا ھەم يول قويماسلىقىمىز لازىم.
خىتاي ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆيدە تۇرۇش، سىرتقا چىقماسلىق تەۋسىيەسى ۋە بۇيرۇقلار تەكىتلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن سىرتقا چىقىشقا چەكلىمە قويۇش ئېھتىماللىقى بار. بۇ ۋەزىيەت داۋاملاشقان ئەھۋال ئاستىدا، مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىنىڭ، ئېھتىياجلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. بۇ توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى بارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى ئۆلىمالىرىمىز ۋە زىيالىيلىرىمىز بىلەن بۇ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە جىددىي ھەرىكەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى. ئاللاھ بۇ خىزمەتتە مەقسەت-نىشانغا يېتىشكە مۇۋەپپەق قىلسۇن.
ئاخىرىدا سەمىمىيلىك بىلەن ھەرقايسىلىرىغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، مەن ۋە سەپداش ئۇستازلىرىمىز خۇشاللىقتا ۋە قايغۇدا خەلقىمىز بىلەن ھەر ۋاقىت بىر سەپتە تۇرىمىز. قازىنىمىزدىكى تاماقنى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا تەشنا ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ قېلىشىڭلارنى سەمىمىيلىك بىلەن ئىزھار قىلىمەن، قېرىنداشلار ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتەيلى، ماددىي–مەنىۋى جەھەتتە ھەمكارلىشايلى!
ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ يار ۋە ياردەمچىسى بولغاي.
ئالىي ئېھتىرام بىلەن قېرىندىشىڭلار: ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

بۇ خەۋەر 1279 قېتىم كۆرۈلدى
28/03/2020 19:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق