شىۋىتسارىيەلىك دەۋەتچى ۋە نەمۇنىلىك ئانا نورا ئىللى خانىم 36 يېشىدا ۋاپات بولدى

شىۋىتسارىيەلىك دەۋەتچى ۋە نەمۇنىلىك ئانا نورا ئىللى خانىم 36 يېشىدا ۋاپات بولدى
شىۋىتسارىيە خەۋەرلىرى تورى swissinfo نىڭ خەۋىرىگە كۆرە، شىۋىتسارىيەلىك دەۋەتچى ۋە نەمۇنىلىك ئانا نورا ئىللى خانىم 36 يېشىدا يىللار بۇرۇن گىرىپتار بولغان راك كېسىلى سەۋەبلىك 3- ئاينىڭ 23- كۈنى ۋاپات بولدى
نورا ئىللى خانىم 1984-يىلى شىۋىتسارىيەدە تۇغۇلغان.
ئۇ شىۋىتسارىيەلىك داڭلىق دوختۇر ئىللى فىشىنگېردنىڭ قىزى بولۇپ 2002 - يىلى 18 ياش ۋاقتىدا دۇبەيگە قىلغان ساياھىتىدىن كېيىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ۋە 20 ياشقا كىرگەندە نىقابلانغان.
ئۇ شىۋىتسارىيەدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرىدە ئىلاھىيەت پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ تەشۋىقاتى سەۋەبلىك شىۋىتسارىيە ، گېرمانىيە ۋە ئاۋىستىرىيەدە يۈزلىگەن ئاياللار مۇسۇلمان بولغان.
ئۇ شىۋىتسارىيەدىكى ئىسلامنى ئەڭ كۈچلۈك قوغدىغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ تونۇلغان بولۇپ،
شىۋىتسارىيە مەركىزى ئىسلام كېڭىشى (SCIS) نى قۇرغۇچىلىرىدىن بىرىدۇر. مەزكۇر مەركەز خرىستىئانلاردىن ئىسلامغا كىرگەنلەرگە يول كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنىڭ سىياسى سەھنىدە كۈچلۈك رول ئېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا مۇھىم ۋەزىپە ئۆتەپ كەلمەكتە.
ئۇ گېرمانىيە تېلېۋىزىيە قانىلى ARD دىكى بىر سۆھبەت پروگراممىسىدا: "مەن نىقاب كىيىشتىن بۇرۇن، ياشلار ماڭا تاۋار مالدەك مۇئامىلە قىلدى، ئۇلار پەقەت بەدىنىمگە قىززىقاتتى، ئەمما نىقابنى كىيگەندىن كېيىن ئۇلار ماڭا ئايالدەك مۇئامىلە قىلدى" دېگەنىدى.
ئۇنىڭ نىقابلىنىش مەسىلىسى ۋە ئاكتىپ خىزمەتلىرى شىۋىتسارىيەدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ھەرخىل سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىدى.

بۇ خەۋەر 26876 قېتىم كۆرۈلدى
28/03/2020 07:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق