ئۆزىنى قەدىرلەش ۋە ئۆزىگە تەسەللىي بېرىش

ئۆزىنى قەدىرلەش ۋە ئۆزىگە تەسەللىي بېرىش

ئالماس ھاجى

1. ھەرخىل كۆز قاراش ۋە تەشەببۇسلار كىشىگە نېمىنى ياخشى كۆرۈش، نېمىنى قەدىرلەش كېرەكلىكىنى ھەرخىل نۇقتىلاردىن چىقىپ تۇرۇپ ئۆگىتىشكە تۈرتكە بولىدۇ. لېكىن ھاياتتا ھەرقانداق ئادەم تەبىئىي ھالدا  ھەممە ئىشتا ئۆزىنى مەركەز قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتى ۋە مۇمكىنچىلىكى دائىرىسىدە سۆز ۋە ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ قەلبىدە ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشتىن شەكىللەنگەن غۇبارسىز مېھىر-مۇھەببەت ئاتا-ئانىسىنى، ئائىلىسىنى، قېرىنداشلىرىنى،
ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، مەھەللىسىنى، يۇرتىنى، ۋەتىنىنى سۆيىدىغان بۈيۈكلۈككە - ۋەتەن مۇھەببىتىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ئالەمچە سۆيگۈدۇر.

شەخسىيەتسىزلىك ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىنى ياخشى كۆرگەن گۈزەل قەلبتە ئالەمچە سۆيگۈ بولىدۇ . بۇ سۆيگۈ ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىنىڭ بارلىقى بولغان ئائىلىسى ئۈچۈن، ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن پىداكارلىقنىڭ، قەھرىمانلىقنىڭ تۈرتكىسىگە ئايلىنىدۇ. ئۆزىڭىزنى سۆيگەن سۆيگۈ بىلەن ئاتا-ئانىڭىزنى چىن قەلبىڭىزدىن سۆيەلەيسىز. چۈنكى ئۇلار سىزنى سۆيگەن، سىز ئۈچۈن قان-تەرىنى ئاققۇزغان؛ ئاشۇ سۆيگۈ بىلەن ئائىلىڭىزنى، ئۇرۇق-تۇغقان، قېرىنداشلىرىڭىزنى، يۇرتداشلىرىڭىزنى ھەم چىن قەلبىڭىزدىن سۆيەلەيسىز، چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ بارلىقىڭىز، سىزنى سۆيگۈچىلەر، سىزنى قەدىرلىگۈچىلەردۇر. دېمەك، سىز سۆيگۈگە سۆيگۈ بىلەن ئېرىشىسىز. شۇڭا ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرۈشىنى بىلىشىڭىز، ئۆزىڭىز سۆيگۈنىڭ تەمىنى تېتىپ، بۇ تەمنى تەمداشلىرىڭىزغا تارقىتالىسىڭىز، ھاياتتا سۆيگۈنىڭ پەيزىنى سۈرگەن بولىسىز.

ئۆزىنى سۆيۈش شەخسىيەتچىلىكتىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئۆزىنى سۆيۈش مېھرىبانلىق، دوستلۇق، پىداكارلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان بولىدۇ. شەخسىيەتچىلىك بولسا مەنمەنلىك، ھەسەتخورلۇق، مەنپەئەتپەرەسلىك بىلەن يۇغۇرۇلغان بولىدۇ.

2. بۇ ھاياتتا بىز خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە خاتىرجەملىكنى ئىزدەيمىز، بەختسىزلىك ئىچىدە بەختكە ئىنتىلىمىز. ئېغىر كەچۈرمىشلەر بېشىمىزدىن ئۆتىدۇ. بۇ جەرياندا كۈچلۈك بېسىم ۋە روھىي سىقىلىشلارغا دۇچ كېلىمىز. خالىساق-خالىمىساق ئۇنى كۆتۈرۈشكە، بەرداشلىق بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنداق چاغلاردا بىزگە مەدەت بېرىدىغان، بىزگە تەسەللىي بېرىپ، روھ بېغىشلايدىغان يېقىنلارغا  موھتاج بولۇپ، ئەتراپقا مۆلدۈرلەپ قارايمىز. ئۇنداقلار بەزىدە بار، كۆپىنچە چاغلاردا يوق بولۇپ قالىدۇ. بار بولغاندا بۇ تەسەللىيگە ئىچ ئاغرىتىش، بىزگە بولغان ياخشى كۆڭلىنى ئىپادىلەش كۆپرەك بولۇپ كېتىپ، بۇ ئېغىرچىلىقتىن قۇتۇلۇشقا مۇھتاج بولغان روھىي مەدەتكە تولۇق ئېرىشەلمەيمىز. شۇڭا كىشىنىڭ ھاياتتا ئۆزىنى قەدىرلەشنى ۋە ئۆزىگە تەسەللىي بېرىشنى بىلىشى زۆرۈردۇر.

ئۆزىگە تەسەللىي بېرىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى رېئاللىقنى توغرا قوبۇل قىلىشتۇر. ئادەم بەزىدە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىلاجىسىز قالىدۇ. ئامالسىزلىق ۋاقىتلىق ھادىسە. ئىزدەنسە قىيىن ئىشلارنىڭمۇ چارىسى تېپىلىدۇ. رېئاللىقنى توغرا قوبۇل قىلىش دېگىنىمىز قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە ئاھ ئۇرۇپ ئولتۇرماي، ئەقىل ئىشلىتىپ، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش دېگەنلىكتۇر. بۇ دېمەك، سەۋر قىلىش دېمەكتۇر. سەۋر قىلىش كۈتۈپ ئولتۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس. ئىلاجىسىزلىق سۈكۈت قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. سەۋر قىلىش مەسىلىنى توغرا چۈشىنىپ، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىپ، سەۋەب قىلىش دېمەكتۇر. بەلكىم سىز چېكىنمەكچى بولغان ئاخىرقى قەدەمنى ئالدىغا قاراپ ئالغىنىڭىزدا سىز ئۇتۇپ چىقىشىڭىز مۇمكىن! بەلكىم سىز ھېسسىياتقا بېرىلىپ، ئالماقچى بولغان قەدەمدىن ئۆزىڭىزنى تارتسىڭىز زىياندىن ساقلىنىپ قالارسىز.

سەۋر سىزنى مۇنداق ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە قىلىدۇ. رېئاللىقنى توغرا قوبۇل قىلغاندا سىزدىكى سىقىلىش، روھىي ئازابنىڭ ئورنىنى غەيرەت-جاسارەت ۋە ئۆزىنى توختاتقان ھالدا ئەقىل ئىشلىتىپ  ئىزدىنىش ئىگىلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا قىيىن ئەھۋالدىن چىقىپ كېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تاپالايسىز.

ئۆزىنى ياخشى كۆرگەن ۋە ئۆزىگە تەسەللىي بېرىشنى بىلگەن كىشىلەر ئېغىر كۈنلەردىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ، باش قېتىنچىلىقنىڭ يولىنى تېپىشنى بىلەلەيدۇ.

بۇ خەۋەر 23217 قېتىم كۆرۈلدى
06/02/2020 18:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق