ئەمدى خىتاي پۇللىرىمۇ ۋىرۇستىن تازىلىنىدۇ

ئەمدى خىتاي پۇللىرىمۇ ۋىرۇستىن تازىلىنىدۇ

ئىندىپەندىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا ۋۇخەن ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلەر 1700 گە يېقىنلاشقان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى تارايتىش ئۈچۈن يەنە بىر ئىجرائاتنى قوشۇپ، خەلقنىڭ قولىدىكى بارلىق ئىشلىتىلگەن خىتاي پۇللىرىنى مىكروبلاردىن تازىلاشقا باشلىدى.

خىتاي مەركەز بانكىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بانكىلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاي يۈەنلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن ئۇلتىرا نۇر ياكى يۈكسەك ئىسسىقلىق ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ۋە پۇللارنىڭ 7 كۈندىن 14 كۈنگىچە پۈتۈنلەي مەھكەم ئېتىلگەن مۇھىتتا تۇتىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتىنىڭ رايوندىكى كېسەللىك تارقىلىشىنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە قارىتا ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەركەز بانكىسى مۇئاۋىن رەئىسى ڧەن يى ڧېي Fan Yifei قىلغان باياناتىدا، بانكىلارغا مۇمكىن بولغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭى پۇللارنى ھازىرلاش ھەققىدە چاقىرىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە خىتاي مەركەز بانكىسىنىڭ پۇل تازىلاش پىلانىنىڭ قايسى دەرىجىدە كېڭىيىدىغانلىقى تېخىچە ئېنىقسىز ھالەتتە تۇرماقتا.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا كۆرە، ۋۇخەن ۋىرۇسى كېسەللىكى، بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان نەرسە كېرەكلەر بىلەنمۇ تارقىلالايدۇ. 

نۆۋەتتە خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا كۆرە، خىتايدا ھازىر 70 مىڭغا يېقىن كىشى بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى ۋە 20 دىن كۆپرەك دۆلەتكە تارقالدى.

ئەمما كۈزەتكۈچىلەر، خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، ئەمەلىيەتنىڭ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595

بۇ خەۋەر 462 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2020 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق