كوممۇنىزمنىڭ يۈرىكى قىزىل مەيدانغا قونغان ياش

كوممۇنىزمنىڭ يۈرىكى قىزىل مەيدانغا قونغان ياش

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

1945-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۇنيا كاپىتالىزم ۋە كوممۇنىزمدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ياۋروپادا 12 دۆلەت ئامېرىكا باشچىلىقىدا بىرلىشىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO)دىن ئىبارەت خەلقئارالىق بىر ھەربىي تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقىدۇ. 1955-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىگە كەلگەندە كوممۇنىستىك دۆلەتلەردىن سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدا سەككىز دۆلەت بىرلىشىپ، پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا «ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتى» (Warsaw Pact)دىن ئىبارەت ھەربىي تەشكىلاتنى قۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادىكى دۆلەتلەر كاپىتالىزم ۋە كوممۇنىزمدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ، بىر-بىرىگە قارشى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باسقۇچىغا كىرىدۇ.

شۇنداق قىلىپ دۇنيادا كاپىتالىزم ۋە كوممۇنىزمدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنگەن دۆلەتلەر ئۆز ئارا كەسكىن رىقابەتلىشىپ ۋە دۈشمەنلىشىپ، 1980-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە سوۋۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت كوممۇنىستىك دۆلەتلەر قورال-ياراغ جەھەتتە بولسۇن، ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتە بولسۇن، كاپىتالىستىك دۆلەتلەرگە قارشى رىقابەتتە ئاجىز كېلىپ، پارچىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئەمما 50 يىلدىن بۇيان «كوممۇنىزمنى دۇنياغا خوجا قىلىمىز» دەپ كېلىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بۇ دۆلەت يەنىلا مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي جاھىللىق بىلەن تىركەشمەكتە ئىدى.

دەل مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق ۋاقىتتا ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان، ھەتتا خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان بىر ھادىسە يۈز بېرىدۇ. 1987-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئايروپىلانىغا پەقەتلا ئوخشىمايدىغان، كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدىغان، تولىمۇ كۆرۈمسىز «Cessna 172» تىپلىق كىچىك بىر مەشىق ئايروپىلانى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى كوممۇنىزمنىڭ سىموۋلى ھېسابلىنىدىغان قىزىل مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا قونىدۇ. مەيداندىكى كىشىلەر ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ قېلىشىدۇ. يوغان قاسقان شەپكىلىرىنى كىيىپ، مەيدىلىرىنى كېرىپ، مەغرۇر قىياپەتتە غادىيىشىپ، نەيزىلىك مىلتىقلىرىنى تىك تۇتۇشۇپ پوستتا تۇرۇۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ساقچىلىرى بولسا كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي، ھاڭۋاققىنىچە قاراپ قېلىشىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ چۈشى ياكى ئوڭى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي، بىر ھازاغىچە ئېسەنگىرەپ قېلىشىدۇ. ئۇلار ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ، ئەھۋالنى باشلىقلىرىغا يەتكۈزمەكچى بولىدۇ. ئەمما بۇ ئەھۋالنى قانداق دوكلات قىلىش كېرەك؟ گەپنى نەدىن باشلاش، نېمە دېيىشى كېرەك؟ ساقچىلار ئاخىرى گالۋاڭلاردەك ھەرىكەتلىرى بىلەن باشلىقىنىڭ ئالدىغا بېرىشىدۇ.

- پراپورشچىك (ساقچى باشلىقى)، قىزىل مەيدانغا بىر ئايروپىلان قوندى، قانداق يوليورۇقىڭىز بار؟

ساقچى باشلىقى ئالدىدىكى ئەسكەرگە قاراپ مەڭدەپ قالىدۇ ۋە قايتا-قايتا «نېمە دېدىڭ! قىزىل مەيدانغا ئايروپىلان قوندى دېدىڭما؟» دەپ سورايدۇ. بۇ چاغدا ساقچى باشلىقى ئۆز-ئۆزىدىن خۇدۇكسىرەپ قالىدۇ. ئۇ قول ئاستىدىكىگە: «يولداش، قىزىل مەيداندا ئايروپىلان نېمىش قىلىدۇ؟ ئاخشام ۋوتكىنى كۆپرەك ئىچىپ سالدىڭمۇ يا؟» دەيدۇ. مانا بۇ ۋەقە 1987-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى يۈز بەرگەن ئىدى.

1987-يىلى غەربىي گېرمانىيەلىك ماتھىس رۇست (Mathias Rust) گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدىكى ئۇتېرسېن (Uetersen) ئايرودرومىدىن «Cessna 172» تىپلىق تۆت كىشىلىك كىچىك بىر مەشىق ئايروپىلانىنى ئىجارىگە ئالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ماتھىس رۇست 18 ياشتا بولۇپ، پەقەت 50 سائەتلىكلا ئۇچۇش تەجرىبىسى بار، تېخى كېنىشكىسىنىمۇ يېڭى ئالغان بىر ئۇچقۇچى ياش ئىدى. ئۇنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانى باشتىلا ئېنىق بولۇپ، بۇ ئايروپىلان بىلەن ئۆزىنى دۇنيانى يوقىتىۋەتكۈدەك دەرىجىدە ناھايىتى كۈچلۈك قوراللارغا ئىگە، قۇدرەتلىك دۆلەت دەپ ھېسابلىنىدىغان كوممۇنىزمنىڭ ئانىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختىدىكى كوممۇنىزمنىڭ يۈرىكى قىزىل مەيدانغا قونۇش ئىدى. ماتھىس رۇست بۇ سەپىرىنىڭ قۇرۇق خىيالدىن پەرقى يوقلۇقىنى، ئەمەلگە ئېشىش ئىمكانىيىتى ئاساسەن يوق بولغان بىر قېتىملىق ھەددىدىن زىيادە خەتەرلىك تەۋەككۈلچىلىك ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ يولدا ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئۆز غايىسىگە يېتىش ئۈچۈن قەتئى نىيەتكە كېلىپ، ئۆلۈمنى ئالدىغا ئېلىپ قويۇپ، ئۇرۇنۇپ كۆرۈشكە بەل باغلايدۇ.

ماتھىس رۇست ئايروپىلاننى ئىجارىگە ئالغاندىن كېيىن ئۇدۇل فارو ئاراللىرى (Faroe Islands)غا قاراپ ئۇچىدۇ. بۇ ئارال تۈز سىزىق بويىچە ھېسابلىغاندا ھامبۇرگ شەھىرىگە 1363 كىلومېتىر (847 مىل) كېلىدىغان بولۇپ، 6-7 سائەت ئۇچۇشقا توغرا كېلەتتى. بۇ ئۇزۇن مۇساپىگە بېسىپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئۇ ئايروپىلاننىڭ ئارتۇق ئورۇندۇقلىرىنى ئېلىۋېتىپ، بىر بېنزىن باكى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە بۇ بېنزىننى ماتورغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان بىر ماتور ئورۇنلاشتۇرىدۇ. چۈنكى ئايروپىلان بۇ ئۇزۇن مۇساپىدە پەقەت ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۇچۇپ ئۆتىدىغان بولغاچقا، قونۇپ بېنزىن قاچىلاش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. بۇ يەردە ئارانلا 50 سائەتلىك ئۇچۇش تەجرىبىسى بولغان ماتھىس رۇستنىڭ ئايروپىلان شىركىتىنى ياكى شەخسنى ئايروپىلاننى ئىجارىگە بېرىشكە قانداق قايىل قىلغانلىقى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ.

ئۇ فارو ئاراللىرىغا سالامەت يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، دەرھال بېنزىن قاچىلاپ، ئارالنىڭ 690 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىسلاندىيەگە قاراپ ئۇچىدۇ. ماتھىس رۇست ئۇچقان بۇ ھاۋا يولى ھاۋا كېلىماتى تۇراقسىز، شاماللىق، سوغۇقتىن مۇز تۇتۇش، بېنزىن يەتمەسلىك قاتارلىق ئېھتىماللىقلار ئەڭ يۇقىرى بولغان، چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭ تەجرىبىلىك ئۇچقۇچىلىرىنىڭمۇ تېنىنى شۈركەندۈرۈۋېتىدىغان خەتەرلىك ھاۋا يولى ئىدى. ئۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق خەتەرلىك يوللارغا پەقەت كىچىك بىر مەشىق ئايروپىلانى بىلەن يولغا چىقىدۇ. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇچىدىغان ھاۋا يوللىرى تېخىمۇ خەتەرلىك ئىدى.

ماتھىس رۇست ئىسلاندىيەگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، نورۋېگىيەنىڭ غەربىدىكى بېرگىن شەھىرىگە قاراپ ئۇچىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ بۇ تەۋەككۈلچىلىك ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىنى سىناپ كۆرىدۇ. بېرگىن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن قىسقا ۋاقىت دەم ئېلىپ، دەرھال فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدىكى مالمى ئايرودرومىغا (Helsinki-Malmi Airport) يېتىپ كېلىدۇ.

ئۇ مالمى ئايدورومىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تېزلىكتە ئايروپىلانىغا ماي قاچىلاپ، ئايرودروم خادىملىرىغا ئۆزىنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولىمغا قاراپ ئۇچىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يولغا چىقىدۇ. ئەمما ئۇ سىمسىز سۆزلىشىش ئاپپاراتى ئارقىلىق خېلسىنكى بىلەن كۆرۈشۈش قېتىم سانىنى ئاستا-ئاستا ئازايتىپ، ئاخىرىدا سىمسىز سۆزلىشىش ئاپپاراتىنى ئېتىۋېتىدۇ-دە، ئىستونىيەگە قاراپ ئۇچۇشقا باشلايدۇ.

ئۇنىڭ ئايروپىلانى راداردا ئاخىرقى قېتىم خېلسىنكىنىڭ 30 كىلومېتىر شەرقىدىكى سىپو شەھىرى (Sipoo) ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ. ئايروپىلاننىڭ راداردىن غايىب بولغانلىقىنى بايقىغان ھاۋا قاتنىشى كونترول مەركىزى دەرھال قۇتقۇزۇش ئۈچۈن فىنلاندىيە چېگرا قاراۋۇللۇق پونكىتىغا خەۋەر قىلىدۇ. فىنلاندىيە قاراۋۇللۇق پونكىتىدىكىلەر سىپو شەھىرىگە يېقىن دېڭىز سۈيىدە بېنزىن بارلىقىنى بايقايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار «ماتھىس رۇستنىڭ ئايروپىلانى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن» دېگەن خۇلاسىگە كېلىدۇ. بۇ يەردە ماتھىس رۇستنىڭ بۇ پىلاننى قانداق تۈزگەنلىكى ۋە قانداق ئىشقا ئاشۇرغانلىقىمۇ ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ.

بۇ ۋاقىتتا ماتھىس رۇست ئايروپىلانىنى پەس ئۇچۇرۇپ، ئۆز ۋاقتىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان كوممۇنىست ئىستونىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىپ بولغان ئىدى. ئۇ ئىستونىيەدىن ئۇدۇل موسكۋاغا قاراپ ئۇچۇشقا باشلايدۇ.

ئۇ ئىستونىيەنىڭ شىمالىدىكى قىيالىقلار ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رادارى ئۇنى بىر نەچچە قېتىم بايقاپ قالىدۇ. يەنە ئۈچ دانە سام (SAM) ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش بازىسىنىڭ رادارىغىمۇ چۈشۈپ قالىدۇ. ئەمما نېمىشقىكىن، ماتھىس رۇستنىڭ ئايروپىلانىغا قارشى بىرەر ھەرىكەت بولمايدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ قالايمىقان ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنغان.

ماتھىس رۇست سوۋېت چېگراسىغا كىرگەندىن كېيىن موسكۋانىڭ 800 كىلومېتىر غەربىي شىمالىدىكى گدوۋ (Gdov) شەھىرىگە يېقىن ھاۋا مۇداپىئە رادارى تەرىپىدىن بايقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى دانە سۇ-15 (Su-15) ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەۋەتىلىدۇ. ئۇچقۇچىلار قوماندانلىق شىتابىدىن ماتھىس رۇستنىڭ ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈرىشىنى سورايدۇ. ئەمما نېمىشقىكىن، يەنە چۈشىنىكسىز سەۋەبلەر بىلەن رۇخسەت بېرىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئايروپىلانى ئاخىرقى قېتىم موسكۋانىڭ 500 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان سىتارايا رۇسسا بازىرىغا (Staraya Russa) يېقىن جايدا بايقىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ ماتھىس رۇست كىچىك مەشىق ئايروپىلانىنى ئۇچۇرۇپ كېلىپ، ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت دەپ ھېسابلايدىغان، ھاۋا مۇداپىئەسى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك ھېسابلىنىدىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى كوممۇنىزمنىڭ سىموۋلى بولغان قىزىل مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا كۈپكۈندۈزدە ساق-سالامەت قونىدۇ. مانا بۇ كۈن 1987-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىدى.

ماتھىس رۇستنىڭ بىر كىچىك مەشىق ئايروپىلانى بىلەن قىزىل مەيدانغا قونغانلىق خەۋىرى يالغۇز سوۋېت ئىتتىپاقىنىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانى زىل-زىلىگە كەلتۈرۈۋېتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى قانداق قىلىشنى، خەلقىگە قانداق چۈشەندۈرۈشنى، خەلقئاراغا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى خەلقىنىڭ قاتتىق مەسخىرىسىگە قالىدۇ. كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە سوۋېت ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى نومۇستىن يۈزىنى كۆتۈرەلمەي قالىدۇ. دۆلەت ئىچى قايناپ كېتىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باشتا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ چوڭ ھەربىي ئەمەلدارلار ۋە ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىرىدىن بولۇپ 150 دىن كۆپ ئەمەلدار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللار ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.

ماتھىس رۇست سوتتا نېمە ئۈچۈن ئايروپىلان بىلەن قىزىل مەيدانغا قونغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «بىر يىل بۇرۇن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى رېگان (Ronald Reagan) بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبىرى مىخائىل گورباچېف (Mikhail Gorbachev)نىڭ رېيكجاۋىك (Reykjavik)تىكى كۆرۈشۈشىدىن بىر نەتىجە چىقمىدى. مەن شۇنىڭدىن كېيىن غەرب بىلەن شەرق ئارىسىغا بىر كۆۋرۈك سېلىش ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ بېقىشنى ئويلاشقا باشلىدىم، مەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بىر تىنچلىق ئەلچىسى بولۇپ كەلدىم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇ گېرمانىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن: «ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياشاۋاتقان ھەرقانداق كىشىنىڭ بىر ۋەزىپىسى بولىدۇ، دەپ قارايتتىم. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن بىر نەتىجە چىقمىغاندىن كېيىن، مەن ئۆز غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ بېقىشنى ئويلىدىم» دەيدۇ.

ماتھىس رۇست سوۋېت ئىتتىپاقى سوتى تەرىپىدىن «چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئۇ لېفورتوۋو Lefortovo)) تۈرمىسىدە جەمئىي 437 كۈن ياتىدۇ. كېيىن رېگان بىلەن گورباچېف ئوتتۇرىسىدا ياۋروپادا ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرۇلۇق بىر كېلىشىم تۈزۈلمەكچى بولىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گورباچېف سۆھبەتكە مېڭىشتىن بۇرۇن ياۋروپاغا ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ماتھىس رۇستنى قويۇپ بېرىدۇ. ماتھىس رۇست 1988-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى گېرمانىيەگە قايتىپ كېلىدۇ.

بۇ ۋەقە ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ تېزلىشىگە سەۋەب بولىدۇ. (بەزى تۈركچە مەنبەلەردە بۇ ۋەقەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىگە سەۋەب بولغانلىقى يېزىلغان) بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ تۆت يىلدىن كېيىن، يەنى 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي رەھبىرى مىخائىل گورباچېفنىڭ (Mikhail Gorbachev) ئىستېپا بېرىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىدۇ.

ماتھىس رۇست ئۇچۇپ كەلگەن «Cessna 172» تىپلىق مەشىق ئايروپىلانىنى كېيىن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخىندىكى بىر گىرىم بۇيۇمى شىركىتى شىركەتنىڭ ئېلانلىرىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن سېتىۋالىدۇ. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن نورمال مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلىغان گېرمانىيە ھۆكۈمىتى شىركەتنىڭ ئۇ ئايروپىلاننى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن شىركەت ئايروپىلاننى ياپونىيەنىڭ بىر شىركىتىگە سېتىپ بېرىدۇ. ئارىدىن 15 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن 2008-يىلى گېرمانىيەنىڭ پەن-تېخنىكا مۇزىيى (Deutsche Technik Museum) ئۇ ئايروپىلاننى سېتىۋېلىپ، مۇزىيىدا كۆرگەزمىگە قويىدۇ.

 

بۇ خەۋەر 1381 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2020 21:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق