خىتاي بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىدى


خەلقئارا خەۋەرلىرى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستاندا روزا تۇتۇشنى ئومۇمىيۈزلۈك چەكلىگەن.
خەۋەردە خىتاينىڭ نەچچە يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى روزا تۇتۇشقا ئوخشاش تۈرلۈك ئىبادەتلىرىدىن چەكلەپ كەلگەنلىكى، بۇ يىلقى رامىزان ئېيىدىمۇ ئوخشاشلا روزا تۇتۇشنى مەنئىي قىلغانلىقى، دىنسىز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ روزا تۇتۇشنى چەكلىشى سەۋەبلىك ھەريىلى خەلقئارانىڭ تەنقىتىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكى كۆرسىتلىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم ناھىيەلىرىنىڭ ئورگان تور بېتىدە رامىزان مەزگىلىدە روزا تۇتۇش ۋە باشقا دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ بىردەك مەنئىي قىلىنغانلىقى، ئاشخانىلارنىڭ چوقۇم داۋاملىق تىجارەت قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1097 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2019 18:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق