ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ۋىرۇسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ۋە ياشاشقا تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم، شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلىرىم! دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر زۇلۇمنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئاللاھقا بولغان مۇستەھكەم ئىمانى، قېنىدا بار بولغان غەيرەت ۋە تىز پۈكمەس جاسارىتى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان دەردداشلىرىم! ئاللاھنىڭ سالامى، مەغپىرىتى ۋە بەرىكىتى ھەمىمىزگە بولسۇن! ئاللاھ ھامىيلىق سۈپىتى بىلەن خىتاي ۋىرۇسىدىن ھەممىمىزنى سالامەت قىلسۇن، ئامىن!

بىز ئۇيغۇرلار بېشىمىزغا كەلگەن دەرد، مۇسىبەت ۋە مۈشكۈلچىلىكلەردىن ھېچقانداق بىر مىللەتتە بولمىغان چىدام ۋە كۈچلۈك روھ بىلەن قۇتۇلۇش يولى تېپىشقا تىرىشىپ كەلگەن، تاغدەك دەردنى قوناق دانىسىدەك كىچىك بىلىپ يېڭىلمەي كەلگەن بىر مىللەت. دۆلىتى بولمىسىمۇ، دۆلىتى بارلاردىن بەكرەك، ھەق-ھوقۇقى بولمىسىمۇ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇق-ئىمتىيازى بار ئادەمدەك مەيدىسىنى تىك تۇتۇپ ياشىيالايدىغان كۆزى توق بىر مىللەت. ئادەتتە بىر-بىرىمىزنى چىشلەپ تارتىشقان بىلەن، سەن قارا، مەن ئاق، سەن پاكار، مەن ئېگىز، دەپ تۆر تالاشقان بىلەن، دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ پۇتىغا تىكەن كىرسە، دۇنيانىڭ يەنە بىر چېتىدە تۇرۇپ ۋايجان دەيدىغان بىر مىللەت.

ئاز ساندىكى قېنى بۇزۇق، ھارامدىن ئېغىزلىنىپ قالغان مۇناپىق سۈپەتلەردىن باشقىسى ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى تۆكسىمۇ، ئارقىدىن پىچاق ئۇرسىمۇ، كەمچىللىكلەردىن ئاغرىنىپ سۆكسىمۇ، باشقا بىرى ئۇيغۇرنى سۆككەندە، ئەيىبلىگەندە كۆز نۇرىنى نەشتەر قىلىپ سانجىشتىن، قوۋۇرغىسىنى پىچاق قىلىپ كېسىشتىن باش تارتمايدىغان بىر مىللەت. خۇلاسە كالام، پۈتۈن دۇنيادىكى مىللەتلەر ئىچىدە ھەممە تەرەپتىن باھالاپ نومۇر قويغاندا ئوتتۇرىچە نومۇرى ئەڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىدا شەك يوق بىر مىللەت.

بىز شۇنداق مىللەت ئىكەنمىز، خىتاي ۋىرۇسى دۇنياغا بىر مۇسىبەت بولۇپ كەلگەن بۇ كۈنلەردە ئەلۋەتتە بۇنىڭ ھەممە ئادەم ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىمتىھانلىقى ئېنىق بولماقتا. يەنى ئېسىل ۋە قەھرىمان بىر مىللەت بولغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاشقا بىر پۇرسەت كەلمەكتە. بىز بۇ ئەھۋالدا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

بىز بۇ ئىمتىھاندىن قورققانلارنىڭ ۋە ئالاقزادە بولغۇچىلارنىڭ سېپىگە كىرىپ كەتمەي ۋە ياكى «ئاللاھقا تەۋەككۈل» دەپلا تەۋەككۈلنىڭ ئالدىدا زۆرۈر بولغان تەدبىرنى قوللانماي يۈرسەك بىزگە ياراشمايدۇ. ئەۋۋەل تۆگىمىزنى مەھكەم باغلايمىز، ئاندىن ئاللاھقا ھاۋالە قىلىمىز. بۇ جەرياندا تەدبىر قوللىنىش مەقسىتىدە جايىمىزدا تۇرغاندا ۋە ياكى بىخەتەر يەرلەرگە يۆتكەلگەندە ھەر بىر يېڭى مۇھىتنى ياخشى ئىشلارغا پۇرسەت بىلىشىمىز، تور ۋە تېلېفوننى ھال-ئەھۋال سوراش، دەرس ئاڭلاش، ياخشى ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىش ۋە ۋەسىلە بولۇش، زۆرۈر بولغان تىللارنى ئۆگىنىش ۋە پىششىقلاش، رەتلەيدىغان ماتېرىياللىرىمىزنى رەتلەش، ھايات خاتىرىسى يېزىش، ۋەسىيەت ياكى تەۋسىيەلەر يېزىپ قويۇش، ۋەتەندە بولغان زۇلۇم ۋە مۇسىبەتلەرنى خاتىرىلەپ، بولسا تارىخىي ماتېرىيال، ئارخىپ قىلىپ ساقلاشقا سۇنۇش، ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ شەجەرىسىنى خاتىرىلەپ قويۇش، ھەتتا بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان، ئالدىراشلىقتا ياكى ئېھتىيات سەۋەبىدىن ئىزدەشمىگەنلەر بىر-بىرىنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىش ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ياخشى مەزمۇنلاردا پىكىرلىشىش... ئائىلىدە ئىللىق مۇھىت يارىتىشقا تىرىشىش، بالىلارغا چىرايلىقچە چارە-تەدبىر ئۆگىتىش، ئەمما ئۇلارنى ئەندىشىگە سېلىشتىن ساقلىنىش، ھەل قىلىش، ئېنىق بولمىغان ئىش-ۋەقەلىكلەرنى تارقىتىپ، ھەمبەھرىلەپ، باشقىلارنىڭ ساراسىمىگە چۈشۈشىگە سەۋەب بولماسلىق، ئائىلە بويىچە بىرلىكتە ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، ئۇيغۇر تىلىدا ھەدىس، تەپسىر، تارىخ ۋە مەزمۇنى ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش، دادىلار ئوغۇللار بىلەن ئائىلىدە بىرلىكتە قىلالايدىغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلىرىنى ئۆگىتىش، ئانىلار قىزلارغا ئۆي يىغىشتۇرۇشتىن تارتىپ، قولدا كىر-قات يۇيۇش، ياماش، تىكىش ۋە مۇرەككەپ بولغان تاماقلاردىن تارتىپ نان پىشۇرۇشقىچە بولغان ئىشلارنى يېشى ۋە ئىقتىدارىغا قارىتا ئۆگىتىشتەك نورمال ھاياتىمىزدا قىلىپ بولالمىغان، ئالدىراشلىقتا ئويلاپمۇ بولالمىغان ئىشلارنى قىلىۋېلىشىمىزغا ياخشى بىر پۇرسەت دەپ بىلىشىمىز كېرەك.

ئۈمىد بىر چىراغدۇر، ئىمان ئىمكانىيەتتۇر. خىتاي ۋىرۇسى بىر ۋىرۇستۇر، خالاس. دۇنيادا تەڭدىشى يوق سانى بىلەن، تېز ئىلگىرىلىۋاتقان تېخنىكىسى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە تىمسىقلاپ يۈرگەن جاسۇسلىرى بىلەن، يۈكسىلىۋاتقان ئىقتىسادى بىلەن دۇنيانى ئەندىشىگە سېلىپ، زۇۋانىنى ئەتكۈزگەن خىتايغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ گېلىغا تۇرۇپ قالغان سۆڭەك ھېسابلىنىدىغان قەھرىمان ئۇيغۇر مىللىتى خىتاي ۋىرۇسىنى چوقۇم ئەڭ كۈچلۈك مەنىۋى قوشۇن بولۇپ يېڭىپ چىقالايمىز، ئىنشائاللاھ! نىيەت ۋە تىرىشچانلىق بىزدىن، تەقدىر ۋە مۇكاپات ئاللاھتىن! بىز چوقۇم غالىپ كېلىمىز، ھەم بۇ دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە! قېنى ئۇيغۇرۇم، بىسمىللاھ! مەنىۋى جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇش جىسمانىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇشتىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر ئىممۇنىتېتتۇر!

 

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر، ئىستانبۇل

بۇ خەۋەر 12100 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2020 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق