خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى

خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى
ۋال كوچىسى ژۇرنىلىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش كۆرسەتكۈچى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن.
خەۋەردە خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغانلىقى، بۇلاردىن سىرت خىتاي شىركەتلىرىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى، 2-ئايدىكى سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچىنىڭمۇ (PMI) 1-ئايدىكى 50 نۇقتىدىن شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ، 35.7 نۇقتىغا چۈشۈپ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ 1-ئاينىڭ ئاخىرى خىتاي ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغاندىن بۇيانقى تۇنجى ئايلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2008-يىلى 11-ئايدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچى 38.8 نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان. ئەينى ۋاقىتتا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ 2-ئايدىكى ئىشلەپچىقىرىشتىن باشقا سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچىمۇ 1-ئايدىكى 54.1 نۇقتىدىن 29.6 نۇقتىغا چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە يەتكەن. تەسىرى ئەڭ روشەن بولغان بولغان ساھەلەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ساھەسىدىن باشقا خەلق ئاۋىئاتسىيەسى، يۇمشاق دېتال، ئۆي-مۈلۈك ۋە قۇرۇلۇش قاتارلىق مۇلازىمەت كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ خەۋەر 559 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2020 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق