ئۇيغۇر نېنىمۇ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن قۇتۇلالمىدى

 

مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى لاگېرلارغا قامىغاندىن سىرت، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىمۇ يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاينىڭ قارا قولىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى بولغان ئۇيغۇر نانلىرىمۇ قۇتۇلالمىغان.
زىمىستان تورى بۇ ھەقتە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر نېنىنىڭ ئۇيغۇر يېمەكلىك مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىك ئىكەنلىكى، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر نانلىرىغا خىتاي بايرىقى، كومپارتىيەنىڭ بەلگىسى ۋە باشقا خىتايچە شوئارلارنى يېزىپ، بۇنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلغانلىقى ئېيتىلغان.
دوكلاتتا يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ناھايىتى ئۇلۇغلايدىغانلىقى ۋە ئەتىۋارلايدىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ۋە ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

 

بۇ خەۋەر 1569 قېتىم كۆرۈلدى
11/05/2019 17:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق