مائارىپ جەمئىيىتىدىن خىتاي كونسۇلىغا رەددىيە

بۇندىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى سۈي ۋېي خەۋەر تۈرك قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى قالايمىقان بىلجىرلىدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي كونسۇلىنىڭ يالغانچىلىقلىرىغا رەددىيە بەردى. باياناتتا كونسۇلنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى سوئالغا ئېنىق جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، تېمىنى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا يۆتكىۋالغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

باياناتتا يەنە خىتاي كونسۇلىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە يېزىقنى كۆرسەتكەنلىكى، ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن تارتىپ بارلىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى، ئىدارە-ئورگانلاردا ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى چەكلىگەنلىكى، جازا لاگېرىدىكى تۇتقۇنلارنىمۇ خىتايچە سۆزلەشكە مەجبۇرلاپ، ئانا تىلىدا سۆزلەشكە رۇخسەت قىلمىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى.

خىتاي كونسۇلى پىروگراممىدا يەنە ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆپ قېتىم بارغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ بولسا ئۇ يەرگە بېرىپ باقماي تۇرۇپ قالايمىقان سۆزلىگەنلىكىنى دەۋا قىلغان بولۇپ، باياناتتا بۇنىڭغا رەددىيە بېرىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى خەلقنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە تولۇق شاھىت بولغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ ھەقتە ھەممىدىن بەكرەك پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بارلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن ۋۇخەن شەھىرى قامال قىلىنغان بولسىمۇ، ۋۇخەندىن ئۈرۈمچىگە بولغان قاتناشنىڭلا توختىتىلمىغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك 13 مىڭدىن ئارتۇق ۋۇخەنلىكنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تارقىلىپ كەتكەنلىكى، شۇنداقلا يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر دوختۇر-سېستىرالارنىڭ ۋابا مەنبەسى بولغان ۋۇخەنگە مەجبۇرىي ئەۋەتىلگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە خىتاي كونسۇلىغا سوئال تاشلاندى.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان جازا لاگېرلىرىدىكى مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ھەققىدە تۈركىيەگە ۋە خەلقئاراغا چاقىرىق قىلىندى.

بۇ خەۋەر 709 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2020 12:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق